4 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدىكى 100 مولۇق توقاچ شاپتۇل بېغىدا، شاپتۇل چېچەكلىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، چىرايلىق ھالرەڭ چېچەكلەر خۇش ھىدىنى ئەتراپقا چېچىپ تۇراتتى. دېھقانلار شاپتۇل ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شاپتۇل دەرىخىنىڭ چېچىكىنى شالاڭلىتىش، ئارتۇق شاخلىرىنى چاتاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. چىرايلىق چېچەكلەر نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ شاپتۇل چېچىكىنى تاماشا قىلىش، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس باغ-ئورمانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى ھەم ساياھەتنى كەسىپ تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خېڭ خۇڭلى، ياڭ جىرۇڭ)
ساياھەتچىلەر توقاچ شاپتۇل بېغىدا سەيلە قىلماقتا.
ساياھەتچىلەر توقاچ شاپتۇل دەرىخى ئاستىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.