تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سۈرەتلىك ھېكايە | «مەن ياخشى دەۋرگە ئۇلاشتىم»

4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئىمام ھىمىت شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئىمام ھىمىت ئىشدىشى بىلەن كەسىپ توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئىمام ھىمىت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قەشقەر شەھىرىنىڭ ۋېيجيۇ يولىدىكى يېڭى ئۆيىدە.

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى

    «مەن بۇلتۇر ئۆينى شەھەرگە كۆچۈرۈپ كەلگەن، مەن ياخشى دەۋرگە ئۇلاشتىم، كۈنلىرىم كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولۇۋاتىدۇ» دېدى يېقىندا قەشقەر شەھىرى ۋېيجيۇ يولىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىمام ھىمىت.

    بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن ئىمام ھىمىت قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى چېچەكلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، 2011-يىلى ئۇ قەشقەر دېسېن يۇقىرى، تۆۋەن بېسىملىق يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەر چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، سانائەت ئىشچىسىغا ئايلانغان. 10 نەچچە يىل ئۆگىنىپ يۈكسىلىش ۋە تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇ شىركەتنىڭ تېخنىكا تايانچىغا ئايلىنىپ، مېتال تاختا سېخىنىڭ مۇدىرى بولدى، مائاشىمۇ ئەڭ دەسلەپكى ھەر ئايدا نەچچە مىڭ يۈەندىن ئۆسۈپ 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇققا يەتتى.

    «ئىمام ئىشنى ئەستايىدىل قىلىدۇ، خىزمەتنى ئۇنىڭغا تاپشۇرسام ناھايىتى خاتىرجەم بولىمەن. كاندىدات پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن ئۇنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى بىر يىلغا توشىدۇ». قەشقەر دېسېن يۇقىرى، تۆۋەن بېسىملىق يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەر چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يې خەيبىڭ مۇنداق دېدى: ئىمام ئۆگىنىشكە ئامراق، كەسىپ ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى ئۆگىنىشنىڭ بىرىنىمۇ كەم قويمايدۇ، ئۇنىڭ تەسىرىدە ئىشچىلار پائال ئىلگىرىلەپ، بەسلىشىش، ئۆگىنىش، يېتىشىۋېلىش، ياردەم قىلىش، ئېشىپ كېتىشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى، شىركەتنىڭ كەسپىمۇ كۈندىن-كۈنگە روناق تاپتى.

   «كارخانىمىزدا ھازىر 70 نەچچە ئىشچى-خىزمەتچى بار، ئۇلارنىڭ %90ىدىن كۆپرەكى يېقىن ئەتراپتىكى يېزا-بازارلاردىن كەلگەن دېھقان-چارۋىچى، ئۇلار كەسپىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئۆگىنىش، پېشقەدەملەر يېڭىلارنى يېتەكلەش، ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش قاتارلىق تەربىيەلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق، پىشقان سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلىنىپ، ئىشىك ئالدىدىلا مۇقىم، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى يې خەيبىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.