تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئورۇقلاشتا ماينى سېرىيدىغان تاماقنى ھەرگىز بۇنداق يېمەڭ، يېگەنسېرى سەمىرىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ

   ئەتىياز، ياز پەسىللىرىدە كىشىلەر «ئورۇقلاش» دېگەن بۇ سۆزنى كۆپ تىلغا ئالىدۇ. ئورۇقلىماقچى بولغان ئادەم قەتئىي نىيەتكە كەلگەن ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، چىداپ تۇرۇپ ماينى سېرىيدىغان تاماق يېيىشكە باشلايدۇ.

   ماينى سېرىيدىغان بىر كىشىلىك تاماق ئون نەچچە يۈەندىن نەچچە ئون يۈەنگىچە، لېكىن يېرىم ئاي يېگەندىن كېيىن، جىڭغا چۈشكەندە كىشى ئالاقزادە بولىدۇ: بۇ ئېغىرلىق نېمىشقا تۆۋەنلىمەي ئەكسىچە ئۆرلەيدۇ؟ ھەتتا، ئۆزىنى ماينى سېرىيدىغان تاماقنىڭ ساختىسىنى سېتىۋالغاندىمەنمۇ، دەپ گۇمانلىنىپمۇ باقىدۇ.

رەسىم ئامبىرىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە سۈرەت، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش نەشىر ھوقۇقى ماجىراسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

ماينى سېرىيدىغان تاماقنى يەپمۇ ئورۇقلىمىسا

زادى قەيەردىن مەسىلە چىقتى؟

___________________________________________________________________________________________________

   ئەمەلىيەتتە، كىشىلەردە ماينى سېرىيدىغان تاماقلارغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل خاتا قاراش مەۋجۇت:

   1. بىرىنچى خاتا قاراش: ماينى سېرىيدىغان تاماق = ئورۇقلىتىش دورىسى

   ماينى سېرىيدىغان تاماق بىر خىل يېمەك ـ ئىچمەكنى ماسلاشتۇرۇش بولۇپ، ئۇ ئورۇقلىتىش دورىسىغا باراۋەر ئەمەس، يېگەندە «دورا يېگەن ھامان كېسەل ساقىيىدۇ» دېگەندەك ئىش بولمايدۇ. مەيلى ماينى سېرىيدىغان تاماقنى قوشۇمچە تاماق قىلىش بولسۇن ياكى ئۇنى ئورۇقلاشنىڭ «نىجاتكارى» قىلىش بولسۇن، ھېچقايسىسى مۇۋاپىق ئەمەس.

   2. ئىككىنچى خاتا قاراش: «ئورۇقلىتىش يېمەكلىكى» = يېگەنسېرى ئورۇقلايدۇ

   قارىماققا ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن بولغان بەزى يېمەكلىكلەر ئەمەلىيەتتە سىزنى يېگەنسېرى ئورۇقلاتمايدۇ، ئەكسىچە بارغانسېرى سەمرىتىۋېتىدۇ، ماينى سېرىيدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللىغاندا، تۆۋەندىكى ئالتە چوڭ يېمەكلىككە كەلگەندە كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىشىڭىز كېرەك.

   سۇلۇ «جەمەتى»: بىر تەرەپ قىلىنغان، شېكەر ۋە ماي قوشۇلغان سۇلۇ پارچىسىنىڭ شېكەرنى ئۆرلىتىش كۆرسەتكۈچى مىفەن بىلەن قېلىشمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «مول مېۋە قېقى قوشۇلغان» بۇ تەشۋىقات سۆزى ئۇنى قارىماققا تەركىبىدە ۋىتامىن، مىنېرال ماددا ۋە تاماق تالاسى مول بولغان يېمەكلىكتەك كۆرسىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە مېۋىنى مېۋە قېقىغا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا، كۆپ قىسىم ۋىتامىنلار سۇ بىلەن بىللە ئېقىپ كېتىدۇ.

   يېڭى سىقىلغان مېۋە شەربىتى: سىقىپ شەربەت ھاسىل بولغاندىن كېيىن، مېۋىنىڭ تالاسى مېۋە تىرىپى بىلەن بىللە سۈزۈۋېتىلىدۇ، مېۋە شەربىتى ئۈچەيگە كىرگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا سۈمۈرۈلۈپ، قاندىكى شېكەر تېز سۈرئەتتە ئۆرلەيدۇ.

