تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۆرۈك چېچەكلىدى، باھار سەيلىسى باشلاندى

 

4- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چىماشەن يولى تۇڭجيا خېيۆفۇدىكى ئۆرۈكزاردا بالىلار پىرقىرىغۇچ ئورنىتىلغان پىيادىلەر يولىدا سەيلە قىلماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى لېي فوتوسى)

  ئۆرۈكزاردا چېچەك سەيلىسى قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈش، ئۆرۈكزارنىڭ يېنىدا تونۇر كاۋىپى يېيىش... 4- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى بېييۈەنچۇننىڭ غەرب تەرىپىدىكى تۇڭجيا خېيۆفۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆرۈكزار دەل چېچەكلەش مەزگىلىگە كىرگەنىدى، شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يەرگە باھار سەيلىسى قىلغىلى كەلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ جىڭنىڭ ئۆيى ماشىنىسازلىق زاۋۇتى ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ دوستى بىلەن بىللە بۇ يەرگە ئالايىتەن كېلىپ چېچەك سەيلىسى قىلدى، پىيادە ماڭدى، بەدەن چېنىقتۇرۇش داۋامىدا كەيپىياتىمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالدى.

  ۋاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل خىزمەت سەۋەبىدىن توقسۇن ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىغا بارالمىدىم، دوستۇمدىن ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىمۇ ئۆرۈكزار بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى بىللە كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدىم، بۈگۈن گۈزەل سۈرەتلەرنى تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىمەن».

  پېي جاڭجۇنىڭ ئۆيى چۆچەكتە ئىدى، ئۇ خوتۇنى بىلەن تۇڭجيا خېيۆفۇغا ئۆي كۆرگىلى كەلگىنىدە ئۆرۈك دەرىخىنىڭ چېچەكلىگىنىنى كۆردى، قورۇنىڭ مەنزىرىسىنى ياقتۇرۇپ قالغاچقا، مۇشۇ يەردىن ئۆي سېتىۋالدى.

  بۇ قېتىمقى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بولغان شىنجاڭ تۇڭجيا گۇرۇھى نەق مەيداندا تونۇر كاۋىپى زىياپىتى بەردى، چېچەك سەيلىسى قىلغىلى كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرى ھەقسىز تېتىپ كۆردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردىكى باغچە مەنزىرىسىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 220 مو بولۇپ، تۇتاش كەتكەن ئۆرۈك دەرەخلىرىنىڭ ئەتراپىغا گىلاس، قىزىل يوپۇرماقلىق تاشئالما، چوڭ يوپۇرماقلىق قارىياغاچ قاتارلىق ئون نەچچە خىل كۆچەت تىكىلگەن، كېيىنكى قەدەمدە بۇ دەرەخلەر ئارقا- ئارقىدىن چېچەكلەيدىكەن، چېچەكلەش مەزگىلى 5- ئاينىڭ بېشىغىچە داۋاملىشىدىكەن، چېچەك سەيلىسى قىلماقچى بولغان شەھەر ئاھالىلىرى خالىغان ۋاقىتتا كەلسە بولىدىكەن.

(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گەي يۈ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.