تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئون تور» شىنجاڭغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ

ئۇل مۇستەھكەم بولسا، تەۋرەنمەي مەزمۇت تۇرغىلى بولىدۇ. ئاساس چوڭقۇر بولسا، ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ.

بۇ، خۇددى دەرەخنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر بولسا، شاخ - يوپۇرماقلىرىنىڭ بۈك - باراقسان ئۆسۈپ يېتىلگىنىگە ئوخشايدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشمۇ ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئاساسقا ئېھتىياجلىق.

ئۇل ئەسلىھە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تىرىكى. ھازىر، شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى قىلچە كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، «ئون تور»نى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىدىغان تۆمۈريول تورى، قاتنىشى قولاي تاشيول تورى، غول لىنىيە ۋە تارماق لىنىيە تۇتاشتۇرۇلغان ئاۋىياتسىيە تورى، تەڭشەش - تىزگىنلەش كۈچلۈك بولغان سۇچىلىق تورى، ئىچكى جەھەتتىن تەمىنلەيدىغان، سىرتقا تۇتاشقان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تورى، قاپلىنىشى كەڭ بولغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان سودا ئەشيا ئوبوروتى تورى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھېسابلاش كۈچى تورى، تۈجۈپىلىك، قولاي، تېز يەر ئاستى تۇرۇبا تورى، ياۋروپا - ئاسىياغا تۇتاشقان چېگرا ھالقىغان يول تورىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك.

ھاۋا بوشلۇقىدىن يەر ئاستىغىچە، ئىچكى جەھەتتە راۋان بولۇشتىن تاشقى جەھەتتە تۇتاشقان بولۇشقىچە، ئادەم ئېقىمىدىن ئەشيا ئوبوروتىغىچە، يەنە ئۇچۇر ئېقىمىغىچە... «ئون تور» ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق ئۇل ئەسلىھە تورى بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىلىنىڭ ئايلانما ھەرىكەتچان «تومۇر»ىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ

«تور» دېگەن نېمە؟ يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىلا، كىشىلەر تانىنى ئۇلاپ تور توقۇپ، سۇ بويىدا بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىنىۋالغان، تانا بىلەن كۆپ نۇقتىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن گىرەلىشىپ كەتكەن ھەر خىل سىستېما ۋە قۇرۇلمىمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن «تور» دەپ ئاتالدى، مەسىلەن، تۆمۈريول تورى، ئاۋىياتسىيە تورى قاتارلىقلار ئادەم ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ قولاي، تېز يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. 20 - ئەسىردە بارلىققا كەلگەن ئالاقە تورى ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋە ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە تېخىمۇ قولاي، تېز بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈردى.

تورلاشتۇرۇش + ئۇل ئەسلىھە تورىمۇ يول، كابېل، تۇرۇبا قاتارلىقلار ئارقىلىق شەھەر - بازارلار بىلەن يېزا - كەنتلەرنى، ئورۇنلار بىلەن ئائىلىلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قارىتا تىرەك شەكىللەندۈرىدۇ.

شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول، ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلەتتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش شارائىتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى. تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق قاتناش سىستېمىسىدا «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش» ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئېلېكتىر تورىدا «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان تۆت ھالقىسىمان تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان تۆت لىنىيە»دىن ئىبارەت ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسى شەكىللەندى؛ بىر تۈركۈم تايانچ قۇرۇلۇش، تىزگىنلەش خاراكتېرلىك سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشلىرى تېزلىتىلىپ، ئېكولوگىيە، سۇغىرىش، سۇ تەڭشەش - ساقلاش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، توك چىقىرىش بىر گەۋدىلەشكەن سۇچىلىق تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى...

شىنجاڭ زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بويىچە «ئون تور» بەرپا قىلىشنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، بارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى بىرىكتۈرۈپ قايتا بەرپا قىلىش بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنىڭ يېڭى قاتلام - دەرىجىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. «ئون تور» بوشلۇق جەھەتتە ئاسماندىن يەر يۈزىگىچە، ئاندىن يەر ئاستىغىچە بولغان ئىستېرېئولۇق ھالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، فۇنكسىيە جەھەتتە ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر ئېقىمى قاتارلىقلارنىڭ باغلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تور تىپىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى، بۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى.

