تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلاردا داكا قىلىش② | «خۇشال ھالدا ئوقۇيدىغانلار» سولدا ،«يالغۇز ئوقۇيدىغانلار» ئوڭدا

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە

ئەگەر كىتابخانىنى بىر شەھەردىكى كەم بولسا بولمايدىغان مەنزىرە دېسەك، ئۇنداقتا ئۈرۈمچى شەھىرى چاڭچۇن ئوتتۇرا يولى شىنشىجيې مەيدانىنىڭ 2-قەۋىتىگە جايلاشقان «ئوڭ-سول» كىتابخانىسىنى ئەڭ يارقىن مەنزىرىلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.

ئوڭ-سول كىتابخانىسىدىن بىر كۆرۈنۈش.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

مۇخبىر كىتابخانىغا كىرگەندە، كىتاب كۆتۈرۈۋالغان ئوقۇرمەنلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، ھەتتا دۇكاندىكى خىزمەتچى خادىملارمۇ  ئەستايىدىل كىتاب ئوقۇۋاتاتقان بولۇپ، پات-پات كىتاب ۋاراقلىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

ئىشىكتىن كىرگەندىكى ئۇدۇلدىكى ئاساسىي رايوندا يارقىن نۇقتىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كىتابلار ئاددىي ۋە كۆزنى چاقنىتىپ تىزىلغانىدى. بۇ يەردىكى كۆپ ساندىكى كىتابلار ئاتا-ئانىلار، بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلەتتى، «بارلىق چوڭ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى كىچىك بالا ئىدى، گەرچە، بۇ پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭلا ئېسىدە بولسىمۇ»، «خۇشال ھالدا ئوقۇيدىغانلار سولدا، يالغۇز ئوقۇيدىغانلار ئوڭدا» قاتارلىق «يېقىشلىق سۆزلەر»نى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى. يان تەرەپتىكى بالىلار قول سېلىپ ھېس قىلىش رايونىدا رەسىم سىزىش، ئارخېئولوگىيە، ئېكسپېدىتسىيە، رەسىم قۇراشتۇرۇش قاتارلىقلار بار بولۇپ، ھەربىر جايدا شۇنىڭغا مۇناسىپ كىتابلار تىزىلغانىدى. «سېتىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن خالىغانچە ئوقۇسىڭىز بولىدۇ» دېگەندەك سۆزلەر بۇ يەرنى ئىللىقلىققا تولدۇرغانىدى.

 ئوڭ-سول كىتابخانىسىدىن بىر كۆرۈنۈش.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

ئەگىلىپ ئۆتكەندە، ھەممە يەرنى ياشلىق باھارى ھىدى قاپلىغانىدى. بۇ جاي كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى + يېشىل بولغان ئىللىق ئەدەبىيات-سەنئەت ماكانى بولۇپ، كىتاب كۆپ بولۇپلا قالماي، تەبىئىي ئايرىلغان رايونلارمۇ كۆپ ئىدى. ئىستىراھەت رايونىدا بىرەر ئىستاكان قەھۋە ئىچسە، بىرەر رومان ئوقۇسا بولاتتى؛ ئالماشتۇرۇش رايونىدا ئەدەبىيات، مۇزىكا، ساغلاملىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش يىغىلىشىنى كۆرگىلى بولاتتى؛ باش تېمىلىق پوچتىخانىدا كەلگۈسىدىكى ئۆزىگە بىر كىتاب ئەۋەتسە، بىر پارچە خەت يازسا بولاتتى؛ يېشىل ئۆسۈملۈك رايونىدىكى «ئورمانلىق»تا قاراڭغۇ چۈشكىچە كىتاب كۆرسە بولاتتى؛ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى رايونىدا خاس سوۋغاتلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالسا، ئۆزىگە تەۋە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى سوۋغىتى لايىھەلەتكۈزسە بولاتتى.

