تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى بېرىش مىقدارى 2160 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.18 ئاشتى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۇنشياڭ) 4- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى، «2023- يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى» 4- ئاينىڭ 20- كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى بېرىش مىقدارى 2160 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.18 ئاشتى.

   2023- يىلى، ئاپتونوم رايون بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى يارىتىش، قوغداش، قوللىنىش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.