تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇلىنىڭ جەلپكارلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي

گۈزەل ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى، مول تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئوتتەك قىزغىن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچراشقاندا، قانداق ئۇچقۇنلارنى ھاسىل قىلىدۇ؟ 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2024 - يىللىق «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ياش ئوقۇغۇچىلار ئەتىيازلىق لاگېرىنىڭ لاگېر ئەزالىرى شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ كوئېنلۇن مەكتەپ رايونىدىكى مۇزىكا شۆيۈەنى ۋە تەنتەربىيە شۆيۈەنىگە كېلىپ، بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆگەندى.

شۇ كۈنى تاجىكىستان ئۆمىكىدىكى لاگېر ئەزالىرى شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ كوئېنلۇن مەكتەپ رايونىدىكى مۇزىكا شۆيۈەنىگە كەلدى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئۇلار ئۈچۈن بىر مەيدان كاتتا مۇزىكا نومۇرى ئورۇنلاپ بەردى. داپ، دومبىرا، گۇجېڭ، باربىت... مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئون خىل ئوخشاش بولمىغان چالغۇدا شىنجاڭ ناخشا - مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلىدى، سەھنە ئاستىدىكىلەر قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، كۆپچىلىك كۆپ خىل ئۇسسۇلنى رېپېتىتسىيە قىلىشتىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە ئۆتۈلگەن ناخشا - مۇزىكا دەرسىنى ئاڭلىدى. مۇزىكىنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى بىلەن، تاجىكىستانلىق لاگېر ئەزالىرى مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە سەھنىگە چىقىپ نومۇر ئورۇنلىدى، تاجىكىستانلىق لاگېر ئەزالىرى يەنە پىيانىنو چېلىپ بەردى. پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن تەكلىپ قىلىشى بىلەن كۆپچىلىك بىرلىكتە سەھنىگە چىقىپ شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئوينىدى.

«بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان نومۇرلار ناھايىتى ياخشى ئىكەن. بىز ھەممىمىز جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرىمىز، كۆپچىلىك ئورۇنلىغان ئۇسسۇل، ناخشا، مۇزىكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى. مەن كېيىن پۇرسەت بولسا جۇڭگو شىنجاڭغا يەنە كېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى تاجىكىستان ئوتاسلاۋ داشۆسىنىڭ 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى مۇھەببەتىۋا شاخنازە.

«تاجىكىستانلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، مەن ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، ئۇلارنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى بىلدىم، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە دوستانىلىقىدىن تەسىرلەندىم. بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىپلا قالماي، يەنە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى پەرق ۋە ئورتاقلىقنى تېخىمۇ چۈشەندىم» دېدى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مېھرىبان ئابدۇغېنى.

4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ۋېنچۈەن مەكتەپ رايونىدىكى دۇشۆ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ مەدەنىيەت زالىدا، قىرغىزىستان ئۆمىكىدىكى لاگېر ئەزالىرى بىر مەيدان ئۆزگىچە بولغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

95 - يىللاردا تۇغۇلغان، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرى بولغان ماناسنىڭ ئوبلاست دەرىجىلىك ۋارىسى تىلىۋالدى بەيشيەنناخۇن نەق مەيداندا «ماناس»نى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئاۋازى بەزىدە ياڭراق، مەردانە، بەزىدە سالماق، ئاستا ئىدى. «ماناس» ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە بەدىئىي جەلپكارلىقى بىلەن لاگېر ئەزالىرىنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى.

پائالىيەت جەريانىدا، قىرغىزىستان ئۆمىكى بىلەن تاجىكىستان ئۆمىكىدىكى لاگېر ئەزالىرى شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدە يەنە تۈگۈچ چېگىش، خەتتاتلىق، چامباشچىلىق قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت دەرسلىرىنى ھېس قىلدى ھەم شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

شىنجاڭ سەپىرىنىڭ كېيىنكى قەدىمىدە، لاگېر ئەزالىرى يەنە شىنجاڭ مۇزېيىغا بارىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مېترو 1 - لىنىيەسىگە ئولتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى ۋە قولايلىق قاتنىشىنى ھېس قىلىدۇ.

«2024 - يىللىق <خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى> شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ياش ئوقۇغۇچىلار ئەتىيازلىق لاگېرىغا قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم، مەن بۇنىڭدىن جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم. كەلگۈسىدە بۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىشنى، تېخىمۇ كۆپ دوست بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى تاجىكىستان مىللەتلەر داشۆسى كۇڭزى باش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئالىكۇلوۋا دىلروم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.