تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

5- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ! ئاپتونوم رايوننىڭ بىناكارلىق ساھەسى بويىچە مەخسۇس مەيدان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى قىزىلسۇ ئوبلاستىدا باشلاندى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ چۇنخۇا) «ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش» باش تېمىسىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ بىناكارلىق ساھەسى بويىچە  مەخسۇس مەيدان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا باشلاندى. پائالىيەت 5- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار ئۆز جايىنىڭ بىناكارلىق كەسپىدە ئەمگەكچى ئىشلىتىش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، توردا ۋە تور سىرتىدا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ.

«ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ،  يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش» باش تېمىسىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ بىناكارلىق ساھەسى بويىچە  مەخسۇس مەيدان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا باشلاندى. سۈرەتتە: خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئىش ئورۇنلىرى ئېھتىياجىنى ئىگىلىمەكتە. جاڭ گې فوتوسى

 پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. بۇنىڭدىكى مەقسەت، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ بىناكارلىق ساھەسىنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىناكارلىق ساھەسىنىڭ «سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش»، بولۇپمۇ يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىناكارلىق ساھەسىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى تەمىنلەش- ئېھتىياج سۇپىسى قۇرۇپ، بىناكارلىق ساھەسىگە ماس كېلىدىغان ئىختىساسلىقلار، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ماھارەتلىك ئىشچىلار، نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلارغا ماس كېلىدىغان ئىش ئورۇنلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، بىناكارلىق ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشتىن ئىبارەت.

 خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا ئادەم ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر)تىكى 108 مۇنەۋۋەر كارخانا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى سۈپەت تەكشۈرگۈچى، 2- دەرىجىلىك قۇرۇلۇش ئۇستىسى، قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىمى قاتارلىق 398 خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، 2000دىن ئارتۇق خىزمەت ئىزدىگۈچىنى جەلپ قىلدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش بىلەن توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇشنى كۆرگۈچىلەر 3 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.