«ئون تور»نى پائال بەرپا قىلىش شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرىدۇ؟

ئۇل ئەسلىھە خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئۇللۇق، باشلامچى خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك رول ئوينايدۇ. تورلاشتۇرۇش، تورنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى قۇرۇلۇش مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، تور تىپىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمى، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، بىخەتەرلىك ئۈنۈمىنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئېلاستىكلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ.

ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدىكى نۇقتىلىق ساھە، «ئون تور»نى تېز قۇرۇش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ يىل، شىنجاڭدا سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ سىجىل ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا «مەنبە خاراكتېرلىك» ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بارغانسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان تورلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى ئىقتىساد مۇھىم ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرىدۇ.

ئەنئەنىۋى ئاساسىي قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈش بىلەن بىللە، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش جەھەتتىمۇ پۇختا قەدەم بىلەن كۈچ چىقىرىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەندى. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھېسابلاش كۈچى تورى قۇرۇلۇشىدا، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جاي ھېسابلاش كۈچى مەركىزىنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرماقتا، پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن نۇقتىلار تۇتاشتۇرۇلۇپ لىنىيە ھاسىل قىلىنىپ، تۇتاشتۇرۇلۇپ تور شەكىللەندۈرۈلۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى رەقەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىنىپ، رايون خاراكتېرلىك بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش كۈچى مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە رەقەملىك يىپەك يولى بەرپا قىلىنىدۇ.

دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىش

دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشتەك يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. مۇشۇ پەيتتە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۆز رايونى بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا تېخىمۇ بولمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىشكە قويۇشى كېرەك.

بۇلتۇردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى يېقىنلىشىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى مەخسۇس چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»نى ئېنىق بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىزغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

4 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگىچە، بۇ يىلدىن بۇيان ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 2016 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 17 كۈن بۇرۇن 2000 قېتىمدىن ئاشتى. نۆۋەتتە، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسى جەمئىي 118گە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 26 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلىدى، گېرمانىيە، پولشا، ۋېنگرىيە قاتارلىق 21 دۆلەتكە بارغىلى بولىدۇ، جەمئىي قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى 37 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى.

«سانسىزلىغان كولدۇرما ئاۋازى قۇملۇقتا ياڭرىدى، يىپەك - شايىلار ئەنشىگە توشۇلدى.» نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، قەدىمكى يىپەك يولىدا سودا كارۋانلىرى، ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدا سودا ئالاقىسى، ئادىمىيەت ئالاقىسى كۆۋرۈكى بەرپا قىلىنغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، پويىزلارنىڭ گۈلدۈرلىشى بۇرۇنقى كولدۇرما ئاۋازىنىڭ ئورنىنى ئالدى، شىنجاڭدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تاۋار سودىسىنى تېخىمۇ قولايلىق تۇتاشتۇردى.

شىمال، ئوتتۇرا، جەنۇبتىن ئىبارەت شىنجاڭغا كىرىدىغان - چىقىدىغان ئۈچ چوڭ يول شىنجاڭنى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەر بىلەن زىچ باغلىدى، جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى، خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت سىستېمىسى ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇردى، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇش ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى. شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە يەتكۈزۈش ھەم دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، ھەم شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى ئۈچىنچى تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى − قومۇل - چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە. بۇ، دۆلەتنىڭ «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن 102 تۈرلۈك چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى 33 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدۇ.

ئىچكى جەھەتتىن تەمىنلەيدىغان سىرتقا تۇتاشقان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تورى قۇرۇش شىنجاڭ پىلانلاپ يولغا قويغان زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بويىچە «ئون تور»نىڭ بىرى. «14 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، شىنجاڭدا «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان يەتتە ھالقىسىمان تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان ئالتە لىنىيە»دىن ئىبارەت ئېلېكتىر تورى ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىش، بۇ، 25 مىليون تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى مەۋقە بولۇپ قالدى.

