تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات گۈزەل ئىستىقبالىنى يارىتىش

□شىن شىجيەن

تۆمۈر ئەجدىھا ئۇچقاندەك يۈرۈپ شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇردى، سۇنى ئىدارە قىلىش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش يېڭى سەھىپىسى پۈتۈپ چىقىلدى، ئېلېكتىر تورى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ تاغ - دەريالاردىن ھالقىدى، تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە تۇتاشتى، ئەشيا ئوبوروتى راۋانلىشىپ جاھانغا تۇتاشتى، تەرەپ - تەرەپكە يېيىلغان تۇرۇبا تورى خەلق تۇرمۇشىغا تۇتاشتى... يەر ئاستى، يەر ئۈستى، شەكىللىك، شەكىلسىز، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشى، ھازىر، كەلگۈسى، «ئون تور» شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات كەلگۈسىگە ئۇل سېلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى پۈتۈپ چىقتى.

ئۇل ئەسلىھە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تىرىكى ۋە زۆرۈر شەرتى. ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم «ئون تور»نى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش ئېنىق پىلانلاندى. «ئون تور» نۇرغۇن ئاچقۇچلۇق ساھەنى قاپلىغان بولۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدۇ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىدۇ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرىدۇ، مەسىلە ئېڭى، سىستېمىلىق قاراشنى نامايان قىلىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر.

«ئون تور»دا شىنجاڭنىڭ دۆلەت تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى چىڭ كۆزلەنگەن. «پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلىمىگەنلەر كونكرېت ساھەدىكى ئىشنىمۇ ياخشى قىلالمايدۇ»، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى جەزمەن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، تېخىمۇ زور ئەندىزە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە رولىنى نامايان قىلىشى كېرەك. ياۋروپا - ئاسىياغا تۇتاشقان چېگرا ھالقىغان يول تورى بەرپا قىلىش شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئوچۇق تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق؛ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولغان سودا ئەشيا ئوبوروتى تورى قۇرۇش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئېھتىياج چوڭ بازىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق؛ ئىچكى جەھەتتىن تەمىنلەيدىغان، سىرتقا تۇتاشقان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تورى قۇرۇش، قاپلىشى كەڭ بولغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى قۇرۇش مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق. دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا قويۇپ، «ئون تور» چوقۇم بىر رايوننىڭ نۇرى ئارقىلىق دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىگە ھۆسن قوشىدۇ.

«ئون تور» شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. ئۇل ئەسلىھە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈك ۋە چەكلىمە، شۇنداقلا ئۇنىڭدا سېلىنمىنى كېڭەيتىدىغان، ئېشىشقا تۈرتكە بولىدىغان يوشۇرۇن كۈچ بار. شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىدىغان تۆمۈريول تورى، قاتنىشى قولاي تاشيول تورى، غول لىنىيە ۋە تارماق لىنىيە تۇتاشتۇرۇلغان ئاۋىياتسىيە تورى بەرپا قىلىش جەزمەن ئادەم ئېقىمى بىلەن ئەشيا ئوبوروتىنى شىنجاڭ ئىچىدە تېخىمۇ ياخشى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ قاتنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش، چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ تەڭشەش - تىزگىنلەش كۈچلۈك بولغان سۇچىلىق تورى قۇرۇش «سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش» ئىشىنى ياخشى ئىشلەپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇشقا پايدىلىق. يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھېسابلاش كۈچى تورى ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تايانچ نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. ئاساس سېلىش كەلگۈسىگە پايدىلىق، «ئون تور» جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭغا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

«ئون تور» ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرىدۇ. تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، «ئون تور» تەرەققىيات تورى بولۇپلا قالماي، يەنە خەلق تۇرمۇشى تورى. «ئون تور» مەخسۇس «تۈجۈپىلىك، قولاي، تېز يەر ئاستى تۇرۇبا تورى»نى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىكى تەقەززاسىغا ھەقىقىي ئۇيغۇنلاشتى، ئۇ، ھەر مىللەت ئاممىنى رازى قىلىدىغان بەختلىك ماكان بەرپا قىلىشتىكى ئەمەلىي تەدبىر. نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ قارىساق، تۆمۈريول تورى، تاشيول تورى، ئاۋىياتسىيە تورىدىن تارتىپ سۇچىلىق تورى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تورى، تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورىغىچە، «ئون تور» تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى يارىتىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىدۇ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدۇرىدۇ. قىسقىسى، «ئون تور» قۇرۇلۇشى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ.

«ئون تور»دا ئىلمىي، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات پىلانى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، زور، چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھىي ھالەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇش، شەكىللەندۈرۈشنى تېزلەتكەندىلا، «ئون تور» مۇقەررەر شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا تۈرتكە بولالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.