تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

سۇڭفېڭ بىلىم يۇرتىدىن مەدەنىيەت مۇزېي باغچىسىغىچە

− باركۆلدە «مەدەنىيەت كەيپىياتى شىنجاڭ بويىچە تەڭداشسىز» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش

[ئىستون سۆزى]

كىشىلەر دائىم شىنجاڭغا كەلگەندىلا، ئاندىن جۇڭگونىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ؛ شىنجاڭغا چوڭقۇر چۆككەندە، سەلتەنەتلىك جۇڭخۇانىڭ تارىخىنىڭ شۇ قەدەر ئۇزاق، مەدەنىيلىكىنىڭ شۇ قەدەر مول ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلغىلى بولىدۇ، دېيىشىدۇ. تۆگە كولدۇرمىلىرى ئاۋازى مىڭ يىل ياڭراپ كەلگەن شىنجاڭدا، قەدىمكى دەۋردىكى تۆت چوڭ مەدەنىيلىك ئۇچراشقان تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ، ھەر ۋاقىت، ھەممە جايدا مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «جۇڭگو مەدەنىيىتى سەپىرى» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەرلەرنى سىجىل ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ ئاسارئەتىقىلەرنى بايقاش، داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازار، قەدىمىي كەنت، قەدىمىي كوچىلارنى قوغداش، مەدەنىيەت ـ ساياھەت تەرەققىياتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» «جۇڭگودا ئىزدىنىش» «جۇڭگودا ساياھەت قىلىش» «جۇڭگودىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» «ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو» قاتارلىق باش تېمىلارنى تەسىس قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە ئىجادىي تەجرىبىلىرىنى كۆپ نۇقتىدىن ئىستېرېئولۇق خەۋەر قىلىدۇ. دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ

4 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى ئەتىگەندە ياغقان باھار يامغۇرىدىن كېيىن، باركۆل مەدەنىيەت مۇزېي باغچىسى سۇڭفېڭ بىلىم يۇرتىنىڭ قارا كۆك رەڭلىك كاھىشلىرى يۇيۇلۇپ پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگەنىدى. بىلىم يۇرتىنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىدە شەرقتىن غەربكە دالدا تام، ئەليۇلئەلا كۆۋرۈكى، داچېڭ سارىيى، ۋېنكۇي راۋىقى جايلاشقان بولۇپ، ئىككى يان تەرىپىدە ئۈستەل تىزىلغان بىرنەچچە دەرسخانا بار ئىدى. دالدا تام ئالدىدا، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك تارىخ ـ مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 60 ياشلىق خوۋ گۇاڭفۇ ئالتە ياشلىق ئېنكار قايراتنى يېتەكلەپ «شاگىرتلار قائىدىسى»نى دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇۋاتاتتى.

ئىككى كۈندىن كېيىن، بۇ چوڭ ـ كىچىك ئىككىيلەن باركۆلدە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خەت تونۇش ـ يېزىشقا كىرىشىش مۇراسىمىدا، پۈتۈن ناھىيەدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان 300دىن ئارتۇق بالىنى يېتەكلەپ، جۇڭگونىڭ بۇ ئەنئەنىۋى ئىلمى كىلاسسىك ئەسىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇيتتى. «مەن داشۆگە ئۆتكەن يىلى، ئاتا ـ ئانام مېنى باشلاپ بىلىم يۇرتىدا ئەليۇلئەلا مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، كۈچلۈك مۇراسىم تۇيغۇسى ھېس قىلغانىدىم. ئېنكار چوڭ بولغاندىن كېيىن، مەن ئائىلەمدىكىلەرنى باشلاپ بۇ يەردە ئۇنىڭ ئەليۇلئەلا مۇراسىمىنى تاماملاشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئېنكارنىڭ ئاپىسى.

2006 ـ يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ تارىخ ـ مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى دەپ نام بېرىلگەن باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى ھەربىي ئىشلاردىكى مۇھىم جاي، «يېڭى شىمالىي يول» ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرىشتىكى بىرىنچى مۇھىم جاي بولۇپ، «مەدەنىيەت كەيپىياتى شىنجاڭ بويىچە تەڭداشسىز» دېگەن گۈزەل نامى بار، ھالبۇكى گۈللەنگەن مەدەنىيەت كەيپىياتى چىڭ سۇلالىسىنىڭ شيەنفېڭ يىللىرىدا بەرپا قىلىنغان سۇڭفېڭ بىلىم يۇرتىدىن كەلگەن. تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى بۇ كىچىككىنە بىلىم يۇرتى بىر تۈركۈم ئەدىبلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي، باركۆلگە مەدەنىيەت ۋە ئوقۇشنى قەدىرلەش ئۇرۇقىنى چاچقان.

