تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

بورانلىق، قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ! بۇ ھەپتە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تېمپېراتۇرا ئاۋۋال ئۆرلەپ كېيىن تۆۋەنلەيدۇ

     4-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 16دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى

    مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى كېچىدىن 4-ئاينىڭ 24-كۈنى كېچىگىچە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتە بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 9-10 بالغا، ئۆتكۈنچى شامال 11 بالغا يېتىدىكەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

مەنبە: جۇڭگو ھاۋا رايى تورى 

جۇڭگو ھاۋا رايى تورىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىغا قارىغاندا

سائەت 17 گىچە

قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلار

بورانلىق، قۇم-بورانلىق ھاۋا رايى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان

    قەشقەر ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تارقاتقان قۇم-بوران سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 23-كۈنىگىچە، قەشقەر تۈزلەڭلىكىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا كۆرۈش ئارىلىقى 1000 مېتىردىن تۆۋەن بولغان قۇم-بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن.

   بۇنىڭدىن باشقا، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قېلىن قاردىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان، كەلگۈسى 24 سائەتتە تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىسمەن جايلاردا 12.1 مىللىمېتىردىن يۇقىرى قېلىن قار ياغىدىغان بولۇپ، قاتناش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن. 

ماتېرىيال سۈرەت. ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى     

 مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە

 ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە

 بۇ ھەپتە 

(4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە)

 ئۈچ قېتىملىق ھاۋا رايى جەريانى شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىپ

تېمپېراتۇرا ئاۋۋال ئۆرلەپ كېيىن تۆۋەنلەيدىكەن

 شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى:

 ھازىر ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ نۆل گىرادۇسلۇق قەۋەت ئېگىزلىكىدىكى 3000 مېتىر ئەتراپىدىكى جايلاردا

 ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ

 تاغلىق رايونلاردىكى قارلار ئېرىپ 

قىسمەن جايلاردا قار كۆچكۈنى ۋە قار ئېرىش تىپىدىكى كەلكۈننىڭ خەۋپ-خەتىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ

 ئالاقىدار تارماقلارغا مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش تەكلىپى بېرىمىز

 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ شاشى ئوتلىقى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى.

خۇ چىلىن فوتوسى

   ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى كېچىدىن 24-كۈنى كېچىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتە بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى ياكى قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 9-10 بالغا، ئۆتكۈنچى شامال 11 بالغا يېتىدىكەن، قىسمەن جايلاردا چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن؛ تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال ياكى قارا يامغۇر ياغىدىكەن ياكى قار ياغىدىكەن؛ تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن. 

  4-ئاينىڭ 25-كۈنى كۈندۈزدىن 26-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونى ۋە ئىككى تەرىپى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسى، تىيانشان تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ كېيىن قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدىكەن ياكى قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن؛ قىسمەن رايونلاردا 5-4 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 9-10 بال بولىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

   4-ئاينىڭ 27-كۈنى كۈندۈزدىن 28-كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ كېيىن قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن.

نۆۋەتتە

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن كېۋەز تېرىلىۋاتىدۇ

قىسمەن رايونلاردا كېۋەز مايسا چىقاردى

شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا كېۋەز تېرىش باشلاندى

شىمالىي شىنجاڭدا يازغى بۇغداي ئارقا-ئارقىدىن تېرىلىپ مايسا چىقاردى

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئەتىيازلىق كۆممىقوناق تېرىلماقتا

ماتېرىيال سۈرەت. مەنبە: ئاتۇش شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

پايدىلىق ھاۋارايىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقتىدا ئۇرۇق سېلىشنى تەۋسىيە قىلدى

ئۇنىڭدىن باشقا

بۇ ھەپتە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا

قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق

كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋا رايىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ

كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋا رايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى ۋىيشىنى، ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو ھاۋا رايى تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.