تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى ياخشىلاش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن

ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى ۋە مۇھىم بەلگىسى. شىنجاڭدا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماكان، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە ئارىلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا قانداق تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مېھىر - مۇھەببەتنى كۈچەيتىش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش باشتىن - ئاخىر ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك.

بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قايسى تەرەپلەردىن كۈچەش كېرەك، مۇخبىر بۇ توغرىسىدا زىيارەت ئېلىپ باردى.

كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىشىلەرنى توپلاش

«12 سائەت ئىشلەپ، 24 سائەت دەم ئېلىپ، ھەر ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم. دەم ئالغاندا يەنە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشتىم، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم.» 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى يوقلاپ ئۆيىگە بارغان كۇچا شەھىرى ئۇزۇن بازىرى ئۇزۇنئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئايگۈل يېڭىدىن سېتىۋالغان شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كۇچا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەشكە ماڭدى.

بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا بارغانسېرى كۆپ كىشى ئايگۈلگە ئوخشاش كەنتتىن چىقىپ شەھەرگە كىرىپ، دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى.

شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى دۆلىتىمىزدە يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ كۈچلۈك تىرىكى بولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك تىكىش، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، زور بىر تۈركۈم كارخانا ئارقا - ئارقىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا ماكانلىشىپ، نۇرغۇن ئەمگەك كۈچى، مەبلەغ ۋە تېخنىكا قاتارلىقلارنى شەھەر - بازارلارغا توپلىنىشقا جەلپ قىلدى.

كۇچا شەھىرى پاختا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، باشلامچى كارخانىلارنى يەر ئوبوروت قىلىش، دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئىجارە ئېلىش قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، كارخانىلارنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا يېتەكلەپ، «تېرىقچىلىق + پىششىقلاش + توقۇمىچىلىق» پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى شەكىللەندۈردى.

كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى يېزا نوپۇسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىدىن ئىبارەت سالاھىيەت ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

خوتەن ۋىلايىتى مېتال قېزىلما بايلىق زاپىسى كۆپ، سۈپىتى ئەلا، يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇشتەك گەۋدىلىك بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق ئالدىنقى ئۇچ تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە قويۇپ، بايلىقنى كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكىر يولىنى بېكىتتى.

«تاغ ئۈستى، تاغ باغرىدىن ئىبارەت <ئىككى رايون> قۇرۇلۇشىنى يېشىل كانچىلىق تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ <كۇنگاڭ باغچە رايونىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇش، نىيە باغچە رايونىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش> جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلدۇق.» خوتەن ۋىلايىتى كۇنگاڭ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(رەڭلىك مېتال كەسىپلەر باغچىسى) باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن پېڭ مۇنداق بىلدۈردى: كانچىلىقنى «ئېچىش تەرتىپلىك، بايلىقى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەيدىغان، كەسىپلەر توپلانغان، يېشىل، بىخەتەر بولغان» خاس، ئەۋزەل كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ماددىي ئاساس سالدۇق.

بىناكارلىق كەسپى ئەنئەنىۋى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى نىسبەتەن كۆپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى.

«پۈتۈن شىنجاڭدا تۆت يىلدا تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئۇستىلىرى جەمئىي 500 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەندى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 350 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.» ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى بىناكارلىق ئېنېرگىيە تېجەش ۋە پەن - تېخنىكا، مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ شىنسو مۇنداق تونۇشتۇردى: 2024 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى سىجىل تۈردە پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا تەربىيەلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ شۇ جاينىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، يىللىق پىلان بويىچە 125 مىڭ ئادەم قېتىمنى تەربىيەلەش ۋە 100 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى ئورۇنداپ، تەربىيەلەش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.

يۇقىرى سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولغان ئاممىۋى مۇلازىمەت ئارقىلىق كىشىلەرنى ئېلىپ قېلىش

«ئىلگىرى بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇراتتۇق، ئىجارە ھەققى قىممەت ئىدى، يەنە دائىم ئۆي كۆچەتتۇق. بۈگۈنكى كۈندە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، غەم - ئەندىشىمىز تۈگىدى.» بۇ يىل 3 - ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى ئاھالىسى زىننەتگۈل قۇرباننىڭ «ئەمىن ئۆي ئارزۇسى» ئاخىر ئەمەلگە ئېشىپ، تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن چۇنخې لۇڭشېڭيۈەن ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كىردى. بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ ئىجارە ھەققى ئەرزان، مۇھىتى گۈزەل، يەنە يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن يەسلى بار بولۇپ، بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىپ ئوقۇشى ناھايىتى قولايلىق.

يۇقىرى سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولغان ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيەتتە شەھەرنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا ئىگە قىلىپ، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلار قاتارلىق سىرتتىن كەلگەن نوپۇسنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندىلا، ئۇلار شەھەردە خاتىرجەم تۇرۇپ قالىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، ئەرزان - قولايلىق بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش» پىرىنسىپى بويىچە، تۇرالغۇ كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شەھەر - بازارلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر ۋە شەھەرلەردىكى يېڭى شەھەر ئاھالىلىرى، ياشلارنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى.

2023 - يىلى، شىنجاڭدا تەقسىملەش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن 54 مىڭ 400 يۈرۈش سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي 13 مىڭ 400 يۈرۈش، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي 41 مىڭ يۈرۈش.