خوۋ گۇاڭفۇ كىچىكىدىنلا ئاتا ـ ئانىسىغا ئەگىشىپ شەندۇڭدىن باركۆلگە كەلگەن، ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەسلىمىسىدە، ئۇ ئەڭ چوقۇنىدىغانلار چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا قەلەم قىستۇرۇۋالغان زىيالىيلار ئىدى، كەنت ئاھالىلىرى كۈيۈئوغۇل تاللىغاندىمۇ، ئالدى بىلەن كىتاب ئوقۇيالامدۇ، خەت تونۇمدۇ دەپ سورىشاتتى. ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى بولدى ۋە تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى، كېيىن يەنە مەدەنىيەت ـ تارىخ ماتېرىياللىرىنى توپلاش، رەتلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.

خوۋ گۇاڭفۇنىڭ يان تېلېفونىدىكى خەرىتە يۇمشاق دېتالىدا باركۆل ناھىيەسى تەۋەسىدىكى 83 تۇرنىڭ يەر بەلگىسىگە بەلگە قويۇلغان. سېرىق بەلگە سېلىنغىنى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇر، قىزىل بەلگە سېلىنغىنى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇر، كۆك بەلگە سېلىنغىنى قورغان خارابىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەربىرى ئۇ قەدىمى بىلەن ئۆلچەپ يېتىپ بارغان جايلار ئىدى، بۇ يولدا ئۇ 20 نەچچە يىل ماڭدى.

باركۆلنىڭ مەدەنىيەت ـ تارىخ ئاساسى چوڭقۇر بولۇپ، ھازىر دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن بەشى، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن ،ى15 ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن 109ى بار.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باركۆل ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 50 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، سۇڭفېڭ بىلىم يۇرتى، خەنچېڭ، مەنچېڭ قەدىمىي شەھەر سېپىلى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاشلىق ئامبىرى ۋە قەدىمىي سېپىل راۋىقىنى رېمونت قىلىپ قوغدىدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، غەربىي شىمال داشۆسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار باركۆلدە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتى ئېلىپ باردى، ھەم كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

«ئاساسىي ئەھۋالنى ئۈزۈل ـ كېسىل ئېنىقلاپ، ئېنىقلانغان نەرسىلەرنى ياخشى قوغدىغاندا، ئۇلاردىن تېخىمۇ ياخشى جانلىق پايدىلانغىلى بولىدۇ» دېدى خوۋ گۇاڭفۇ. بۈگۈنكى كۈندە، باركۆلگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ناھىيە بازىرىدىكى خەنچېڭ جەنۇبىي كوچىسىغا جايلاشقان باركۆل مەدەنىيەت مۇزېي باغچىسىغا بارىدۇ. 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان مەدەنىيەت مۇزېي باغچىسى يەر ئاستىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا جان كىرگۈزۈپ، كىتابتىكى تارىخنى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىدۇ.

مەدەنىيەت مۇزېي باغچىسى ئىچىدىكى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاشلىق ئامبىرىغا كىرگەندە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا ياسالغان بۇ ئاشلىق ئامبىرىدىن تارىخ پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. ئىشىكتىن كىرىپلا، ئاشلىق ئامبىرىنىڭ بىر مېتىردىن ئارتۇق قېلىنلىقتىكى تېمىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۆگزىسى چىشلەشتۈرۈلگەن قۇرۇلمىلىق بولۇپ، يەرگە قېلىن ياغاچ تاختاي ياتقۇزۇلغان، ياغاچ تاختاي يەر يۈزىدىن 20 سانتىمېتىر بوشلۇق قالدۇرۇلۇپ ياتقۇزۇلغان بولۇپ، چاشقان ئاپىتى ۋە نەملىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

