تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

«بىر كۈندە كۆرۈنۈپ بولۇش تەس بولۇش»، «تەكرار نومۇر ئېلىشقا مەجبۇر بولۇش»، قايتا دىياگنوز قويدۇرغاندا تەكرار نومۇر ئالماسلىقنى يولغا قويغىلى بولامدۇ؟

   ئۇزاقتىن بۇيان، كېسەل كۆرسەتكەندە «بىر كۈندە كۆرۈنۈپ بولۇش تەس بولۇش»، «تەكرار نومۇر ئېلىشقا مەجبۇر بولۇش» قىسمەن ئاغرىقلارنىڭ ئاغرىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كېسەل كۆرسىتىش يۈكى ۋە ۋاقىت تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋەتتى. نۆۋەتتە، قىسمەن رايونلار «بىر قېتىم نومۇر ئالسا ئۈچ كۈنگىچە كۈچكە ئىگە بولۇش» ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ نومۇر ئېلىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپى، ئاغرىقلارغا قولايلىق يارىتىش جەھەتتە تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى ئىزدەۋاتىدۇ. لېكىن بۇ ئىسلاھاتتا يەنىلا نۇرغۇن تالاش- تارتىش مەۋجۇت، ئىنچىكە ھالقىلارنى ئەلالاشتۇرۇپ، يانداش ئىسلاھات مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  «كۆپ قېتىم نومۇر ئېلىش» ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈشىدىكى توسالغۇ بولۇپ قالدى

  يېقىندا، گۇاڭدۇڭدا ئولتۇرۇشلۇق خۇاڭ ئەپەندى كېسەل كۆرسەتكىلى بېرىپ، ئىككى قېتىم نومۇر ئېلىپ، ئۈچ قېتىم دوختۇرخانىغا قاترىغان. تۇنجى قېتىم دوختۇرخانىغا بارغاندا، دوختۇر CT تەسۋىر كۆچۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن پەقەت ئىككىنچى كۈنىگە كېلىشەلىگەن. CT تەسۋىر كۆچۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن، قايتىدىن نومۇر ئېلىپ، ئاندىن دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە توغرا كەلگەن. ئىلگىرى ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇپ داۋالانغان جاڭ خانىممۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققان. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر دوختۇرخانىغا بارساق <كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن چوقۇم تەكشۈرتۈش كېرەك>، لېكىن تەكشۈرتۈشكە ھەمىشە شۇ كۈننى كېلىشكىلى بولمايدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى <باشقا كۈنى چىقىدۇ>، مۇتەخەسسىسلەر نومۇرى بولسا <ھەپتىدە بىر قېتىم> بولىدۇ».

  يېرىم ئايلىق سۆھبەت مۇخبىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، نۇرغۇن دوختۇرخانا نومۇر ئېلىش تالونىغا «شۇ قېتىم شۇ كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ» دەپ ئەسكەرتىپ قويىدىكەن، بۇ ئاغرىقلارنىڭ چوقۇم شۇ كۈنى كېسەل كۆرسىتىپ بولۇشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. كەسپى زاتلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئايرىم دوختۇرخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقىرىۋالغان بەلگىلىمىسى بولماستىن، بەلكى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى ئىكەن. دوختۇر نومۇر ئېلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئاغرىقنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە دورا يېزىپ بېرىشنى بىۋاسىتە پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئەگەر ئاغرىق يەنە بىر قېتىم كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئالمىسا، سىستېما ئاغرىقنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىكەن، دوختۇرمۇ مۇناسىپ مەشغۇلات قىلالمايدىكەن. ھازىرقى نومۇر ئېلىش تۈزۈمىدە، ئاغرىق قايتىدىن نومۇر ئالغاندىن كېيىن ئاندىن داۋاملىق كېسەل كۆرسىتەلەيدىكەن.

  بەزى ئاغرىقلار مۇنداق دېدى: «<نومۇر ئېلىش تەس> بولغان قىزىق نۇقتىلىق دوختۇرخانىلارنى دېمەيلا قويايلى، ھەتتا ئادەتتىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا، ئاغرىقلار ياكى ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ دوختۇرخانىدا قايتا- قايتا قاتراپ يۈرۈشىمۇ ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆپ خىل تەكشۈرتۈشلەرنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، چوقۇم كۆپ قېتىم ئۆچرەتتە تۇرۇپ نومۇر ئېلىپ كېسەل كۆرسىتىش كېرەك، تولا قاتىراش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ».

  نومۇر ئېلىشنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى ئۇزارتىشتا يەنىلا تالاش-تارتىش مەۋجۇت

  شەندۇڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى نومۇر ئېلىشنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاغرىقلارنى تۇنجى قېتىم نومۇر ئالغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە ھەقسىز قايتا تەكشۈرتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا داۋالاش تەرتىپىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قايتا تەكشۈرتۈشنى تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلدى. ئەمما، بۇ ئىسلاھات سىياسىتىنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكىدە يەنىلا بىر قەدەر چوڭ تالاش- تارتىش مەۋجۇت. تالاش- تارتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بۇ سىياسەت دوختۇرخانىنىڭ نورمال داۋالىشىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ- يوق، دېگەندىن ئىبارەت بولدى.

