تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قالقانسىمان بەزدە، سۈت بېزىدە، ئۆپكىدە تۈگۈنچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانسا جىددىيلەشمەڭ! 4B دەرىجە بولسا ئاندىن خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ)

 «تەكشۈرۈشتە قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى دەپ چىقتى، بۇنى كېسىۋېتىشكە توغرا كېلەمدۇ؟»

 «B چاۋدا سۈت بېزى تۈگۈنچىسىنىڭ 4A دەرىجە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى، قانداق قىلىشىم كېرەك؟»

 «ئۆپكە تۈگۈنچىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ، دېگىنى نېمە گەپ؟»

 تۈگۈنچە دەپ تەكشۈرۈپ چىقىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ تۈگۈنچىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىگە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ 30 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش تەشۋىقات ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، مۇخبىر شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا ئۆسمە كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاۋ خۇارۇڭنى زىيارەت قىلدى.

 «كۆپ قىسىم تۈگۈنچە ياخشى سۈپەتلىك بولىدۇ، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ». جاۋ خۇارۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، كىلىنىكىدا ئەڭ كۆپ بايقىلىدىغان تۈگۈنچىنىڭ بىرىنچىسى قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى، ئىككىنچىسى سۈت بېزى تۈگۈنچىسى، ئۈچىنچىسى ئۆپكە تۈگۈنچىسى ئىكەن.

 قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسىنى تەكشۈرگەندە ياش ئارىلىقى 70 ياشتىن 80 ياشقىچە بولغانلاردا، تۆۋىنى 20 نەچچە ياشتىكىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ تۈگۈنچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىر قەدەر كىچىك بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىسىنىڭ دىيامېتىرى بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدىكەن، ئىككى مىللىمېتىردىن ئۈچ مىللىمېتىرغىچە بولغان تۈگۈنچە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىكەن.

 كۆپچىلىك B چاۋ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئالغاندىن كېيىن، قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسىنىڭ دەرىجىگە ئايرىلىدىغانلىقىنى، جەمئىي ئالتە دەرىجىگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئادەتتە قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى، دائىرىسى، ئەكس ساداسى، گىرۋىكى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئومۇمەن ياخشى سۈپەتلىك ياكى يامان سۈپەتلىك دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، يامان سۈپەتلىك بولۇش خەۋپ- خەتىرىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

 ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى 3- دەرىجە ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغاندا ئاساسەن ياخشى سۈپەتلىك بولىدۇ؛ دەرىجىسى 4- دەرىجىگە يەتكەندە، تۈگۈنچىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىش كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالدۇرۇۋېتىش كېرەك.

 4- دەرىجە ئايرىم- ئايرىم ھالدا 4A دەرىجە، 4B دەرىجە، 4C دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، 4A دەرىجە تۈگۈنچە بولسا يامان سۈپەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ بەلكىم %5تىن %10كىچە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، 4B تۈگۈنچە بولسا يامان سۈپەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى %10تىن %50كىچە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، 4C تۈگۈنچە بولسا يامان سۈپەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى %50تىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر 4A دەرىجە بولسا، تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك؛ ئەگەر 4B دەرىجە بولسا، قالقانسىمان بەزنى B چاۋدا سايىلەندۈرۈش كېرەك. «بەزى ئاغرىقلار قالقانسىمان بەزنى B چاۋدا سايىلەندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، دەرىجىسى 3- دەرىجىگە چۈشۈپ قېلىشى، ھەتتا دەرىجىسى ئۆرلىشىمۇ مۇمكىن». جاۋ خۇارۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 5- دەرىجە قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسىنىڭ يامان سۈپەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ %85تىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، 6- دەرىجە قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسىنىڭ يامان سۈپەتلىك دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلىدىغانلىقىنى  بىلدۈرىدىكەن. 

 كۆپ قىسىم B چاۋدا بايقالغان قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى ياخشى سۈپەتلىك بولىدىكەن. ياخشى سۈپەتلىك قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسىگە ئادەتتە زىيادە كۆڭۈل بۆلۈش ھاجەتسىز بولۇپ، پەقەت تۈگۈنچىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى، ئورنى سىرتقى كۆرۈنۈشىگە روشەن تەسىر كۆرسەتمىگەن بولسا، يۆتىلىش، يۇتۇش قىيىنلىشىش، ئاۋازى بوغۇلۇش قاتارلىق روشەن كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسىلا، پەقەت ياخشى بولغان دەم ئېلىش ۋە يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى ساقلىسىلا بولىدىكەن، ھەر يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە بىر قېتىم B چاۋدا قايتا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك ئىكەن. 4B ،4C دەرىجىگە يەتكەندە، مەخسۇس بۆلۈمگە بېرىپ مەسلىھەت سوراپ، تۈگۈنچىنى ئېلىۋېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار- يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىش كېرەك ئىكەن.

 نەتىجىنىڭ تېخىمۇ توغرا بولۇشى ئۈچۈن، ھەيز ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە سۈت بېزىنى B چاۋدا تەكشۈرۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىمۇ ئالتە دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. 4B دەرىجىگە يەتكەندە يامان سۈپەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭىيىدۇ، شۇڭا سۈت بېزىنى X نۇرلۇق مولىبدېن نىشانلىق تەكشۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئەگەر گۇمان كۈچلۈك بولسا، كېسىپ ئېلىۋېتىش ياكى تېشىپ تىرىك توقۇلمىلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق پاتولوگىيەلىك دىياگنوز قويۇپ، ئاندىن نەتىجىگە ئاساسەن كېيىنكى قەدەمدىكى داۋالاش قارار قىلىنىدۇ. «مەيلى سۈت بېزى تۈگۈنچىسى بولسۇن ياكى قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى بولسۇن، ئەڭ ئاخىرىدا پاتولوگىيەلىك دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ»، دېدى جاۋ خۇارۇڭ.

 ئۆپكە تۈگۈنچىسىمۇ نۆۋەتتە بىر قەدەر كۆپ ئۇچراۋاتىدۇ، 40 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. كىلىنىكىدا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆپكە تۈگۈنچىسى ياخشى سۈپەتلىك بولىدۇ. ئادەتتە ئۆپكە تۈگۈنچىسى ئۈچ مىللىمېتىر ئىچىدە بولسا، ھەممىسى ياخشى سۈپەتلىك دەپ قارىلىدۇ؛ ئۈچ مىللىمېتىردىن يۇقىرى بەش مىللىمېتىر ئىچىدىمۇ ئاساسەن ياخشى سۈپەتلىك ھېسابلىنىدۇ؛ بەش مىللىمېتىردىن چوڭ، ھەتتا سەككىز مىللىمېتىرغا يەتكەندە، بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۆپكە قىسمىنى CTدا تەكشۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرى ھۆكۈم قىلىشى كېرەك.

 «بەش مىللىمېتىر ئىچىدىكى ئۆپكە تۈگۈنچىسىنى يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ، تۈگۈنچىدە ھەرىكەتچان ئۆزگىرىش بولغان-  بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك». جاۋ خۇارۇڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر مەسىلە بار دەپ گۇمان قىلىنسا، ۋاقتىدا مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا بولىدۇ، «كىچىك تۈگۈنچىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش پاتولوگىيەلىك يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ، كېسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن داۋاملىق داۋالاش ھاجەتسىز، پەقەت دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەكشۈرتۈپ تۇرسا بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.