«ئامباردىكى ئاشلىق سىرتقا خالتا بىلەن توشۇلمايدۇ، بەلكى ئىچىدىن سىرتىغا بىر ئۇزۇن تاختاي يانتۇ قويۇلۇپ، يانتۇلۇقتىن پايدىلىنىپ پارچە ئاشلىق ئامباردىن سىرتقا يۆتكىلىدۇ» دېدى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جياڭ شياۋلياڭ. ئاشلىق ئامبىرىنىڭ شىمال تەرىپىدە بىر ئاۋشېن ئىبادەتخانىسى بار بولۇپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن تىل بىرىكتۈرۈپ، تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىپ يۇقىرى باھادا ساتقان، ئاشلىق كىرىمىنى ئۇستىلىق بىلەن قاقتى ـ سوقتى قىلىۋالغانلارنى جازالاش، ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاشلىق ئامبىرىدا يەنە بېلەت ـ تالون سارىيى ۋە تېرىقچىلىق سارىيى تەسىس قىلىنغان. بېلەت ـ تالون سارىيىدا پىلانلىق ئىگىلىك مەزگىلىدىكى تۈرلۈك بېلەت، تالونلار كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئىلگىرىكى ھېسسىيات ۋە ئەسلىمىلىرىنى ئويغىتىدۇ. تېرىقچىلىق سارىيىدا باركۆلنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇپ تېرىقچىلىق قىلىش تارىخى نامايان قىلىنغان بولۇپ، يېزىق بىلەن تونۇشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي بۇيۇملارنى كۆرگەزمە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق ئەسكەر تۇرغۇزۇپ تېرىقچىلىق قىلىش، خوشۇن تۇرغۇزۇپ تېرىقچىلىق قىلىش، پۇقرا كۆچۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىش قاتارلىق تېرىقچىلىق ئۇسۇللىرى كۆرگەزمە قىلىنغان، بۇ، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنى باركۆل قەدىمىي شەھىرىنىڭ «جېنشى» دېگەن مەنىسىنى چۈشىنىش، ھەم بۇ شەھەرنىڭ تارىختا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى رولىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«قوغداش ئاساس، جانلىق پايدىلىنىش يول بولۇپ، يەتمەكچى بولغان مەقسەت دەل جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت» دېدى جياڭ شياۋلياڭ. زىيارەت قىلىۋاتقاندا، مۇخبىر شىنجاڭ ئەلنەغمىسىنى ئېيتىدىغان ئېيتقاق (ناخشىنى ياخشى ئېيتىدىغان كىشىلەر «ئېيتقاق» دەپ ئاتىلىدۇ) نارىن چىچىگنى ئۇچراتتى، ئۇ باركۆل مەدەنىيەت مۇزېي باغچىسىغا مەخسۇس شىنجاڭ ئەلنەغمىسى ئېيتىش ئۈچۈن سېلىنغان سەھنىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەنىدى.

شىنجاڭ ئەلنەغمىسى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى. 2007 ـ يىلى، نارىن چىچىگ قومۇلدىكى شەھەر دەرىجىلىك ۋارىسلاردىن بولغان چېن جيەنشېڭدىن شىنجاڭ ئەلنەغمىسىنى ئۆگەنگەن، ئۇ «جاڭ لياڭنىڭ رەخت سېتىشى» دېگەن ناخشىنى ئېيتىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ. ھەر يىلى ئۇ باركۆلنىڭ ھەرقايسى يېزا، بازار، مەھەللىلىرىدىكى 13 شىنجاڭ ئەلنەغمە كىچىك ئانسامبىلىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئويۇن قويىدۇ، مۇسابىقىلىشىدۇ، يەنە ئەنئەنىۋى كۈي ـ نەغمىلەرنىڭ مەزمۇنى ۋە مېلودىيەسىگە قارىتا يېڭىلىق يارىتىش ئېلىپ بارىدۇ. ئەڭ ئەھمىيەتلىك بولغىنى شۇكى، بۇ جاي يەنە شىنجاڭ ئەلنەغمىسى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان «تۆگە كارۋىنى» ناملىق تىياتىرنى تەييارلىغان بولۇپ، ھەر يىلى 7 ـ ئايدا باركۆل قەدىمىي شەھىرىدىكى دېشېڭمېندا ساياھەتچىلەرگە ئورۇنلاپ بېرىدۇ.

جياڭ شياۋلياڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئاپتونوم رايوندىكى تارىخ ـ مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى، داڭلىق بازىرى، داڭلىق كەنتى، كوچا ـ مەھەللىسى ۋە تارىخىي ئىمارەتلەرنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى باركۆلدە ئېچىلدى، باركۆل شىنجاڭدىكى باشقا جايلارنىڭ تارىخ - مەدەنىيەت مەشھۇر شەھىرى قۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى. 2024 ـ يىلى ناھىيە مالىيەسىدىن 2 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىشىپ، باركۆل بەگتۆبە قەبرىستانلىقى قاتارلىقلارغا قارىتا ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئېلىپ باردى، يەنە 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ «باركۆل خەنچېڭ قەدىمىي شەھەر سېپىلىنى رېمونت قىلىش، قوغداش لايىھەسى»نى تۈزۈپ چىقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.