تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئائىلىۋى مېھمانخانىلاردىن تەڭ بەھرىلىنىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش− دۆلەت تارىخ- مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى غۇلجا شەھىرىگە سەپەر

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى

  مودا، زامانىۋى غۇلجا شەھىرىدە، تارىخ- مەدەنىيەت ھېكايىلىرى مۇجەسسەملەنگەن ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى كۆپ.

  4- ئاينىڭ 19- كۈنى، 71 ياشلىق شەمسىيە جالالىدىن بىلەن ئىنىسى ئابدۇۋەلى جالالىدىن «ئەسلىدە دوستۇمنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن كونا ئاسارئەتىقە بار ئىكەن» دېگەن قىسقا سىننى تاپشۇرۇۋالدى. يېقىندا، بىر دوستى ئۇلارنىڭ كونا ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارغاندا، نەقىش ئويۇلغان دېرىزە رېشاتكىلىرى، تام بۇلۇڭىدىكى گۈللۈك كۆك خىشلار، نەپىس ياغاچ كارىۋات قاتارلىقلاردىن چوڭقۇر ھاياجانلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن مەخسۇس بۇ قىسقا سىننى ئىشلىگەنىدى. قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادىتى ساياھەت رايونى ئايدۆڭ يولى 4- كوچىسىغا جايلاشقان بۇ قورۇ 1920- يىلى سېلىنغان بولۇپ، شەمسىيەنىڭ بوۋىسى 1940- يىلىنىڭ ئالدى- كەينىدە سېتىۋالغانىدى.

  بۇلتۇر، شۇ جاي «ئىزلارنى ئىزدەش ۋە ۋارىسلىق قىلىش − غۇلجا شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئەنئەنىۋى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرىنىڭ تارىخ- مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش» بويىچە باھالاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، 100دىن ئارتۇق ئاھالىلەر تۇرالغۇسى باھالاشقا قاتناشتى. ئىمارەتنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئومۇمىي كۆرۈنۈشى، رەڭنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق تاشقى كۆرۈنۈش ئورۇنلاشتۇرمىسى ھەمدە تارىخ- مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئالاقىدار تارىخىي ھېكايە قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۇنىۋېرسال نومۇر قويۇپ باھالاش ئارقىلىق، بۇ ھويلا ئۈزۈپ چىقىپ، 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  غۇلجا شەھىرىدە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى ۋە نۇرغۇن تارىخىي قەدىمىي يادىكارلىق بار بولۇپ، 2012- يىلى دۆلەت تارىخ- مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادىتى ساياھەت رايونى بۇ شەھەرنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت تومۇرىنىڭ بىرى، ئاساسلىق كوچا بولغان ئالغا كوچىسى دۆلەت دەرىجىلىك تارىخ- مەدەنىيەت كوچا رايونى. بۇ ساياھەت رايونىدا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيانقى قەدىمىي ئىمارەتلەر بار، ناھايىتى مول رايون مەدەنىيەت خاسلىقىغا ئىگە ئاھالىلەر ھويلا- ئارانلىرى بار، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە يەنە 100دىن ئارتۇق قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى جايلاشقان.

  شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ۋە سودىگەرلەر ئائىلە زىيارەت نۇقتىسى، خۇرۇم بۇيۇملار دۇكىنى ئېچىپ، ئۆزلىرى ياسىغان مېۋە مۇرابباسى، خۇرۇم بۇيۇملار، كەشتە قاتارلىقلارنى مەدەنىيەت- ساياھەت خاتىرە بۇيۇمىغا ئايلاندۇردى، ھاجىيەم ئېزىزنىڭ ئائىلىسى دەل بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇلتۇرقى باھالاشتا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئائىلە زىيارىتى نۇقتىسى، كۆك تام، قىزىل خىش، رەتلىك، پاكىز ھويلا- ئاران، ياغاچتىن ياسالغان ئۆي جاھازلىرى ۋە رەڭگارەڭ چىرايلىق گىلەملەر، پۈتۈن تامغا ئېسىلغان دوپپىلار، مۇنداقلا سۈرەتكە تارتسا، گۈزەل بىر مەنزىرە ھاسىل بولاتتى. 57 ياشلىق ھاجىيەمنىڭ بۇ يەردە ياشاۋاتقىنىغا 30 نەچچە يىل بولدى، غۇلجىغا ساياھەتكە كېلىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ 2009- يىلى ئائىلە زىيارەت نۇقتىسى ئاچتى، ھەم ساياھەتچىلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن دوپپا، يېپىنچا، يىپەك ياغلىق، مېۋە چېيى قاتارلىق سودىلارنى قىلىپ، يىلىغا 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپتى.

  ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى بولغان ئالتە شوئار كوچىسى بۇ داڭلىق شەھەرنىڭ يادرولۇق رايونلىرىنىڭ بىرى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، مىللەت خاسلىقىغا ئىگە يەرلىك ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنى قېزىپ، خاسلىققا ئىگە ئۆيلەر، ھويلا- ئارانلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ناخشا- ئۇسسۇل، ئويۇن قويۇشتا ھەمتۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر چاي ۋە پېچىنە- پىرەنىكلىرىنى تېتىپ بېقىش قاتارلىق ھېس قىلىش شەكلىدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ خەلق ئۆرپ- ئادەتلىرى، مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بىر كۆزنەك ئېچىپ بەردى.

