تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭنىڭ يەتتە كۈندىكى سۈرەتلىرى(120)| سۇلار سۈپسۈزۈك، قىرغاقلار ياپيېشىل گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى

     تىيانشان تورى خەۋىرى  ئەتىيازنىڭ ئاخىرى قىزىلكوس مەۋسۇمى، يەنە بىر يىلدىكى باھارنىڭ گۈزەل پەيتى كەلدى.

    شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدە، 2024-يىللىق «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ياش ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق لاگېرى باشلاندى. 

    ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا، «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز دائىملاشتۇرۇپ يولغا سېلىنىپ، يىپەك يولىدا باشلامچى بولدى. 

    «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى، مورىدا 400 مىڭ مودىن ئارتۇق بىنەم يەرگە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇق سېلىش باشلاندى. 

    قىزىلكوس مەۋسۇمى سىزىلىپ، دەريا-كۆللەرنىڭ مەنزىرىسى نامايان قىلىندى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا سۇلار سۈپسۈزۈك، قىرغاقلار ياپيېشىل بولدى، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى. 

​لاگېر باشلىنىپ ھەمتۈرتكە بولۇش 

    4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ھەرقايسى دۆلەت ياشلىرى لاگېر باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا ھەمتۈرتكە بولماقتا. شۇ كۈنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا سەككىز دۆلەتتىن كەلگەن 500 نەپەر ياش شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدە 2024-يىللىق «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ياش ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق لاگېر باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

يىپەك يولىدا باشلامچى بولۇش 

    4-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى(ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىدە، بىر يۈك پويىزى پورتتىن چىقماقتا. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز دائىملاشتۇرۇپ يولغا سېلىندى، 4-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، جەمئىي 144 نۆۋەتچى پويىز يولغا سېلىنىپ، مال مىقدارى 107 مىڭ 100 توننىغا يەتتى.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى 

قۇرۇلۇش تېزلىتىلدى

    4-ئاينىڭ 15-كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى سەنتاڭخۇ بازىرىدا «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى. بۇ تۈردە 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىر توپا قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى. «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىقتىكى چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر يورۇقلۇق ۋولت بازىسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئىقتىدارى 33 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ.   تيەن تېڭشەن فوتوسى 

بىنەم ئېتىزدىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ 

    4-ئاينىڭ 18-كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاۋبىسەن يېزىسى پىڭدىڭسەن كەنتىدىكى دېھقانلار ئېتىزدا بۇغداي تېرىماقتا. تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى 400 مىڭ مودىن ئارتۇق بىنەم يەرگە ئۇرۇق سېلىنىشقا باشلىدى، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى.   خې لۇڭ فوتوسى 

تىكتاك توپ مۇسابىقىسى

    4-ئاينىڭ 16-كۈنى، تىكتاك توپ ھەۋەسكارلىرى ئەرلەر يەككە ئويناش مۇسابىقىسىدە. شۇ كۈنى، 2024-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ياشانغانلار تىكتاك توپ مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جۈيوۋ تىكتاك توپ كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئەرلەر يەككە ئويناش ۋە ئاياللار يەككە ئويناش تۈرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پائالىيەتتە ياشانغانلارنى تەنھەرىكەت خۇشاللىقىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن مۇنەۋۋەر تالانلىقلارنى تاللاش مەقسەت قىلىندى.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى 

قىزىلكوس مەۋسۇمىنى سىزىش 

    4-ئاينىڭ 17-كۈنى، بالىلار موي قەلەم ئىشلىتىشنى ئۆگەنمەكتە. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى ئېرداۋچياۋ مەھەللىسى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، «قىزىلكوس مەۋسۇمىنى چۈشىنىش بالىلار قەلبىنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» بويىچە 24 مەۋسۇمدىكى قىزىلكوس مەۋسۇمى ئاساسىي تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بالىلارغا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۈي فوتوسى 

كىتاب بوشلۇقى

    4-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاھالىلەر كىتابخانىدا كىتاب كۆرمەكتە. 29-قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خىيجياسەن كوچا باشقارمىسى داۋان شىمالىي يولى غەربىي مەھەللىسى پارتىيە ئەزالىرى ،كادىرلار، ئاھالىلەرنى تەشكىللەپ، CCMALL دەۋر مەيدانىدىكى كىتاب ئوقۇش بوشلۇقى كىتابخانىسىغا كېلىپ، كىتاب ئوقۇش ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىمەن قىلدى.  سۈن جېنخاۋ فوتوسى 

تېز يوللانما كەنتلەرگە كىردى 

    4-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو پوچتىسىنىڭ يېزا-كەنت تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ يېزا-كەنت يولىدا يۈرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسى تېز يوللانمىنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈشنى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتتى، ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزى باشلامچى بولۇپ، جۇڭگو پوچتىسىنىڭ ھەرقايسى تېز يەتكۈزۈش، ئەشيا ئوبوروتى شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پوچتا تېز يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى، كەنتتە تۇرۇشلۇق نۇقتا تەسىس قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىقى قاتارلىق شەكىللەردە، تېز يوللانمىنى كەنتلەرگە يەتكۈزۈشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر يولىنى ئېچىپ، «يېزا-بازارلاردا تور نۇقتىسى بولۇش، ھەممە كەنتتە مۇلازىمەت بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ھاياتىي كۈچ قوشتى.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى 

شامالدا يىغىلىپ ھاسىل بولغان مۇز تاغ

   4-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئېگىزدىن ئۇلۇڭگۈر كۆلى «شامالدا يىغىلىپ ھاسىل بولغان مۇز تاغ» مەنزىرىسىگە بوشلۇقتىن نەزەر(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئۇلۇڭگۈر كۆلى يۈزىدىكى قېلىنلىقى بىر مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان مۇز ئېرىشكە باشلىدى، شامال كۈچىنىڭ تەسىرىدە، پارچىلانغان مۇز پارچىلىرى قىرغاققا قاراپ ئېقىپ، «شامالدا يىغىلىپ ھاسىل بولغان مۇز تاغ» مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.    ئارداق بېيىسقان فوتوسى 

گۈزەل دەريا مەنزىرىسى 

    سانجى شەھىرى سەنتۇن دەرياسى ۋادىسى مەنزىرىسى(4-ئاينىڭ 19-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى شەھىرى دەريا باشلىقى تۈزۈمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر دەرياغا بىر تەدبىر» ئۇنىۋېرسال تۈزەش لايىھەسى ۋە قىرغاق لىنىيەسىدىن پايدىلىنىش پىلان لايىھەسىنى تۈزۈپ، دەريا قىنى ۋە دەريا يوللىرىنى تۈزەپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى ۋە ئەسلىگە كەلتۈردى.   خې لۇڭ فوتوسى 

رەتلىك تىزىلىش

 

    4-ئاينىڭ 15-كۈنى، تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى رەتلىك تىزىلغان تاغىل ئاتلار. شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭى ئون مەنزىرىنىڭ بىرى بولۇپ، داۋانچىڭ رايونىغا جايلاشقان، شەھەر مەركىزىگە 40 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 75 كىۋادرات كىلومېتىر، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى ھېسابلىنىدۇ.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭ فوتوسى 

تاشئالما چېچەكلىدى

  4-ئاينىڭ 20-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى تاشئالما يولىدىكى تاشئالمىلار پورەكلەپ ئېچىلىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە قىلىشقا جەلپ قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە كۆچەت، گۈل-گىياھ كەسپى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بىر تۈركۈم كوچا سەيلىسى باغچىسى ۋە يانچۇق باغچىسى بەرپا قىلىپ، شەھەر سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە، ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت كىچىك شەھىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى.   تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.