تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

دىققەت! ئۈرۈمچى - سانجى تېز سۈرئەتلىك يولى قۇرۇلۇش قىلىش سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە تاقىلىدۇ

   رايون توك تەقسىملەش تورى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، 12 ـ شى «1 ـ ماي» دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ 110 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇپ، يول قاتنىشىنىڭ بىخەتەر، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»دىكى ئالاقىدار قانۇن ـ نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، G312K4193 + 700 مېتىرلىق جايدىكى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى تۆۋەنكى كۆۋرۈك قوشۇمچە يولىدىن G312 لىنىيەسىدىكى ئۈرۈمچى ـ سانجى تېز سۈرئەتلىك يولى سانجى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى بىلەن ئۈرۈمچى ـ غۇلجا شەرقىي يولى تۆت كوچا ئېغىزىدىكى قاتناش چىرىقى كېسىشكەن يول بۆلىكىدە ۋاقىتلىق يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، قۇرۇلۇش مەزگىلىدە قاتناشنى تارقاقلاشتۇرۇش كونكرېت ئۇقتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە:

 تاقىلىدىغان ۋاقىت: 

   4 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى سائەت 00:00دىن 03:30غىچە

   4 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى سائەت 00:00دىن 03:30غىچە

تاقىلىدىغان يول بۆلىكى

   بىرىنچى، ئۈرۈمچىدىن سانجىغا بارىدىغان ئاساسىي لىنىيە «1 ـ ماي» دېھقانچىلىق مەيدانى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدە ئېتىۋېتىلىدۇ، باغلىما يولدىن چىقىپ كېتىشكە بولىدۇ، «1 ـ ماي» دېھقانچىلىق مەيدانى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن سانجىغا بارىدىغان يۆنىلىشتىكى باغلىما يول، S112 لىنىيەسى، ئۈرۈمچى - سانجى شىمالىي قوشۇمچە يولى تاقىلىدۇ، سانجىغا بارىدىغان ئاپتوموبىللار «1 ـ ماي» دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ئايلىنىپ ئۆتىدۇ.

   لىنىيە: چۇڭۋۇ يولى ياكى دۇڭپىڭ چوڭ يولى ← ئەنبيەن كوچىسى يولى ← «1 ـ ماي» چوڭ كۆۋرۈكى ← تاشقى ئايلانما يولى ياكى ساغلاملىق شەرقىي يولى.

   ئىككىنچى، سانجىدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان يۆنىلىشتىكى ئاساسىي لىنىيە سانجى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى بىلەن ئۈرۈمچى - غۇلجا شەرقىي يولى تۆت كوچا ئېغىزىدىكى قاتناش چىرىقى كېسىشكەن جايدا تاقىلىدۇ، سانجى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى قوشۇمچە يولىدىن ئۈرۈمچى يۆنىلىشىگە كىرىدىغان باغلىما يول، سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن ئۈرۈمچى يۆنىلىشىگە كىرىدىغان باغلىما يول تاقىلىدۇ، ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئاپتوموبىللار سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ئايلىنىپ ئۆتىدۇ.

   لىنىيە: سانجى شەھىرى تاشقى ئايلانما يولى ← شىخەنزە شەرقىي يولى ← سەنپىڭ چوڭ يولى ← چۇڭۋۇ يولى ياكى دۇڭپىڭ چوڭ يولىدىن ئۈرۈمچى - سانجى تېز سۈرئەتلىك يولىغا كىرىدۇ.

   شىنجاڭ تېز سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچىلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يول باشلاش خەرىتىسىنى ئېچىڭ، قاتنىغۇچىلار سەپەرگە چىقىش لىنىيەسىنى ئالدىن پىلانلاپ، يول كۆرسىتىش بەلگە تاختىسىغا دىققەت قىلىپ، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ راۋانلاشتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىشىغا ماسلىشىشى كېرەك. ئەگەر قاتناشتا ئۆزگىرىش بولسا، قۇرۇلۇش يېپىق ۋاقتى ئەمەلىي قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى ئۆلچەم قىلىدۇ، بۇ يولدا قاتنىغۇچىلارنىڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقلارنى توغرا چۈشىنىشىنى، قوللىشىنى ۋە ماسلىشىشىنى سورايمىز. ئەگەر ياردەم كېرەك بولسا، ساقچىغا مەلۇم قىلىش مۇلازىمەت تېلېفونى 12122گە ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ! «ئاپتوموبىلنى چەتتە توختىتىش، ئادەم چېكىنىش، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش» دېگەن توققۇز خەتلىك سۆزنى ئەستە چىڭ ساقلاڭ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.