  ئاغرىق خۇ خانىمنىڭ قارىشىچە، تەكرار نومۇر ئېلىش مۇۋاپىق ئەمەس، بۇ دوختۇرخانىنىڭ سىستېمىسىدىكى مەسىلە، ئاغرىقنىڭ مەسىلىسى ئەمەس. نۆۋەتتە، نۇرغۇن دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپى ئۇزۇن، نومۇر ئېلىش تەس، كېسەل كۆرسىتىش ۋاقتى قىسقا، تەكشۈرتۈش كۆپ بولۇپ، ھەمىشە بىر كۈن ۋاقىت دوختۇرخانىغا سەرپ قىلىنىدۇ، ئاخىرىدا يەنە قايتىدىن نومۇر ئېلىپ ئاندىن تەرتىپ بويىچە مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دوختۇر بىلەن ئاغرىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتمۇ چوڭىيىپ كېتىدۇ.

  قانۇن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئاغرىق نومۇر ئالغاندىن كېيىن ئاغرىق بىلەن دوختۇرخانا داۋالاش مۇلازىمىتى توختامى ئىمزالىغان دەپ قارىلىپ، بىر قېتىملىق مۇكەممەل داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشى كېرەك، بۇ سوراش، تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش، داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاغرىق تەكشۈرۈش، خىمىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلاۋاتقان مەزگىلدە، داۋالاش مۇلازىمىتى توختام مۇناسىۋىتى ۋاقتىنچە توختىتىلدى دەپ قارالسا بولىدۇ. پۈتكۈل داۋالاش جەريانى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، ئاغرىقنىڭ كۆپ قېتىم نومۇر ئېلىش ھەققىنى تۆلىشى قانۇن نەزەرىيەسىگە زىت بولىدۇ.

  تېببىي خادىملار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەگەر دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش سىستېمىسى تەڭشەلمىسە، پەقەت نوقۇل ھالدا نومۇر ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتسا، داۋالاش بايلىقى ئىسراپ بولۇپ، كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ھەمدە تەكشۈرۈش ۋاقتىنىڭ يەنىمۇ ئۇزىراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. دوختۇر تەرتىپ بويىچە كېسەل كۆرۈش ئارىلىقىدا، قايتا تەكشۈرتمەكچى بولغان نومۇر ئالمىغان ئاغرىقلار پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى سۇنسا، كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ كېتىشى ياكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، تۇنجى قېتىم كېسەل كۆرسىتىۋاتقان ئاغرىقلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يېتىشى مۇمكىن.

  داۋالىنىش نومۇر ئېلىش مېخانىزمى ئىسلاھاتى تەييار بولۇپ قالدى

  شەندۇڭ ئۆلكىسى زىبو شەھەرلىك سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، «بىر قېتىم نومۇر ئالسا ئۈچ كۈنگىچە كۈچكە ئىگە بولۇش» تەدبىرى بىر يىلدا شۇ جايدىكى ئاغرىقلارغا 2 مىليون 400 مىڭ يۈەن نومۇر ئېلىش ھەققىنى تېجەپ بېرىپ، نۇرغۇن ئاغرىققا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن.

  «بىر قېتىم نومۇر ئالسا ئۈچ كۈنگىچە كۈچكە ئىگە بولۇش» ئىسلاھاتى باشلىنىش بىلەنلا داۋالاش تەرتىپىگە ھەقىقەتەن بىر قىسىم خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، لېكىن ئاغرىقنىڭ ئۇچۇرى بىرىنچى قېتىملىق نومۇر ئېلىش كىرگۈزۈش سىستېمىسىدىن ئۆتكەن بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىن قايتا كۆرۈنگەندە تېز سۈرئەتتە تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.

  نومۇر ئېلىشنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئاساسىدا، تېخىمۇ زور ئىرادە بىلەن ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇشقا بولىدۇ. مەسىلەن: قىسمەن مۇتەخەسسىسلەر نومۇرىدا ھەپتىدە پەقەت بىر قېتىملا كۆرۈنگىلى بولىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن، پەقەت كېلەر ھەپتىسى قايتا كۆرۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنداق ئەھۋاللارغا قارىتا «بىر قېتىم نومۇر ئالسا ئۈچ كۈنگىچە كۈچكە ئىگە بولۇش» قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، داۋالاش ساھەسىدىكى زاتلار: «دوختۇرخانا ۋە بۆلۈملەر دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى ۋە ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك» دەپ تەكلىپ بەردى. («يېرىم ئايلىق سۆھبەت» مۇخبىرلىرى سۈن فېي، بەي يۈ)

پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.