   سالات قىيامى: سالات قىيامىنىڭ ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، بىر قوشۇق 100 كىلوكالورىيەدىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتىكى سالات قىيامىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسى بار. تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولمىغان ئوزۇقلۇق ماددا بولۇپ، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش، جىگەرنى ماي قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

رەسىم ئامبىرىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە سۈرەت، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش نەشىر ھوقۇقى ماجىراسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

   قارا ئاشلىق پىرەنىكى: بۇغداي ئۇنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ماي تەركىبى يۇقىرى، كاربون سۇ تەركىبى يۇقىرى.

   مېۋە - كۆكتات قېقى: تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا مايدا پىشۇرۇلغان مېۋە - كۆكتات قېقى مېۋە - كۆكتاتلارنىڭ ماي مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

   قارا كۈنجۈت: بازاردىكى كۆپ قىسىم قارا كۈنجۈتنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئەمەلىيەتتە گۈرۈچ بولۇپ، گۈرۈچنىڭ شېكەرنى ئۆرلىتىش سۈرئىتى تېز، ئۇنى ئېزىپ تالقان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يەنە قارا كۈنجۈت تەركىبىدىكى ئاق شېكەر ۋە گلۇكوزىنىڭ رولىنى قوشقاندا، شېكەرنى ئۆرلىتىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدۇ.

 3.  ئۈچىنچى خاتا قاراش: ئورۇقلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كاربون سۈيىنى ئۈزۈۋېتىش كېرەك.

   ئاساسلىق يېمەكلىكنى ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز. ئاساسلىق يېمەكلىك ئادەم بەدىنىنى تەمىنلەيدىغان ئېنېرگىيە كۈندىلىك ئېھتىياجىنىڭ تەخمىنەن %65ىنى ئىگىلەيدۇ، ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى تېخىمۇ زور بولىدۇ. كاربون سۈيىنى ئۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئۇسۇل بىزنىڭ ئورۇقلىشىمىزغا ياردەم بېرەلمەيدۇ ھەم ئاقىلانىلىك ئەمەس.

 4.  تۆتىنچى خاتا قاراش: يېمەكلىكنى ئازايتقاندا ئورۇقلىغىلى بولىدۇ

   ئەمەلىيەتتە، ئورۇقلىغۇسى بار ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئازلاتقۇسى كېلىدىغىنى بەدەن ئېغىرلىقى ئەمەس، بەلكى بەدەندىكى ماي. يېمەكلىكنى ئازايتىش ئېلىپ كەلگەن ئېغىرلىق چۈشۈشتە ئەڭ ئاۋۋال مۇسكۇللار «ئېقىپ» كېتىدۇ. يېمەكلىكنى قارىغۇلارچە ئازايتىشتا بەدەن ئېنېرگىيە تەقسىماتىنى قايتىدىن ئېلىپ بېرىپ، زۆرۈر بولغان ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئازايتىدۇ، لېكىن ماي ئېنېرگىيە ساقلايدۇ ۋە تەمىنلەيدۇ، شۇڭا ماينى ئالدىن ئىشلەتمەيدۇ.

ماينى سېرىيدىغان تاماقتا نېمە ئۈچۈن ئورۇقلايدۇ؟

__________________________________________________________________________________________________

   ماينى سېرىيدىغان تاماقلارنىڭ ماينى ئازايتىش ئۈنۈمىگە يېتىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئادەم بەدىنىگە ئىسسىقلىق كەمتۈكلۈكى پەيدا قىلىدۇ. ئورگانىزمنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى ساقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئاساسىي مېتابولىزم بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى قوبۇل قىلىنغان ئېنېرگىيەدىن كۆپ بولغاندا، ئېنېرگىيە يوچۇقى پەيدا بولىدۇ.

