ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىمىز دۆلەتلىك 3- دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى نىجات ئابلىمىتنى ئائىلە تەربىيەسىنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ سىنلار ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىمىزدا ئۇلاپ ئېلان قىلىنىدۇ، شۇنداقلا، «ئائىلە تەربىيەسى . پىسخىكا» نامىدىكى مەخسۇس سەھىپىمىزگە جەملىنىدۇ. ئائىلە تەربىيەسىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئاتا- ئانىلارغا بۇ لېكسىيەلەرنىڭ ۋە مەخسۇس سەھىپىمىزنىڭ ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
تۆۋەندىكى سىن نىجات ئابلىمىتنىڭ لېكسىيەلىرىنىڭ «تەنقىدلىمەڭ، رىغبەتلەندۈرۈڭ» دېگەن تېمىدىكى 21- سانى.
تورداشلار ئائىلە تەربىيەسىدە ئۇچرىغان مەسىلىلىرىگە جاۋاب ئىزدىمەكچى بولسا، ئانار بۇلۇت مۇھەررىرىمىزنىڭ ۋېيشىنىنى قوشۇۋېلىپ، مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلسا بولىدۇ. مۇھەررىرىمىز ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەر توغرىسىدا نىجات ئابلىمىتنى چۈشەندۈرۈش بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ۋېيشىن نومۇرى: alami1019