تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تيەنيۈەن ھەممىباب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تۇنجى قاتناش باشلاش ھەم ئاۋىياتسىيە كەسپى (تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى) تەتقىقات يۇرتىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

​ما شىڭرۇي قاتناشتى   ئەركىن تۇنىياز تەكلىپنامە بەردى   لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىنجاڭ تيەنيۈەن ھەممىباب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تۇنجى قاتناش باشلاش ھەم ئاۋىياتسىيە كەسپى (تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى) تەتقىقات يۇرتىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى ھەم جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋۇ گۇاڭخۇيگە شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى (تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى) تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەخرىي باشلىقلىق تەكلىپنامىسىنى بەردى. جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى ياڭ يۈەنيۈەن قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.

شىنجاڭنىڭ تۇپرىقى كەڭ، بايلىقى مول بولۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسپى ۋە تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پەيتى يېتىپ كەلدى، يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز.

شىنجاڭ تيەنيۈەن ھەممىباب ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، جياڭسۇ ياجيې ئاۋىياتسىيە تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرغان بولۇپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، قەشقەر، غۇلجىنى جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ مەركىزىي تۈگۈنى قىلغان، رادىيوسى 500 كىلومېتىر كېلىدىغان «بىر سائەتلىك ئاۋىياتسىيە ئىقتىساد چەمبىرىكى»نى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئىستېمال ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كاپالىتىنى مۇھىم ئامىللىرى تولۇق، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى(تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى) تەتقىقات يۇرتى سۇپا ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى مۇتەخەسسىس، پىروفېسسورلارنى تەكلىپ قىلىپ مۇتەخەسسىسلەر ئاقىللار ئامبىرى تەشكىللەپ، كەسىپ ئىش تەقسىماتى بويىچە ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادى\كەسىپ تەتقىقات مەركىزى، تۈگۈن قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزى، ئاۋىياتسىيە قاتنىشى كەسپى(تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى) تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئەقلىي كۈچ ۋە سىياسەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، جۇڭگو(شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش»تىن ئىبارەت رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇش يولى تورى قۇرۇلمىسىنى تورلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە، ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلدى.

كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ كەسىپلەرنى پىلانلاش، مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، سىياسەت مەدىتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، بايلىق تەقسىملەش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئاۋىياتسىيە كەسپى ۋە تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن ئالاقىدار يولداشلار بىلەن بىللە شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى (تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى) تەتقىقات يۇرتىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ گاڭ سۆز قىلدى، ۋۇ گۇاڭخۇي سۆز قىلدى.

ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار تيەنيۈەن ھەممىباب ئاۋىياتسىيەسىگە يۈرۈش لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى. تيەنيۈەن ھەممىباب ئاۋىياتسىيەسىدىكى مەسئۇل يولداش تەبرىك سۆزى قىلدى.

قادېن كەبىن، شۆ بىن، جۇ لىفەن، جىن جىجېن، جۇڭگو(شېنجېن) ئۇنىۋېرسال ئېچىش تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت جەمئىيىتى، جۇڭگو پۇقراۋى ئايرودۇرۇم جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.