تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، تۇرپاندا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ كاڭشى يىللىرىدىكى جىڭدېجېن فارفور بۇيۇملىرىنىڭ

قانچىلىك نەپىسلىكىنى بىلەمسىز؟

تۇرپان مۇزېيى بىلەن

فۇجوۋ شەھەرلىك مۇزېي بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن

«خەيسى گۆھىرى <ۋەنجياۋ 1-نومۇر> ناملىق  چۆكۈپ كەتكەن كېمىدىن سۈزۈۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە تۇرپان مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ كاڭشى يىللىرىدىكى جىڭدېجېن خۇمدىنىدا پىشۇرۇلغان كۆك گۈللۈك مودەنگۈل نۇسخىلىق تەخسە. 

فۇجوۋ شەھەرلىك مۇزېي تەمىنلىگەن سۈرەت

 بۇ كۆرگەزمە ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن

كۆرگەزمە قىلىنىدىغان 103 دانە فارفور بۇيۇم

چۆكۈپ كەتكەن كېمىدىن سۈزۈۋېلىنغان 10 مىڭدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدىن تاللانغان بولۇپ

كومزەك، تەخسە، چىنە، قورساقلىق ئىستاكان، ئوچاق، ھاراق لوڭقىسى، جام قاتارلىقلار

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى جۇڭگو پۇقرا خۇمدانلىرىدىن چىققان فارفۇر بۇيۇملىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ

بۇ بۇيۇملار خېلى يۇقىرى بولغان تارىخ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت قىممىتىگە ئىگە

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ كاڭشى يىللىرىدىكى كۆك گۈللۈك ئەجدىھا نەقىشلىك پىيالە.

فۇجوۋ شەھەرلىك مۇزېي تەمىنلىگەن سۈرەت

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ كاڭشى يىللىرىدىكى كۆك گۈللۈك بەلىزگۈل نۇسخىلىق تەخسە.

فۇجوۋ شەھەرلىك مۇزېي تەمىنلىگەن سۈرەت

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ كاڭشى يىللىرىدىكى كۆك گۈللۈك سىرلانغان قاپاقسىمان كومزەك.

فۇجوۋ شەھەرلىك مۇزېي تەمىنلىگەن سۈرەت

  «ۋەنجياۋ 1ـ نومۇر» ناملىق چۆكۈپ كەتكەن كېمە

فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ پىڭتەن ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى سۇدىن سۈزۈۋېلىنغان

ئەنئەنىۋى «دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى» لىنىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ

2005-يىلى بايقالغان

جۇڭگو سۇ ئاستى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە ئەترىتى خارابىلىكنى قېزىپ

 جەمئىي 17 مىڭدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قېزىپ چىققان

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ كاڭشى يىللىرىدىكى كۆك گۈللۈك شېڭگۇاڭ كىشى قىياپىتى چۈشۈرۈلگەن گۈل نۇسخىلىق ھاراق لوڭقىسى.

فۇجوۋ شەھەرلىك مۇزېي تەمىنلىگەن سۈرەت

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ كاڭشى يىللىرىدىكى بەش خىل رەڭدىكى نۇرلۇق گۈل-گىياھ ۋە قۇش تەسۋىرى چۈشۈرۈلگەن قەدىمكى يوللۇق كومزەك.   فۇجوۋ شەھەرلىك مۇزېي تەمىنلىگەن سۈرەت

    «ۋەنجياۋ 1-نومۇر» ناملىق سۇدىن سۈزۈۋېلىنغان فارفۇر بۇيۇملار چىڭ سۇلالىسى دەۋرى كاڭشى يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە جىڭدېجېن بازىرىدىكى پۇقرالار خۇمدىنىدىن چىققان فارفۇر بۇيۇملار بولۇپ، كۆپ ساندىكى كۆك گۈللۈك فارفۇر بۇيۇملار، ئاز ئاز ساندىكى كۆك گۈللۈك قىزىل سىرلىق فارفۇر بۇيۇملار، بىر خىل رەڭدە سىرلانغان فارفۇر بۇيۇملار، بەش خىل رەڭدىكى فارفۇر بۇيۇملار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى كۆك گۈللۈك فارفۇر بۇيۇملار «سىياھ بەش خىل رەڭگە ئايرىلىش»تەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئىشلىتىلگەن كۆك رەڭلىك ماتېرىياللار بەش قاتلاملىق رەڭ دەرىجىسى، يەنى «توق قېنىق، قېنىق، ئاچ قېنىق، نورمال سۇس، سۇس» دەپ ئايرىلىدۇ، نەقىشلىرىنىڭ قېنىق-سۇسلۇقى، قاتلاملىرى ئېنىق. شۇڭا كاڭشى دەۋرىنىڭ كۆك گۈللۈك فارفۇرلىرى يەنە «رەڭگى بەش خىل رەڭگە ئايرىلىدۇ» ياكى «كۆك گۈللۈك فارفۇر بەش خىل رەڭگە ئايرىلىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، «دۇنيادىكى فارفۇرلار ئىچىدە ۋەتىنىمىز جۇڭخۇانىڭ فارفۇرلىرى ئەڭ داڭلىق، ۋەتىنىمىز جۇڭخۇادىكى فارفۇرلار ئىچىدە كاڭشى-يۇڭجېڭ يىللىرىدىكى فارفۇرلار ئەڭ داڭلىق» دېگەن گۈزەل نامى بار.

    ​مەنبە: ئانار بۇلۇت╲شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.