ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يەن شياۋتيەن، پىراكتىكانت ياڭ يەنيۈ) ۋۇجياچۈ شەھىرىنىڭ 19- نۆۋەتلىك كۈركۈمگۈل مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى ۋۇجياچۈ چىڭگېداخۇ ساياھەت مەنزىرە رايونىدا رەسمىي باشلىنىدۇ، 30 خىل تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 مىليون 800 مىڭ تۈپ كۈركۈمگۈل چىڭگېداخۇنىڭ باھار مەنزىرىسىگە ھۆسن قوشتى.
بۇ يىللىق كۈركۈمگۈلى مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمىدىكى كۈركۈمگۈل ئاساسلىقى جۈزەرەڭ، قىزىل رەڭ، ھال رەڭ، سېرىق رەڭ، سۆسۈن رەڭ قاتارلىق بەش خىل رەڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن فوتوسى