   ئاممىباب مىسال ئالساق، بەدەن ئېغىرلىقى 60 كىلوگىرام كېلىدىغان قۇرامىغا يەتكەن بىر ئايالنىڭ ئاساسىي مېتابولىزمى 1400 كالورىيە ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەگەر بىر كۈندە پەقەت بىر ھامبۇرگ بولكىسى يېسە، ھامبۇرگ بولكىسىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 750 كالورىيە بولغاندا، بۇ ئايالدا ئېنېرگىيە كەملىك كۆرۈلىدۇ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ماينى ئازايتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

رەسىم ئامبىرىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە سۈرەت، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش نەشىر ھوقۇقى ماجىراسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

   لېكىن روشەنكى، بۇنداق يېيىش قارىغۇلارچە ئېنېرگىيە يوچۇقى پەيدا قىلىشقا كىرىدۇ، بۇ ئىلمىي ئەمەس. شۇڭا ماينى سېرىيدىغان تاماق بىلەن ئورۇقلاش ئۈچۈن، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تاماق - كۆكتات مىقدارىنى تاللاپ، ياخشى ماسلاشتۇرغاندىلا ئاندىن ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

   ماينى سېرىش مەزگىلىدە، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئاقسىل، مايدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق ماددىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئادەتتە 2:1:1 بولىدۇ. يەنى قوبۇل قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاساس قىلغاندا، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ %55 ~ %50ىنى ئىگىلەيدۇ، ئاقسىل ئاز دېگەندە %25، ماي %25 ~ %20نى ئىگىلەيدۇ.

   يەنى، قوبۇل قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاساس قىلغاندا، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ %55 ~ %50ىنى ئىگىلەيدۇ، ئاقسىل ئاز دېگەندە %25، ماي %25 ~ %20نى ئىگىلەيدۇ.

   لېكىن، ماينى سېرىيدىغان تاماقلارنى ئوزۇقلۇق دوختۇرىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە باھالىشى ئاستىدا يېيىش كېرەك، ئۇزۇن مۇددەت ئورۇقلاشقا ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز.

ماينى سېرىيدىغان تاماقنى قانداق ماسلاشتۇرۇش كېرەك؟

__________________________________________________________________________________________________

   باھاسى يۇقىرى، ماينى سېرىيدىغان تاماق ئالدىدا، قانداق قىلغاندا ئىلمىي ھەم پۇل تېجەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئۆزىگە ماسلىشىدىغان، ماينى سېرىيدىغان تاماقنى ياخشى ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ ماينى سېرىش مەزگىلىدىكى بۇ ئۈچ ۋاق تاماق تەكلىپىنى ياخشى ساقلىۋېلىڭ.

   ناشتىلىق: پىلتە قۇيماق، مانتا، قىيمىلىق تاۋا نېنى قاتارلىق دائىملىق ناشتىلىقنى ساپ بۇغداي ئۇنى بولكىسى، سۈت، تۇخۇم ۋە چىڭسەي بىلەن ئالماشتۇرىمىز. بۇنداق بولغاندا، نۇرغۇن ماي، تۇز، سېمىز گۆش ۋە دورا - دەرمەكلەردىن ساقلانغىلى، يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق زىچلىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

   چۈشلۈك تاماق: چۈشلۈك تاماقتا ماي ۋە تۇزنى كونتىرول قىلىش بىرقەدەر تەس، شۇڭا بەزى ئاساسىي پىرىنسىپلارنى ئىگىلەش كېرەك، مەسىلەن، مايدا پىشۇرۇش، قىزارتىپ پىشۇرۇشتىن ساقلىنىش قاتارلىق ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاسان ئاشۇرىدىغان تاماق ئېتىش ئۇسۇللىرى دېگەندەك. كۆكتاتلارنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، ئادەتتە 50 كىلوكالورىيەدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئەمما جياڭيۇغا چىلانغان چەيزە، چەيزە قورۇمىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى كۆكتاتلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.

   . ئاساسلىق يېمەكلىكلەرگە كۆممىقوناق، زىشۇ، قارا ئاشلىق، ئېرمىفەن(گۈرۈچكە باشقا ئاشلىق قوشۇپ دۈملەنگەن مىفەن)، كاۋا، ياڭيۇ بوتقىسى، قارا گۈرۈچ تامىقى قاتارلىقلارنى تاللاشقا بولىدۇ؛

   . كۆكتات ۋە زەمبۇرۇغ تۈرىدىكىلەرگە تۇڭخاۋ، يوۋمەيسەي، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، چىڭسەي، شياۋيوۋسەي، شىلەنخۇا، سەيخۇا، شياڭگۇ، خەيشيەنگۇ، شىڭباۋگۇنى تاللاشقا بولىدۇ؛

   ئاقسىلغا توخۇنىڭ كىچىك كۆكرىكى، كالا گۆشى، قوي گۆشى، راك، بېلىق قاتارلىقلارنى تاللاش كېرەك.

   كەچلىك تاماق: «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى»گە ئاساسلانغاندا، ئاش تۇزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بەش گىرام، يېمەكلىك يېغىنىڭ 30 ~ 25 گىرام بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

   كەچلىك تاماقتا يىرىك پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ، قارا ئاشلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش مىنېرال ماددىلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارنى ھەقسىز تولۇقلىغانغا باراۋەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا ئاشلىق ئېلىپ كېلىدىغان تويۇنۇش تۇيغۇسى ئاق ئاشلىقنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭغا ئىككى - ئۈچ تال راك، جىنجېنگۇ، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، چىڭسەي ماسلاشتۇرۇلىدۇ.

رەسىم ئامبىرىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە سۈرەت، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش نەشىر ھوقۇقى ماجىراسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

   ئەلۋەتتە، ماينى سېرىش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇشى، ئەسلىگە قايتىپ كېتىشنىڭ ئاستا بولۇشى ئۈچۈن، ماينى سېرىيدىغان تاماقنى يېيىشلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئەمەس، يەنە بەزى «قوشۇمچە مەشغۇلات»لارنى ماسلاشتۇرغاندىلا، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ.

   1. ئىلمىي سۇ ئىچىش

   ئىللىق ھاۋا شارائىتىدا، يېنىك جىسمانىي ھەرىكەت قىلىدىغان قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەر كۈنى 1700 مىللىلىتىر، ئاياللارنىڭ 1500 مىللىلىتىر سۇ ئىچىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر ھاۋا ئىسسىق بولسا ياكى ھەرىكەت مىقدارى كۆپ بولسا، سۇ ئىچىش مىقدارىنى مۇناسىپ ئاشۇرۇش كېرەك.

   2. ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇش

   ئوكسىگېنلىق مەشىق ۋە كۈچ مەشىقىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك، نۇرغۇن ئورۇقلىغۇچىلار ئورۇقلاش ئويى بولسىلا ئەسەبىيلەرچە ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېنېرگىيە يوچۇقى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە تېرە بوشاپ كېتىدۇ، كۈچ مەشىقىنى ماسلاشتۇرغاندا بەدەننى چىڭىتىدۇ.

   3. بالدۇر ئۇخلاپ، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش

   كورتىزول(皮质醇) بېسىم ھورمۇنىغا تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى بەدەننىڭ گلىكوگېن ئاقسىلى، ياغنى پارچىلىشىغا قوماندانلىق قىلىش، شۇنداقلا ئادەمنى چارچىتىدۇ، ئاندىن ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

   كەيپىيات ناچار، بېسىم ئېغىر، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغاندا، كورتىزول ئېتىلىپ چىقىپ ماينى پارچىلاشنى توختىتىپ، بەدىنىمىزدىكى ئاقسىلنى، يەنى مۇسكۇللارنى پارچىلايدۇ، شۇڭا كەچتە زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئاز يەپ، كۆپ ھەرىكەت قىلىدىغان، ئەمما بەدەن ئېغىرلىقى مىدىرلىماي تۇرىدىغان ھالەت كېلىپ چىقىدۇ.

   ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئەگەر ماينى سېرىيدىغان تاماقتا خاتا قاراشقا كىرىپ قالسا، ئۇنىڭغا قوشۇپ يەنە خاتا ئورۇقلاش قارىشىغا كىرىپ قالسا، ماينى سېرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. بەل ئايلانمىسى، بەدەن ئېغىرلىقى ۋە بەدەندىكى ماي نىسبىتىگە دىققەت قىلىپ، قارىغۇلارچە تاماقنى ئازايتماسلىق ۋە ياكى قىسقا ۋاقىتلىق زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىشتىن ساقلىنىش، ماينى سېرىيدىغان راھەت ھالەتنى تېپىپ چىقىپ، ساختا تەلەپچان ئادەم بولمىغاندىلا، ئاندىن ماينى سېرىش مەقسىتىگە يەتكىلى، شۇ ئارقىلىق ماينى سېرىپ، ئېغىرلىقنىڭ قايتا ئۆرلەپ كەتمەسلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.