تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى كېلىشىڭىزنى كۈتىدۇ

769 مەيدان كۆرگەزمە ئويۇن (كۆرگەزمە) پائالىيىتى

2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى كېلىشىڭىزنى كۈتىدۇ

    شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى خەۋىرى  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبەنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، «رەڭدارلىق ئىچىدە قەلبداشلىقنى تاۋلاش» باش تېما قىلىنغان 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇ مەزگىلدە 769 مەيدان (قېتىم) تۈرلۈك كۆرگەزمە ئويۇن (كۆرگەزمە) پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياۋ تاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىدا ئېچىلىش-يېپىلىش مۇراسىمى، گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئاساسىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ياشلارنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتى تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش يىغىلىشى، سەنئەت دەرسخانىسى، بىر تىياتىرنى بىر باھالاش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر يولغا قويۇلىدۇ.

   بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي مەيداندا 37 مۇنەۋۋەر ئويۇن كۆزگەرمىسى ۋە كۆرگەزمە ئويۇنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى شۆبە مەيدانلاردا 15 ئويۇن نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، 132 مەيدان تۈرلۈك ئېسىل ئويۇن مەركەزلىك نامايان قىلىنىدۇ، ناخشا-ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى تىياتىر «مۇقام ناۋاسى»، دىراما «تۇپراقتىكى مول ھوسۇل ئۈچۈن»، بالىلار سېرىك تىياتىرى «مېڭزىنىڭ ئانىسىنىڭ ئۈچ قېتىم كۆچۈشى»، مۇزىكىلىق تىياتىر «ئۆكۈنۈشسىز مېھىر-مۇھەببەت»، جىڭجۈ تىياتىرى «سۇمۇرغنىڭ ئۇۋىسىغا قايتىشى»، چىنجۈ تىياتىرى «جادا ئاستىدىكى خۇڭمېي»، بالىلار تىياتىرى «شېئىرىي مىسىرالاردىكى جۇڭگو − مۇلەن قوشىقى» قاتارلىق زور بىر تۈركۈم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر تىياتىرلار كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق گۈزەل سەنئەت سارىيىدا «باھارغا سۆز» − 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، 160تىن ئارتۇق نادىر ئەسەر يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى مول نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنى مەدەنىيەت زىياپىتىدىن ھەمبەھرىلەندۈرىدۇ.

   شىنجاڭدىكى قىزىق نۇقتا مەنزىرە رايونلىرىغا قارىتا، سەنئەت بايرىمى مەزگىلىدە «يىپەك يولىدىكى مىڭ يىللىق ناۋا»، «مەن چاقىلىقتا سىزنى ساقلايمەن»، «غەربىي يۇرتقا قايتىش» قاتارلىق 10 ساياھەت ئويۇن تىزىملىكى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، جەمئىي 101 مەيدان ئويۇن قويۇلۇپ، ئويۇن قويۇش ئارقىلىق ساياھەتنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ساياھەت ئارقىلىق ئويۇن قويۇش ئىستېمالى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

   بۇنىڭدىن باشقا، كىچىك تىياتىرخانا دىرامىسى «ئۇنىڭدىن كېيىن»، «جۇڭگو بۇلبۇلى» دىلبەر يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى، «<شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى> تېخىمۇ گۈزەل» ئابدۇللا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى، «دۇەن جۈن پىيانىنو كونسېرتى» قاتارلىقلار قويۇلىدۇ. 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى ئاپتونوم رايون بويىچە كارتون كۆرگەزمىسى ۋە بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش-شىنجاڭلىق لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى، «تۇپراق رەڭدارلىقى . يىپەك يولىدىكى يېڭى ئىستىل»__دېھقانلار مۇنەۋۋەر رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، «بالىلار سىزمىلىرى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش . باھارنى باغاشلاش» بالىلار مۇنەۋۋەر رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، «ئۇسسۇل ئويناپ تىيانشاننى چاقنىتىش . ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتۇش»شىنجاڭ بويىچە ياشلار-ئۆسمۈرلەر كوچا ئۇسسۇلى كۆرىكى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەسپىي ماھىرلار ۋە ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكارلارغا ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مۇنەۋۋەر كۆرگەزمە ئەسەرلىرى تاللاپ چىقىلدى، شۇنىڭدەك «ئالاقە تورى + ئويۇن قويۇش» ئەندىزىسى ئارقىلىق، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىغا تايىنىپ، «شىنجاڭ . بۇلۇت تىياتىرخانىسى» تەسىس قىلىنىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى يۇغۇرما تاراتقۇلار بىلەن بىرلىشىپ توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى قاتارلىق سۇپىلار ماسلاشتۇرۇلۇپ، مۇنەۋۋەر ئويۇن تىزىملىكى، كۆرگەزمە، ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرى كېڭەيتىلىپ، ئومۇمىي خەلق خۇشال بولىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىلىدۇ.

   ياۋ تاۋ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق بەرپا قىلغان داڭلىق مەدەنىيەت تۈرى بولۇپ، ئۆتكۈزۈش ئۆلچىمى يۇقىرى، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، پائالىيەت مەزمۇنى كۆپ، ئەسەر سۈپىتى يۇقىرى، تەسىر كۈچى زور، ئۆزگىچە يارقىن نۇقتىلار كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر نامايان قىلىنغان. «بۇنىڭدىن كېيىن مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىنى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدۇ، سىجىل ئۆتكۈزۈلىدۇ، تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمىز» دېدى ياۋ تاۋ.

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.