تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى!

 «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار داۋاملىق قىزىق نۇقتىغا ئايلانماقتا

ئەگەر سىز تېخى بىرەر ئورۇنلاشتۇرۇش قىلمىغان بولسىڭىز

تۆۋەندىكى بۇ «دەم ئېلىش تاكتىكىسى»نى

دەرھال كۆرۈپ بېقىڭ

  ↓↓↓

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن

بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە

بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

4-ئاينىڭ 28-كۈنى(يەكشەنبە)

5-ئاينىڭ 11-كۈنى(شەنبە)خىزمەت قىلىنىدۇ

«1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە

ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقماقچى بولغان دوستلارغا

خوشخەۋەر

  ئاپتوموبىل قومۇل شەرقىي ئايلانما ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى باغلىما يولدىن ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا چىقماقتا(ماتېرىيال سۈرەت). ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

ئىگىلىنىشىچە

«1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە

يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن(يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى

ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ھەقسىز يۈرۈش سىياسىتىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدىكەن.

دىققەت

ئادەتتىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا

ئاپتوموبىللار ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ ھەق ئېلىش يولىدىن ئۆتكەن ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدۇ

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا

ئاپتوموبىللارنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلغان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ

سەپەرگە چىقىشتا تېجەشلىك بولۇش ئۈچۈن

كۆپچىلىكنىڭ سەپەرگە چىقىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشى قىلىشىنى سورايمىز!

  باھار پەسلىدە شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل

پۇرسىتىنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماي

دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ

ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىڭىز بىلەن بىللە ئايلىنىپ كېلىڭ

نارات مەنزىرە رايونى پەنلۇڭ جىلغىسى يولى مەنزىرىسى(ماتېرىيال سۈرەت). ياڭ شياۋچيەن فوتوسى

4-ئاينىڭ 20-كۈنى

شىنجاڭ نارات مەنزىرە رايونى پەنلۇڭ جىلغىسى يولىدا

 رەسمىي قاتناش باشلىنىپ ساياھەتچىلەر كۈتۈۋېلىندى

 پەنلۇڭ جىلغىسى يولى ئېكولوگىيە ئۈلگە يولى بولۇپ

 نارات دەريا جىلغىسى يايلىقىغا جايلاشقان

ئۇ بوشلۇقتىكى يايلاقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۆلەك بىلەن

 بىر ئايلانما ساياھەت يولىدۇر

 نارات مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسى(ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: شىنجاڭ نارات دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى

پەنلۇڭ جىلغىسى يولىدا تۇرۇپ

ئەتراپقا نەزەر تاشلىسڭىز باھاردا جىلۋە قىلغان قار-مۇزلار كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ

بىر كۈن ئىچىدە باھار، ياز، كۈز، قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىلنى ھېس قىلالايسىز

يەنىمۇ ئىچكىرلەپ ماڭسىڭىز «ئېكولوگىيە كارىدورى»غا كىرىسىز

چوڭقۇر جىلغا، ئاجايىپ-غارايىپ گۈل-گىياھلار، توپ-توپ ھايۋانلار ئۇچراپ

ھەر قەدەمدىكى بىر كۆركەم مەنزىرە، ھەممىسى يۈرەكنى لەرزىگە سالىدۇ

  4-ئاينىڭ 18-كۈنى، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدە، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ساياھەت سۈرەتكە تارتىش تۈرى تەشۋىقات سۈرەتلىك چۈشەندۈرۈشى سۈرەتكە ئېلىنماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

  بۇنىڭدىن باشقا

نەچچە ئاي يېپىق ھالەتتە «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن» تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى

5-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭىچە قىياپەتتە نامايان بولىدۇ

  ئارتىسلار تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدە ئۇسسۇل ئوينىماقتا(ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: ئانار بۇلۇت-شىنجاڭ گېزىتى

  تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى

خەن، تاڭ ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستىراھەت كوچا رايونى

بۇلتۇر بۇ جاي ئېچىلغاندىن بۇيان

جانلىنىش ئېففېكتى 10-ئايغىچە داۋاملىشىپ

چەمبىرەكتىكى ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك «توردا ئالقىشلانغان جاي»غا ئايلاندى

ئالتە ئايغا سوزۇلغان دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن

«1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بۇ كوچا رايونى ئېچىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ

ئەلۋەتتە «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە

مۇھەررىرمۇ «بۇ جاينى ئايلانغاچ مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىشىڭىز»نى تەۋسىيە قىلىدۇ

  مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى 

ئالتۇن رەڭ لەڭمەنجىڭ ناھىيەسىنىڭ ئالقات لەڭمىنى

خېمىرى ئالقات قىيامى بىلەن تۇخۇم ۋە ئۇننى ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇلىدۇ

ئالقاتنىڭ تاتلىق تەمىگە تۇز قوشۇلغان

ئالتۇن رەڭ لەڭمەننىڭ

تەمى مەززىلىك ھەم يېيىشلىك، يۇمشاق ھەم ئىلاستىكىلىققا ئىگە

رەڭگى، ھىدى مۇكەممەل

بىر تەخسە ئالقات لەڭمىنىنى يەپ

بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈڭ

مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى

يېڭى، يۇمران، يۇمشاق، سىلىق

شىنجاڭدا بېقىلغان سالمون بېلىقىنى

سىز تېتىپ باققانمۇ؟

  ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگوۋ بازىرى بەنفاڭگوۋ كەنتىدىكى چېلىزا ئۆستۈرۈش پارنىكىدا، چېلىزا شاخلىرى دانىسى تولغان گىلاسلارنى كۆتۈرەلمەي قالدى. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى گو جۈنگې فوتوسى

  ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە

 مۇشۇ جايدا يەرلىكتە ئۆستۈرۈلگەن چېلىزىلارنى يېگىلى بولىدۇ

 ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگۇ بازىرى بەنفاڭگۇ كەنتى

سىناق تەرىقىسىدە چېلىزا ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى

مۆلچەرلىنىشىچە، «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە پىشىپ بازارغا سېلىنىدىكەن

  مەنبە: تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

تۇرپان ئوت يۇرتىدا كىچىك تاۋۇزلار پىشتى

تېز كېلىپ بۇ خىل چۈرۈك

سۇلۇق كىچىك تاۋۇزغا ئېغىز تېگىڭ

  «شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.