«2024 - يىلى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار 25 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئىجارە ئۆيگە مەبلەغ توپلاش ۋەزىپىسىنى ئىلتىماس قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى تۇرالغۇ كاپالىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى شىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن رايونلار ئارىسىدىكى پەرق ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تولۇق نەزەردە تۇتۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سىياسەت پايدىسىنى قويۇپ بېرىپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تۈرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆيگە ئائىت ئىشلارنى پۈتۈن جەريانلىق توردا يۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز.

شەھەرنى يېڭىلاش يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر باسقۇچى. نۆۋەتتە، شەھەر تەرەققىياتى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇلما مىقدار قۇرۇلۇشىدىن ساقلانما مىقدارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش ۋە ئاشۇرۇلما مىقدار قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەلا سۈپەتلىك جەمئىيەت ئاممىۋى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇش ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ جەمئىيەت ئاساسىغا ئايلاندى.

2023 - يىلى، شىنجاڭ شەھەر - بازارلاردا كەپىلىك رايونلاردىكى 49 مىڭ 600 يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىش، 1152 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش تۈرىنى تاماملاپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە ئاممىنىڭ ئولتۇراقلىشىشى، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ماس كېلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. شىنجاڭدىكى شەھەرلەردە شەھەر قۇرۇلۇش رايونىنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %.41 41كە يېتىپ، شەھەر - بازارلاردا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان باغچە يېشىللىق كۆلىمى تەخمىنەن .9 15 كىۋادرات مېتىر بولدى. سۇ بىلەن تەمىنلەش، يېقىلغۇ گازنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ۋە يۇندى بىرتەرەپ قىلىش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتى ئاشۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى.

«تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ھەممە ئىش خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، ھەربىر ئىش ئاممىغا مۇناسىۋەتلىك. ھەرقانداق بىر مەسىلىنى ئويلىغاندا، ھەرقانداق بىر تەدبىرنى بەلگىلىگەندە، ھەرقانداق بىر خىزمەتنى ئىشلىگەندە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى خۇڭبىن مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى، باشلىنىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ۋە مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، شەھەر - يېزىلاردىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش، كاپالەتلىك تۇرالغۇ، شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىلىرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز ۋە كاپالەتلەندۈرىمىز.

كۆپ مىللەت كەڭ دائىرىدە يۇغۇرۇلۇپ ئولتۇراقلىشىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش

«مەيلى قايسى مىللەتنىڭ بايرىمى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قولۇم - قوشنىلار ھەممىمىز بىرلىكتە تەبرىكلەيمىز.» روزا ھېيت كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شىنخۇا جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى ئىتتىپاق غەربىي يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئامانگۈل رېيىم ئەتىگەندىلا ئۆزى پىشۇرغان ساڭزىنى ئېلىپ مەھەللە ئاھالە كومىتېتىغا بايرام ئۆتكۈزگىلى كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە مەززىلىك يېمەكلىكلەردىن تەڭ بەھرىلىنىپ، قوشنىدارچىلىق مېھىر - مۇھەببىتىنى ئورتاق بايان قىلدى.

مەھەللە ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشنىڭ مىكرو جەمئىيەت ئاساسى، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىيەت مەيدانى بولغاچقا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىغا ئايلاندى.

شىنخۇا جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بويىچە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان كوچا باشقارمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەۋەلىكىدە خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق 12 مىللەتتىن تەركىب تاپقان 30 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ئولتۇراقلاشقان.

«ھەر ئايدا بىر باش تېما، ھەر ھەپتىدە بىر پائالىيەت بار. ھازىرغىچە 40 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئامما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.» ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شىنخۇا جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى مىللەت - دىن ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇن مەمەت مۇنداق بىلدۈردى: كوچا باشقارمىمىز ھەرقايسى مەھەللىلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تايانچ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەھەللە مۇھىتى قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ، «ئانار دانىسى» كوچىسى، «ئانار دانىسى» مەدەنىيەت كارىدورى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئىناق بىللە ياشايدىغان مەھەللە مۇھىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۆگىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىش، قول ھۈنەر - سەنئىتى ماھارەت كۆرگەزمىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنى ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا مېھىر - مۇھەببەتنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئوت يۇرتى تۇرپان ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ پائال يېتەكلەش ئارقىلىق، «چوڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش»تىن ئىبارەت ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە «ئۆزئارا سىڭىشكەن، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان» مەھەللە مۇھىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى.

تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، شەھەرلىك مىللەت - دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دوۋ سۇڭلىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل تۇرپان شەھىرى كىچىك باغچە، كوچا سەيلە باغچىسى، كىچىك، مىكرو يېشىللىق بەرپا قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مىڭ چاقىرىملىق ئۈزۈم ئېكولوگىيە كارىدورى ئارقىلىق شەھەر سودا چەمبىرىكى، باغچە مەنزىرە رايونى، يېزا - كەنت ھويلا - ئارانلىرى تۇتاشتۇرۇلغان ئېكولوگىيە سەيلە - ساياھەت بەلبېغى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ئولتۇراقلىشىدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىش قىلىدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان جەمئىيەت شارائىتى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە قان - قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئامما ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئەستە تۇتالايدىغان، ياقتۇرىدىغان شەكىل، ۋاسىتە ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتى ئارقىلىق، «جۇڭخۇا مىللىتى ئىناق بىر ئائىلە، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر مەقسەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» تۇرپاندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.