تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى

​− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى - ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ ئۇل تېشى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»دە شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش سىستېمىلىق پىلانلانغان ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدۇ.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر ئۇرۇقنى يۆتكەش ئارقىلىق، پۈتۈن ۋەزىيەتنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ. جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇنىڭدىن قىلچە چەتنەپ كەتمەي، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاچقۇچلۇق نۇقتا، كۈچەش نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى قانۇن بويىچە تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك.

خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ماددىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى، ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئورتاق يارىتىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش كېرەك؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان نېگىزلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا، مۇھىمى ئىرادە تىكلەپ روھنى تاۋلاپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان قىلىش؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ھەرقايسى دىنلارنىڭ ساغلام، ئىناق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى قەلبى قوشۇلۇش، مەنىۋى جەھەتتىن بىر - بىرىگە تايىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، قەلبداشلىقنى مۇستەھكەملەپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپتىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي بازىنى ئۈزلۈكسىز كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. مەيلى «مەركەزگە ئىنتىلىش» ياكى «مەركەزدىن قېچىش»تا بولسۇن، ئاچقۇچ مائارىپتا، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئاساس مائارىپتا ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىر ۋىلايەت، ئوبلاستتا ئاز دېگەندە بىر تولۇق كۇرس مەكتىپى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنىڭ تولۇق قاپلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىسىنى مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك. ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم يول، پۈتۈن ئاپتونوم رايون، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىشىلەرنى توپلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئارقىلىق كىشىلەرنى ئېلىپ قېلىپ، كۆپ مىللەت كەڭ دائىرىدە يۇغۇرۇلۇپ ئولتۇراقلىشىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مەدەنىيلىكنى ئورتاق بەرپا قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە ئارىلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھېسسىياتنى كۈچەيتىش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭقۇر، بۇرچى شەرەپلىك، ۋەزىپىسى مۈشكۈل، مەسئۇلىيىتى زور. بىز خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ كەم - كوتسىز ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.