«مەن بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىلى تۆت يىل بولدى، تېخى ئوندىن بىر قىسىم كىتابنى ئوقۇپ بولالمىدىم». بۇ كىتابخانىنىڭ كىتاب مەسئۇلى جاۋ ماۋيا مۇنداق دېدى: كىتابخانىمىز «خېرىدارلارنىڭ تاپماقچى بولغان كىتابىنى تاپالماسلىقىدىن ئەنسىرەيمىز، بىر ياخشى كىتابنىڭ ئوڭ-سول كىتابخانىسىدا بولماسلىقىدىن قورقىمىز» دېگەن ئىدىيە بويىچە، بازىرى ئىتتىك كىتاب، بازار تاپمىغان ياخشى كىتاب، كىشىلەر ئامراق خاسلىققا ئىگە كىتاب قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل تاللىدۇق، يەنە ژۇرناللارنىمۇ كىتابخانىغا ئېلىپ كىردۇق.

ئوڭ-سول كىتابخانىسىدىن بىر كۆرۈنۈش.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

جاۋ ماۋيا مۇنداق تونۇشتۇردى:  ئوڭ-سول كىتابخانىسى 2018-يىلى يېڭىدىن ئېچىلغان كىتابخانا، لېكىن ئۇ «ياش» ئەمەس، ئۇنىڭغا ئاساس بولغان تۇنجى دۇكان 1998-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئېلان ۋە سەنئەت تۈرىدىكى كىتابلارنى سېتىشنى ئاساس قىلغان. دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتى ئۆزگىرىپ، كىتابخانىمىزمۇ ئۈزلۈكسىز تىپىنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بۈگۈنكى كۈندە كۆپ مەنبەلىك بىرىكمە تىپتىكى كىتابخانىغا ئايلاندى. خېرىدارلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، كىتاب كۆپ بولسا، ياخشى ھېس قىلىدۇ، كۆڭلى تىنچلىنىپ، كەلسە كەتكۈسى كەلمەيدۇ.

«بىز بوشلۇق بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش تەسىراتىغا، ئىجادىيەت ئېستېتىكىسى بىلەن شەھەر تۇرمۇشىنىڭ مەنىۋى يۇغۇرۇلۇشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىمىز، بىز كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز، كۆپچىلىكنىڭ كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى جاۋ ماۋيا. كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن، كىتابخانا كىتاب ئوقۇشنى كىتابتىن ئۇزارتىپ چىقاردى، مەسىلەن، كىنو كۆرگەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئوقۇش، ساياھەت فوتو سۈرەتلىرىنى ھەمبەھرىلەش، خۇشال قەھۋە يىغىلىشىنى ھېس قىلىش... بۇ يىلقى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، كىتابخانا يەنە «بىر سائەت كىتاب ئوقۇش» مارافونچە ئوقۇش ھەم «كىتاب ئوقۇش جەريانىدا دۇنيا بىلەن قايتا باغلىنىش» قاتارلىق نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى.

ئوڭ-سول كىتابخانىسىدىن بىر كۆرۈنۈش.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

«بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىمۇ پائالىيەت جەريانىغا كىرگۈزۈپ، ھېس قىلىش، كۆپچىلىك سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئوقۇش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئوقۇش خۇشاللىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز» دېدى جاۋ ماۋيا.

«بۇ يەردە پېچىتى يىرتىلىپ كۆپچىلىكنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن كىتابلار ناھايىتى كۆپ، ھەر قېتىم كەلگەندە يېڭى كىتابلار بار. كىتابخانا تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، ۋاقتىم بولسىلا كېلىپ كىتاب كۆرۈپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىپ كېلىۋاتىمەن». ئوقۇرمەن ۋاڭ يۈنىڭ قارىشىچە، كىتابخانىنىڭ مۇھىتى ياخشى، كىتابلىرى كۆپ، پائالىيىتى مول بولغاندىن سىرت، كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدىغىنى، بۇ جاي ھەربىر ئادەمنىڭ كىتاب ئوقۇش تۇيغۇسىغا ئەھمىيەت بېرەتتى، «بۇ جايدا، مەن كىتاب ئوقۇش خۇشاللىقىنى ئىزدەپ تاپتىم، كىتابقا نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ ھۆرمەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولدۇم، تۇرمۇشۇم تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتمەكتە».

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.