تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر دىققەت: ئاتا-ئانىلار ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار

    يېقىندا، شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى تور بېكىتى ئەسكەرتمە ئېلان قىلىپ، كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئاتا-ئانىلارغا كۆزىنى يوغان ئېچىپ، راست-يالغاننى ئېنىق ئايرىپ، ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقىدىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتتى.

    ​يېقىندا، جەمئىيەتتىكى بەزى ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار، شەخسلەر شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ، دوۋيىن، كۇەيشوۋ، ۋېيبو، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىق ئۆز تاراتقۇ سۇپىلىرىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ساختا ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارغا بەلگىلىك ھەق تاپشۇرسا ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ قويۇش ۋە قوبۇل قىلىنىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بەردى. بۇ قىلمىشلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىمتىھانى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ نورمال تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى.

    ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شەخسلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، تۈرلۈك مائارىپ ئىمتىھانى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ئالاھىدە سەمىمىي ئەسكەرتمە ئېلان قىلدى.

    شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ئەزەلدىن جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق ئاپپارات ياكى شەخس تەشكىللىگەن ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى مۇزاكىرە قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، باشقىلارغا بۇ توغۇرلۇق ھوقۇق بېرىپ باقمىغان ۋە قاتنىشىپ باقمىغان، شۇنداقلا جەمئىيەت ئاپپاراتلىرىغا ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، يەڭ ئىچىدە كېلىشىم ئىمزالاش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نامى بىلەن ھەق ئېلىش قاتارلىقلارنى ھاۋالە قىلىپ باقمىغان، ئاسانلىقچە ئىشىنىپ ئالدىنىپ قالماڭ.

    بارلىق ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانى، تەرتىپى ۋە سىياسەت يەشمىسى قاتارلىق ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىدا شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتى (https://www.xjzk.gov.cn)، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش (新疆招生)»، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتى، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلار ئۆلچەم قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان مەسلىھەت سوراش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسىمۇ بولىدۇ.

    ھەرقانداق ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار گۇمانلىق، ساختا تەشۋىقات قىلمىشلىرىغا قارىتا، ھەرقايسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ساختا تەشۋىقاتقا ئىشەنمەي، تارقاتماي، ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقىدىن ئېھتىيات قىلىشىنى سورايمىز.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.