تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئەتىگەندە ماي قاچىلىسا تېخىمۇ پۇل تېجىگىلى بولامدۇ؟ رەنيوۋباۋ يىغىلىپ قالغان كاربوننى تازىلىۋېتەلەمدۇ؟ تۇرمۇشتىكى «ماي قاچىلاش»قا ئائىت خاتا قاراشلارنى چۈشىنىپ باقايلى (1)

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئەتىگەندە ماي قاچىلىغاندا چۈشتە ماي قاچىلىغانغا قارىغاندا تېخىمۇ پۇل تېجىگىلى بولامدۇ؟ ماي مەھسۇلاتلىرىنىڭ نومۇرى بىلەن ماي سۈپىتى ئوڭ تاناسىپ بولامدۇ؟ ئاپتوموبىلنىڭ گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىدىن سۇ چىقىش مىقدارى كۆپىيىپ كەتسە، قاچىلىغان ماينىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن بولامدۇ؟ خۇسۇسىي ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدا قاچىلىنىدىغان ماينىڭ ھەممىسى ئارىلاشما مايمۇ؟

 يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغىنى بېنزىن قاچىلاش بولۇپ، يېقىلغۇ بولمىسا قوزغاتقىلى بولمايدۇ. لېكىن ماي قاچىلاشقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ساۋات ئەمەلىيەتتە پىتنە- ئىغۋا، ھەتتا نۇرغۇن كونا شوپۇر بۇ پىتنە- ئىغۋاغا ئالدىنىپ قالغان.

پىتنە- ئىغۋا: ئەتىگەندە ماي قاچىلىسا تېخىمۇ پۇل تېجىگىلى بولىدۇ

 ھەقىقىي ئەھۋال: ئەتىگەن، چۈش، كەچتىكى پەرق چوڭ ئەمەس

 كونا شوپۇرلار ئارىسىدا «ئەتىگەندە ياكى كەچتە ماي قاچىلىسا ئەڭ مۇۋاپىق، بولۇپمۇ ئەتىگەندە ئوخشاش پۇل خەجلەپ تېخىمۇ كۆپ ماي قاچىلىغىلى بولىدۇ» دېگەن گەپ ئىزچىل تارقىلىپ كەلگەن.

 بۇنداق قاراش ئاساسسىز ئەمەس، فىزىكىدىكى ئىسسىقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىش پىرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا، سۇيۇقلۇقنىڭ تېمپېراتۇرىسى قانچە تۆۋەن بولسا، زىچلىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ؛ تېمپېراتۇرا قانچە يۇقىرى بولسا، سۇيۇقلۇقنىڭ زىچلىقى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. بېنزىن قاچىلاش مىقدارى ئېغىرلىقىغا ئەمەس، بەلكى ھەجمىگە ئاساسەن ھېسابلىنىدۇ، ئوخشاش ھەجىمدە زىچلىقى قانچە يۇقىرى بولسا، ماسسىسىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ، ئوخشاش باھادا قاچىلانغان مايمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

 ئىلمىي قائىدىنى «ئۆلۈك يادلىۋالىدىغان» بولغاچقا، نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىسى بۇنى راست دەپ ئىشىنىپ قالدى، يەنە بەزىلەر ئەتىگەندە ماي قاچىلىغىلى باردى. لېكىن ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس، ئۇلار پۇل تېجەش مەقسىتىگە يېتەلمىدى. ئەجەبا ئىلمىي قائىدىمۇ ماس كەلمەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق ئەمەس.

 جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى پەن- تېخنىكا تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېرى گو چۈن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ھەممىسىدە يەر ئاستى ماي ساقلاش ئىسكىلاتى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەلگىلىك دەرىجىدە مۇداپىئە قەۋىتى بار، بېنزىن يىل بويى تۇراقلىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شارائىتىدا ساقلىنىدۇ، سىرتنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، ئەتىگەن- كەچتە ماي قاچىلىغاندا تېخىمۇ پۇل تېجىگىلى بولىدۇ، دېگەن قاراش تەبىئىي ھالدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

 «دەسلەپكى يىللاردىكى تېخنىكا سەۋىيەسى ھازىرقى ئۆلچەمگە يېتەلمەي، يەر ئاستىدا تۇراقلىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدا ماي ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمىغان تەقدىردىمۇ، بېنزىننىڭ ئوخشاش بولمىغان ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شارائىتىدىكى زىچلىقىنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ بولمايدۇ، پەيدا بولىدىغان باھا پەرقى ناھايىتى كىچىك بولىدۇ».

 ئەمەلىيەتتە، ئەگەر ئەتىگەندە ماي قاچىلىغاندا پۇل تېجىگىلى بولىدۇ دېگەن قاراش ھەقىقەتەن پۇت تىرەپ تۇرالىسا، قىش پەسلىدە ماي قاچىلىغاندا ياز پەسلىدىكىدىن پۇل تېجىگىلى بولىدۇ، ئۇنداقتا ماي باھاسى بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرۇشى كېرەك، بولمىسا ماي قاچىلاش پونكىتى زىيان تارتىدۇ. شۇڭا، ھەقىقىي ماي تېجەشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ياخشى ھەيدەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت، بىز ئادەتتە ئاپتوموبىل ئىشلەتكەندە ئۆچرەتتە تۇرۇش، ئوتىنى ئۆچۈرمەي توختىتىپ قويۇش ياكى قوپاللىق بىلەن ھەيدەشتىن كېلىپ چىقىدىغان ماي سەرپىياتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

 (داۋامى بار) 

 پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.