ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ نارات دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، نارات مەنزىرە رايونى ئورتاجوتا لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىپ ساياھەتچىلەر كۈتۈۋېلىنىدىكەن.
نارات مەنزىرە رايونى ئورتاجوتا. سۈرەت مەنبەسى: نارات دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى
ئىگىلىنىشىچە، ئورتاجوتا لىنىيەسىدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر مول، ئورمانلار بىلەن ئورالغان تاغلار يامبۇغا ئوخشايدىغان بولغاچقا، يېشىل يامبۇ دەپ ئاتالغان. بۇ يەرمۇ مۇھەببەت ئاساسى تېما قىلىنغان لىنىيە. ئۇنىڭ تاغقا چىقىدىغان پىيادىلەر يولىدا قول تۇتۇشۇش، رىشتە باغلاش، بىللە ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ، تاغدىكى گۈللەرنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ يەردە رومانتىك ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.
نارات مەنزىرە رايونىدا جەمئىي بەش ساياھەت لىنىيەسى بار بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ساي يايلاق لىنىيەسى، بوشلۇقتىكى يايلاق لىنىيەسى، پەنلۇڭ جىلغىسى، تيەنشېنتەي(قار لەيلىسى جىلغىسى) ھەمدە ئورتاجولتا لىنىيەسىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە 4-ئاينىڭ 20-كۈنى پەنلۇڭ جىلغىسى يولىدىمۇ رەسمىي قاتناش باشلىنىپ ساياھەتچىلەر كۈتۈۋېلىندى.
ئورتاجولتانىڭ كونكرېت لىنىيەسى: دەيگلاس/ئورمان باغچىسى-يېشىل يامبۇ-ۋەنخۇاگۇ-ئورتاجولتا-دەيگلاس/ئورمان باغچىسى(32KM/29KM پۈتۈن مۇساپە)، بېرىپ-كېلىش باھاسى 120 يۈەن/ئادەم قېتىم.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى