تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ھەممە جاينى گۈل-گىياھلارنىڭ خۇش ھىدى قاپلىغان 4-ئايدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ چېچەكلەرنى كۆرۈپ كېتىڭ

4-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ گۇەنيۈەن يولىدىكى قارىياغاچ يوپۇرماقلىق ئالۇچىلار بەس-بەستە چېچەكلىدى.

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 4-ئايدا، ھەممە جاينى گۈل-گىياھلارنىڭ خۇش ھىدى قاپلاپ، ھەممە يەر ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، شېئىرىي تۈسكە كىرىدۇ، بارلىق شەيئىلەر قۇياشقا قاراپ ئۆسىدۇ. ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا، ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرى، ئولتۇراق رايونلاردىكى ئۆرۈكلەر، قارىياغاچ يوپۇرماقلىق ئالۇچىلار، تاشئالمىلار بەس-بەستە چىچەكلەپ، شاخلىرىغا لىق تولۇپ، چىرايلىق ئېچىلىپ، باھار مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل تۈسكە كىردى. شەھەر ئاھالىلىرى ئۆيلىرىدىن چىقىپ چېچەك سەيلىسى قىلىپ، ئەڭ گۈزەل باھار بىلەن ئۇچراشتى. 

4-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ گۇەنيۈەن يولىدا بىر ئولتۇراق رايوندىكى ئۆرۈكلەر چېچەكلىدى.
4-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ گۇەنيۈەن يولىدا بىر ئولتۇراق رايوندىكى ئۆرۈكلەر چېچەكلىدى.
4-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ گۇەنيۈەن يولىدا بىر ئولتۇراق رايوندىكى ئۆرۈكلەر چېچەكلىدى.
4-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى گۇەنيۈەن يولىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا كىچىك دەرەخلەر بىخ چىقاردى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.