  ئالتە شوئار كوچىسىدا، ھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەتنى نامايان قىلىدۇ، بىر تۈركۈم كۆڭۈل ئېچىش، تاماشا قىلىش، ھېس قىلىش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىجارەت سورۇنلىرى بار. بۇ خىل ساياھەت ۋە ئاھالىلەر تۇرالغۇسىدىن ھەمبەھرىلىنىش شەكلى ساياھەتچىلەرگە شەھەر مەنزىرىسى ۋە قاينام- تاشقىنلىققا تولغان تۇرمۇشنى ھېس قىلدۇردى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەت پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  4- ئاينىڭ بېشىدا، ئالتە شوئار كوچىسىغا جايلاشقان شىڭجيې قەھۋەخانىسى . كىتابخانىسى 100دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشتىن بەھرىلىنىش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى، دۇكان ئىگىسى شەپقەت شۆھرەت بېيجىڭدىن يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن كەسپىي مۇزىكانت ئىدى.

  «مېنىڭچە ئالتە شوئار كوچىسى ناھايىتى چىرايلىق پىلانلانغان، ئادەم ئېقىمى كۆپ، ھەم ئەنئەنىۋىلىككە، خاسلىققا ئىگە، ھەم مودا، يېڭى تۈسكە ئىگە بولۇپ، ھاياتىي كۈچ ۋە رومانتىكىلىققا تولغان.» بۇلتۇر 8- ئايدا يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، شەپقەت ئالتە شوئار كوچىسىدا دۇكان ئېچىپ، قەھۋە بىلەن كىتابنى ۋاسىتە قىلىپ، ئەدەبىيات- سەنئەت تۈرىدىكى پائالىيەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى قەدىمىنى توختىتىشقا جەلپ قىلدى.

  دۇكاندا 20 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب بار بولۇپ، شەپقەت يەنە دۇكاندا مەخسۇس شىنجاڭ مەخسۇس پوكىيى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخى، ئادىمىيىتى، ساياھىتى، جۇغراپىيەسى، مەنزىرىسى قاتارلىقلارغا ئائىت 1000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ۋە ئۆز جايىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى تىزدى. شەپقەت دائىم يەرلىكتىكى ناخشىچى، سازەندە، خەلق سەنئەتكارلىرىنى ئويۇن قويۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى، شېئىرلاردىن ھەمبەھرىلىنىش پائالىيىتىنى تەشكىللەيدۇ، يەنە توردىكى ئىسمى «شيابۇ»دىن پايدىلىنىپ تور سۇپىسىدا دائىم مۇزىكىلارنى ۋە ئالتە شوئار كوچىسىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت ئۇسلۇبلىرىنى تارقىتىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، ئۇ يۇرتىغا ئائىت مۇزىكا پىلاستىنكىسى ئىشلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ، «كۆپچىلىكنى مەززىلىك تائاملار، گۈزەل مەنزىرىلەردىن باشقا نەرسىلەرنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئويلىدىم، مېنىڭچە مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ جەلپ قىلىش كۈچى بار».

  ئالتە شوئار كوچىسىغا جايلاشقان ماروژنى مۇزېيى بېزىلىۋاتىدۇ، گۈلەندەم ئىلى قولدا ياسالغان ماروژنىسىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى ۋاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىۋاتىمىز، ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەردە تەملىك ماروژنا يېيەلىشى، يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ماروژنىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

  غۇلجا شەھىرىدە ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسىدىن ئالغا كوچىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسىدىن ئالتە شوئار كوچىسى، ئىلى كوچىسى، ئايدۆڭ كوچىسى، ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن 23ى، يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن 27سى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن 73ى بار. «غۇلجا شەھىرى تارىخىي مەدەنىيەتنى قېزىش، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، داۋاملىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي يۇرتىنىڭ باشلىقى لى جىنفېڭ.

  قانداق قىلغاندا بۇ تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

  4- ئاينىڭ 18- كۈنى، غۇلجا شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى «غۇلجا شەھىرىدىكى خاسلىققا ئىگە ئاھالىلەر تۇرالغۇسى، ئائىلىۋى مېھمانخانا قۇرۇلۇش قىياپىتى يېتەكچىسى»نى تۈزۈپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى ئۆزى ئۆي سالغاندا، شۇ جاينىڭ قۇرۇلۇش قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ئىدارە يەنە تارىخىي مەدەنىيەتكە ئاھالىلەر ۋارىسلىق قىلىش مۇسابىقىسىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى ئاھالىلەرنى تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرىنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشنى پىلانلىدى.

  غۇلجا شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى بىن مۇنداق دېدى: «بىز مەدەنىيەت جەھەتتە قوغداش قىممىتى بار بولغان خاسلىققا ئىگە ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر قېزىپ، شەھەر بويىچە تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرىنى قوغداش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ مول تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇش خاسلىقىنى نامايان قىلىمىز».

  بۇ جايدىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى تارىخىي مەدەنىيەتنى قېزىش، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى، داڭلىق كەنت قاتارلىقلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى كۈچلۈك نامايان قىلدى.

  يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئېلىپ بېرىلغان پىلانلاش، لايىھەلەشتىن باشقا يەنە، ئاھالىلەرنىڭمۇ ئۆزىنىڭ كىچىك نىشانى بار. ھاجىيەم ھەر يىلى ئەسلى ھالىتىنى ساقلىغان ئاساستا كونا ئۆيىنى ئوڭشايدۇ: «ئۇنى ياخشى قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىگە تۇرالغۇمىزنى كۆرسىتىمەن.» شەمسىيە ئىنى- سىڭىللىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۆيىدىكى كونا سۈرەتلەرنى رەتلەپ ھەم سىن قىلىپ ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە كونا ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى چۈشەندۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.