تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

25~ 21 سېلسىيە گىرادۇس! كەلگۈسى بىرنەچچە كۈندە ئۈرۈمچىدە كۈندە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  4-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر، ئۈرۈمچى، چېچەك بەرگىلىرى ئۈستىدە يالتىراپ تۇرغان يامغۇر تامچىسى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي داۋشېڭ فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى  بىر كۈن ياغقان باھار يامغۇرى ئاخىرى بۈگۈن سەھەردە توختاپ، بۇلۇتلۇق ئاسمان ۋە ساپ ھاۋالىق ھاۋارايىغا ئۆزگەردى. چۈش ۋاقتىدا، بۇلۇتلار تاراپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاسمان سۈزۈلۈپ، قۇياش پارلىدى.

  كېيىنكى بىرنەچچە كۈندە، كۆك ئاسمان بىلەن قۇياش ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا رايىدا ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ، ئوچۇق ھاۋا، ئاپتاپقا قاقلىنىش ئەندىزىسى كېلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.

4-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى خۇڭيۈەن شىمالىي يولىدا، يامغۇردىن كېيىنكى ھويلا باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي داۋشېڭ فوتوسى

  مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو ھاۋا رايى تورىنىڭ ئەڭ يېڭى ھاۋا رايى مەلۇماتىدا، 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 21 سېلسىيە گىرادۇستىن 25 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 10 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۈرۈمچىدە يەنە بىر قېتىم ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، لېكىن تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى چوڭ بولمايدىكەن.​

  ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات. سۈرەت \ مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئادەتتىكى يىللاردا 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئوتتۇرىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17.8 سېلسىيە گىرادۇس، 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئوتتۇرىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20.7 سېلسىيە گىرادۇس بولغان.

  مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا مۇقىملىشىپ ئاستا-ئاستا ئۆرلەشكە باشلىغان بولۇپ، تېمپېراتۇرىغا بولغان بەدەن سېزىمى بىر قەدەر راھەت بولسىمۇ، لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەتىگەن ۋە چۈشتىكى تېمپېراتۇرا پەرقى يەنىلا بىرقەدەر چوڭ، كۆپچىلىك كىيىمنى مۇۋاپىق قېلىنلىقتا كىيىنىشى كېرەك.

 «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.