تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

لەگلەك ئۇچۇرۇپ باھارنى كۈتۈۋېلىش

لەگلەك ئۇچۇرۇش بايرىمى نەق مەيدانىدا ئۇچۇرۇلۇۋاتقان «خۇلۇۋا» لەگلىكى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى)

   4- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىنىڭ «باھار بىلەن ئۇچرىشىشىم بار» لەگلەك ئۇچۇرۇش مەدەنىيەت بايرىمى شىرېنزىگوۋ نياۋچاۋجېندە ئۆتكۈزۈلدى. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە لەگلەك ئۇچۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ناخشا- ئۇسسۇلدىن ھۇزۇرلىنىپ، ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلار پائالىيىتىگە قاتناشتى.

   نياۋچاۋجېن سەھنە رايونىدا ساياھەتچىلەر ۋاڭ لوبىڭ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ئورۇنلىغان ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى ئورۇنلىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى، ھەمتۈرتكە ئويۇنلىرىغا قاتناشتى. نەق مەيداندا يەنە ئاپتوموبىل كۆرگەزمە رايونى، لەگلەك قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونى، يەرلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونى تەسىس قىلىندى.

   ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى يۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى لەگلەك ئۇچۇرۇش بايرىمى پائالىيىتى شىمىگۇ رايونىنىڭ مەدەنىيەت، سودا، ساياھەتنى تولۇق بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. نەق مەيدانغا ئون داڭلىق ئاپتوموبىل كارخانىسى تەكلىپ قىلىندى، سىناپ ھەيدەش پائالىيىتى ساياھەتچىلەرگە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللاردىكى يۇقىرى پەن- تېخنىكىنى ھېس قىلدۇردى؛ تۆت چوڭ تىپتىكى يېمەك- ئىچمەك ماركىسى كىرگۈزۈلدى، ساياھەتچىلەر نەق مەيداندىلا مېھمانسارايلارنىڭ مەززىلىك، ئۆزگىچە تائاملىرىغا ئېغىز تېگىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىندى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى چوڭ تاللا بازار كۆپچىلىكنى ئىچىملىك، مېۋە قاتارلىق باھار سەيلىسىدە زۆرۈر بولغان ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەپ، يېيىش، ئىچىش، ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەت خۇشال كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

   ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لەيلىگۈل سابىر مۇنداق دېدى: شىمىگۇ رايونى داۋاملىق كۈچەپ، ئۆزىنىڭ ساياھەت ئالاھىدىلىكىنى تولۇق قېزىپ، شەھەر ئەتراپى ساياھەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە بايلىقىنى نامايان قىلىپ، ئىستىراھەت، سەيلە قىلىش- ئۈزۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان «شىمىگۇدا سەيلە قىلىش» مەدەنىيەت- ساياھەت ماركىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، شەھەر، يېزا مەدەنىيەت- ساياھەت بازىرىنى يېڭى ئىستېمال ھاياتىي كۈچى بىلەن تەمىنلەپ، كەڭ ئامما ۋە ساياھەتچىلەرگە شىمىگۇ رايونىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

   مۇخبىرنىڭ 4- ئاينىڭ 20- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 3- بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش، ئاپتوموبىل ھەيدىمەيدىغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «باھار بىلەن ئۇچرىشىشىم بار» لەگلەك مەدەنىيەت بايرىمى ئۈچۈن توردا كېلىشىدىغان مەخسۇس لىنىيە ئاچقان، يەككە مۇساپىنىڭ باھاسى بەش يۈەن بولۇپ، پائالىيەت مەزگىلىدە بۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇس ھەر كۈنى سائەت 10:00، 11:00دە ليۇداۋان تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ غەرب- شەرق يۆنىلىشىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدىن يولغا چىقىدىكەن.

(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لېي، لياڭ شۇفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر يىن لۇ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.