تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جەڭ دۇمبىقىنى ياڭرىتىپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، تىرىشىپ ياخشى ۋەزىيەت يارىتايلى| تۈر قۇرۇلۇشىدا باھار دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىشچىلار غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4-لىنىيەسى تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ قومۇل بۆلىكى يەندۇن گاز بېسىمىنى ئاشۇرۇش پونكىتى تېخنولوگىيە رايونىدىكى مەشغۇلات سۇپىسىغا پولات چىۋىق باغلىماقتا. بۇ قۇرۇلۇشتا ئىككى يىلغا يېقىن قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭ بۆلىكىدىكى پۈتۈن لىنىيەنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى كەپشەرلەش قۇرۇلۇشى تاماملاندى، 10-ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرىدىغان شارائىت ھازىرلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.   پولات نىياز فوتوسى

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىشچىلار باركۆل داخې ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا. بۇ ئايرودۇرۇمغا 712 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 300 مىڭ ئادەم/ قېتىمغا، يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 700 توننىغا يېتىپ، شەرقىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.   جۇڭ ۋېيلياڭ فوتوسى 

4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىشچىلار G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تيېمېنگۇەن تونېلىنىڭ ئوڭ تەشمىسىدە ئوپچە سۈرەتكە چۈشمەكتە. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تيېمېنگۇەن تونېلىنىڭ ئوڭ تەشمىسى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش بولغانلىقىدىن دېرەك بەردى،  بۇ، پۈتۈن لىنىيەدە قاتناش باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاساس سالىدۇ.   چۆ خۇرە فوتوسى 

 4 ـ ئاينىڭ 16ـ كۈنى، ئىشچىلار بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 100 مىڭ كىلوۋاتلىق ئىسسىقلىق ساقلاش تىپىدىكى يورۇقلۇق-ئىسسىقلىق سەپلىمە قۇرۇلۇشىنىڭ 900 مىڭ كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ تۈردە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.   نەندېڭ فوتوسى

 قۇرۇلۇۋاتقان تارباغاتاي خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت رايونى تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى (4-ئاينىڭ 15-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). قاراماي ـ چۆچەك تۆمۈريولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى ئاساسلىقى شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش-ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنى مال يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە مالنى ئۇلاپ توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىر تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ %65 ى تاماملاندى.   ۋاڭ چۈنلىن فوتوسى 

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىشچىلار سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىدىكى نەنسەنگە يانداش تاشيول تۈرى (1-قارارلىق) قۇتۇبى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا بېتون قۇيماقتا. بۇ تۈر (1-قارارلىق) لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 69 كىلومېتىر بولۇپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ نۇقتىلىق تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر قۇتۇبى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى تاماملىنىش باسقۇچىغا كىردى، 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلاشقا شارائىت ھازىرلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.   تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى  

   ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

   باھار كېلىپ ھاۋا ئىللىپ، گۈللەر ئېچىلدى، قۇرۇلۇشلار تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈلدى. 4ـ ئاي كىرىشى بىلەن، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىغا نەزەر سالساق، ئوت-چۆپلەر كۆكەردى، شاخلار ھۆپپىدە ئېچىلغان چېچەكلەرگە لىق تولدى. بىپايان تۇپراقتا قۇرۇلۇش تۈرلىرى باھار چېچەكلىرىدەك بەس-بەستە ھۆپپىدە ئېچىلدى، كىشىلەر مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈرئەتنى پۇختا قەدەم بىلەن تېزلەتتى. 

   يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، ھەرقايسى تۈر قۇرۇلۇشلىرى قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى. قاتار-قاتار يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار قۇملۇق، چۆل-جەزىرىلەرنى كېسىپ ئۆتتى، پولات-تۆمۈردىن ياسالغان غايەت زور ئەجدىھالار تاغ تىزمىلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، دەريا-ئېقىنلاردىن ئۆتتى، كۈمۈش قارلىغاچلار ئاسمان-پەلەك تاغ-دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتتى، زامانىۋى ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش شەھەر بىلەن يېزا-كەنتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى. ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى... زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىنىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلدى، بولۇپمۇ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى خۇددى يۇلتۇزلاردەك چاقناپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بىر-بىرىنى چاقنىتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقماقتا...

   باھار پەسلىدىكى شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى ئەمدىلا باشلاندى. كىشىلەر ئىككى قولى بىلەن شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى گۈزەل كارتىنىسىنى سىزىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرماقتا. چەكسىز باھار نۇرىغا چۆمۈلۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭ دۇنياغا ئۆزىنىڭ كۈچى ۋە جەلىپكارلىقىنى نامايان قىلماقتا.

ئېسىل سۈرەت -سىنلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىدا

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.