ئىلگىرىكى چاغلاردا، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن تۇتىشىدىغان يول بىرلا بولغاچقا، ئارىلىق يىراق بولغاچقا، شىنجاڭ چەت - ياقا، بېكىنمە جايدەك تۇيغۇ بېرەتتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بويىچە «ئون تور» پائال بەرپا قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىجابىي نەتىجىسىنى نامايان قىلدى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە سىڭدۈرۈش، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.

تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈش

1955 - يىلى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى دېھقان قۇربان تۇلۇم 100 جىڭدىن ئارتۇق نان تەييارلاپ، ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولغانىدى. 2020 - يىلى، قۇربان تاغىنىڭ يۇرتىدا كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمى قۇرۇلدى ھەم قاتناش باشلاندى. 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ ئايرودۇرۇمدا يەتتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن، ئۈرۈمچى، خوتەن، كورلا، قەشقەر قاتارلىق شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى شەھەرلەرگە بارغىلى بولىدىغان بولدى، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى ۋە ناھىيە رايونىدىكى خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ئىنتايىن زور قولايلىق يارىتىلدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئايرودۇرۇمدىن 25ى بار، خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپىدە «غول لىنىيە ۋە تارماق لىنىيە تۇتاشتۇرۇلغان، ئومۇميۈزلۈك تورلاشقان» ئاۋىياتسىيە تورى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇنۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ قولايلاشتى.

قاتناش - سەپەرگە چىقىش، بىخەتەر سۇ ئىچىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش... خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ ئاممىۋى مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە تايىنىلىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنىڭ تىرەك بولۇشىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ. زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بويىچە «ئون تور» پائال بەرپا قىلىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىدۇ.

خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى خەلق ئاممىسىنىڭ «ئاشلىق» «كۆكتات» ئىستېمالىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر تۈرلۈك كەم - كوتسىز خەلق تۇرمۇشى ئىگىلىكى ھېسابلىنىدۇ. سۇ بايلىقى چەكلىمىسى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق چەكلەش ئامىلى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى سۇ بايلىقىدىن ئىلمىي پايدىلىنىش، مۇۋاپىق قوغداش مېخانىزمىدىكى باش ۋەزىپە قىلىپ، تەڭشەش - تىزگىنلەش كۈچلۈك بولغان سۇچىلىق تورىنى پائال بەرپا قىلىش داۋامىدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماقتا.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا تۈرلۈك سۇ ئامبىرىدىن جەمئىي 641ى ياسالدى(بىڭتۇەننىڭكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، غول، تارماق، ئوق ئۈچ دەرىجىلىك ئۆستەڭلەرنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 125 مىڭ 400 كىلومېتىر بولۇپ، سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەر تەدرىجىي تولۇقلانماقتا. 2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ سۇغىرىش سۈيىدىن پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتى 0.575كە يېتىپ، 2022 - يىلىدىكىدىن 0.002 يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مۇشۇ بىر تۈردىلا، ھەر يىلى تېجەپ قېلىنغان سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ بايلىقى 100 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشتى، بۇ سۇ بىلەن تەخمىنەن 120 مىڭ توننا ئاشلىق ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.

زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تۆھپە قوشتى.

شىنجاڭ قاپلىنىشى كەڭ دائىرىلىك بولغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورىنى پائال بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 24 ناھىيە، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 52 تۇەن - مەيدانىدىكى 11 مىليون ئاھالىگە نەپ يەتكۈزىدۇ. قۇرۇلۇۋاتقان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 - لىنىيە قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا سىستېمىسىنىڭ يىللىق يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 100 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بويىچە ئومۇمىي گاز يەتكۈزۈش مىقدارى 830 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ، 400دىن ئارتۇق شەھەر، 3000دىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانا ۋە 500 مىليونغا يېقىن خەلققە نەپ يەتكۈزۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە. شىنجاڭ بەرپا قىلغان زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بويىچە «ئون تور» دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ قوشىدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.