تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ھەر بىر تال دورىنىڭ «كىملىكى» بار شىنجاڭدىكى 10 مىڭغا يېقىن كارخانا ۋە پارچە سېتىش تېرمىنالى دورىلارنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىغا ئۇلاندى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۇنشياڭ) 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز دورىلارنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، كود بېرىش ۋە كود سايىلەش ئارقىلىق «بىر نەرسىگە بىر كود، نەرسە بىلەن كودنى تەڭ سۈرۈشتۈرۈش»نى ئالغا سىلجىتىدىكەن. نۆۋەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 9624 كارخانا ۋە پارچە سېتىش تېرمىنالى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇلىنىپ، نۇقتىلىق دورا تۈرلىرىنى پۈتۈن جەريان بويىچە نازارەت قىلىش- تىزگىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ئالاھىدە دورىلارنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. (ماتېرىيال سۈرەت) جاڭ خۇڭ فوتوسى

 «بىر نەرسىگە بىر كود بولۇش، نەرسە بىلەن كودنى تەڭ سۈرۈشتۈرۈش» ھەر بىر دورا ئورالمىسىدا بار بولغان مەخسۇس دورا سۈرۈشتۈرۈش كودىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان زاۋۇت، تەستىق نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر كود بىردىنبىر بولۇپ، ھەر بىر تال دورا، ھەر بىر بوتۇلكا ياسالما دورىنىڭ مەخسۇس «كىملىكى» بار. دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، توپ سېتىش كارخانىلىرى، پارچە ساتىدىغان دورا دۇكانلىرى ياكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلار دورا ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا كودنى سايىلەپ يوللاپ، ھەر بىر قەدەمدىكى ئۇچۇر خاتىرىسىدە دورا سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ھەر بىر قاپ دورىنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىنى سۈرۈشتۈرۈپ، «نەرسە بىلەن كودنى تەڭ سۈرۈشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى دورا ئوبوروتىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گاۋ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دورا سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىز باسقۇچ خاراكتېرلىك ۋە تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان دورا تۈرلىرىنىڭ دائىرىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، خەۋپ- خەتىرى يۇقىرى بولغان دورىلارنى، مەسىلەن، ئالاھىدە دورىلار، ۋاكسىنا، ئوكۇل قىلىنىدىغان A تىپلىق بوتۇلىزم توكسىنى قاتارلىق بەش چوڭ تۈردىكى دورىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان نۇقتىلىق تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزدى.

 بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى سەھىيە- ساغلاملىق، داۋالىنىش كاپالىتى قاتارلىق كۆپ تارماق بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ دورا تۈرىنى كېڭەيتىشنى پىلانلايدۇ، پۈتۈن تۈردىكى دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىش مەنبەسىدىن ئەڭ ئاخىرىدا ئىشلىتىشكىچە بولغان پۈتۈن جەريانلىق سۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، دورىلارنى ئاقىل نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.