تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

10 سېكۇنت ئۇچراشسىلا يۇقۇملىنىدۇ، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزى مۇنداق ئەسكەرتتى!

  باھار كېلىپ گۈل -چېچەكلەر ئېچىلىپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلىدى

  سىز جابدۇقلارنى ئېلىپ باھار سەيلىسى قىلىپ

  گۈل -چېچەكلەرنى تاماشا قىلىشنى

  يەنە سۇ كېچىپ راك تۇتۇشنى پىلانلاۋاتامسىز؟

  يېقىندا، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزى

  قان شورىغۇچى قۇرتتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى

  1. قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلى دېگەن نېمە؟

  قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلى قان شورىغۇچى قۇرت ئادەم ياكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا پارازىت شەكلىدە ياشاشتىن كېلىپ چىقىدىغان يۇقۇملۇق، يەرلىك ۋە تەبىئىي يۇقۇم مەنبەلىك پارازىت قۇرت كېسىلى بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدا تارقالغان، سەل قارالىدىغان ئىسسىق بەلباغ پارازىت قۇرت كېسىلىدۇر.

  دۆلىتىمىزدە تارقالغىنى ياپونىيە قان شورىغۇچى قۇرتىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان ياپونىيە قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلى بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەلگە كىرىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا ياكى ساقايمىسا، تەرەققىي قىلىپ ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا جىگەر قاتارلىق ئەزالار زەخمىلىنىپ، قاپقا ۋېنا بېسىمى ئېشىپ، جىگەر - تال يوغىناش، قورساققا سۇ چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئادەم ئورۇقلاپ قۇرۇق ئۇستىخان بولۇپ قالىدۇ، قورسىقى كۆپۈپ قالىدۇ، شۇڭا بۇ «يوغان قورساق كېسىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

  2. 10 سېكۇنت ئۇچراشسىلا يۇقۇملىنىدۇ

  قان شورىغۇچى قۇرت ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ قان تومۇرىدا پارازىت شەكلىدە ياشايدىغان شورىغۇچى قۇرت بولۇپ، يېرىق تەنلىك شورىغۇچى قۇرت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەم بەدىنىدە پارازىت شەكلىدە ياشايدىغان ھەم كېسەل پەيدا قىلىدىغان قان شورىغۇچى قۇرتتىن ئاساسلىقى يەتتە خىلى بار، يەنى ياپونىيە قان شورىغۇچى قۇرتى، مانسولا قان شورىغۇچى قۇرتى، مىسىر قان شورىغۇچى قۇرتى، ئارىلىق قان شورىغۇچى قۇرتى، مېكون قان شورىغۇچى قۇرتى، مالەي قان شورىغۇچ قۇرتى ۋە گىۋىنىيە قان شورىغۇچ قۇرتىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئۈچ خىلىنىڭ تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، زىيىنى ئەڭ ئېغىر.

  قان شورىغۇچى قۇرتنىڭ يېتىلىشى قۇرت تۇخۇمى، تۈكلۈك لىچىنكا، ئانا ھۈجەيرىلىك لىچىنكا، بالا ھۈجەيرىلىك لىچىنكا، قۇيرۇقلۇق لىچىنكا ۋە يېتىلگەن قۇرت قاتارلىق يەتتە باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇيرۇقلۇق لىچىنكا ئادەم بەدىنىنى يۇقۇملاندۇرىدىغان باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. قۇيرۇقلۇق لىچىنكا سۇدا ئادەمنىڭ بەدەن سىرتى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ. تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارازىت ئىگىسى بولغان ھايۋان قۇيرۇقلۇق لىچىنكا بىلەن 10 سېكۇنت ئۇچراشسىلا يۇقۇملىنىدۇ.

  3. قان شورىغۇچى قۇرت قان تومۇردىكى  قۇرتقا ئوخشىمايدۇ.

   كىشىلەر دەۋاتقان قان شورىغۇچى قۇرت دائىم سۇ زۈلۈكىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ يەنە سۈلۈك دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ قان شورايدىغان ياكى چىرىگەن گۆشلەرنى يەپ ياشايدىغان بىر خىل بەدەن سىرتىدىكى پارازىت قۇرت. ئۇنىڭ تېنى ئۇزۇن، ياپىلاق، ئۇرچۇقسىمان، ئالدى - كەينىدە ئىككى شورىغۇچى تەخسىسى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ تېنىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ. زۈلۈك سۇلۇق ئېتىز، دەريا - ئېقىن، شاللىق، كۆل - سازلىق، ئېرىق - ئۆستەڭ ۋە تېيىز سۇ، مەينەت ئازگال - كۆلچەك قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ، ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، تۈرى ناھايىتى كۆپ.

  4. قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كېرەك؟

  قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

  قان شورىغۇچى قۇرت بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى تەركىبىدە قان شورىغۇچى قۇرت قۇيرۇقلۇق لىچىنكىسى بولغان سۇ (بۇلغانغان سۇ) بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىبارەت. شۇڭا، تەركىبىدە قان شورىغۇچى قۇرت قۇيرۇقلۇق لىچىنكىسى بولغان سۇ بىلەن ئۇچراشماسلىق، بىخەتەر سۇ ئىشلىتىش يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئاچقۇچى.

    ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا بۇلغانغان سۇ بىلەن ئۇچرىشىش زۆرۈر بولغاندا، قوغدىنىش بۇيۇملىرى (رېزىنكە پەلەي، رېزىنكە ئاياغ، رېزىنكە كىيىم، رېزىنكە ئىشتان قاتارلىقلار)نى كىيىش، قوغدىنىش مەلھىمى (دورىسى) سۈركەش، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دورا ئىچىش ئارقىلىق قان شورىغۇچى قۇرتتىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر يۇقۇملىنىپ قالسا قانداق داۋالاش كېرەك؟

  ساقلانغىلى بولمىغان ئەھۋالدا بۇلغانغان سۇ بىلەن ئۇچرىشىپ، قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ياكى سۇدىن ئايرىلىپ بىر ئايدىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاقتىدا قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئاپپاراتى ياكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش كېرەك.

  ئەگەر يۇقۇملانغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، پىرازكۋانتېل نۆۋەتتە قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلى تارقالغان رايونلاردا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتقان يۇقىرى ئۈنۈملۈك، زەھىرى تۆۋەن، ئىشلىتىش قولايلىق بولغان قان شورىغۇچى قۇرتقا قارشى دورا ھېسابلىنىدۇ. دورا ئىچكەندە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىش، سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ھازىر دەل باھار كېلىپ گۈل -چېچەكلەر ئېچىلغان پەيت

     ساياھەتكە چىققاندا چوقۇم مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش كېرەك

  «شىنخۇا تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.