ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
پۇقراۋى كارخانىلاردىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ئارخىپ ئۆزلىكىدىن يەتكۈزۈلەمدۇ ياكى ئۆزى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلامدۇ؟
پۇقراۋى كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئارخىپىنى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى خىزمەت ئورنى تۇرۇشلۇق جايدىكى كۆچمە نوپۇسلارنىڭ ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ساقلىسا بولىدۇ.
ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاپپارات ئارخىپقا سالغان بولسا، داۋاملىق ئەسلىدىكى ئاپپارات ساقلايدۇ؛ خىزمەت ئورنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاپپارات ئارخىپقا سالغان بولسا، ئارخىپنى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايغا ياكى يېڭى خىزمەت ئورنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ ساقلىشىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈش كېرەك. ئارخىپ يۆتكەش رەسمىيىتىنى شۇ كىشى (ياكى خىزمەت ئورنىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خادىمى) كۆچمە نوپۇسلارنىڭ ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ كۆزنىكىدە بېجىرىدۇ، يەنە شۇ كىشى ئالاقىدار تور سۇپىسىدا بېجىرسىمۇ بولىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى