تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كۈركۈم گۈلى تاماشا قىلىپ گۈزەل باھار مەنزىرىسى بىلەن ئۇچرىشىش  ۋۇجىياچۈدە 2 مىليون 800 مىڭ تۈپ كۈركۈم گۈلى بەس - بەستە چېچەكلىدى

   تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يەن شياۋتيەن  پىراكتىكانت ياڭ يەنيۈ خەۋەر قىلىدۇ) ۋۇجياچۈ شەھىرىنىڭ 19 - نۆۋەتلىك كۈركۈم گۈلى مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ۋۇجياچۈ چىڭگىداخۇ ساياھەت مەنزىرە رايونىدا رەسمىي باشلىنىدۇ، 30 خىل تۈردىكى 2 مىليون 800 مىڭ تۈپ كۈركۈم گۈلى چىڭگېداخۇنىڭ باھار تۈسىگە ھۆسن قوشىدۇ.

بۇ يىللىق كۈركۈم گۈلى مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمىدىكى كۈركۈم گۈللىرىنىڭ رەڭگى ئاساسلىقى قىزغۇچ سېرىق، قىزىل، ھال، سېرىق، سۆسۈن قاتارلىق بەش خىل رەڭدە بولىدۇ. تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن فوتوسى

    4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، مۇخبىرنىڭ 6 – شى ۋۇجياچۈ شەھىرى 19 – نۆۋەتلىك كۈركۈم گۈلى مەدەنىيەت – ساياھەت بايرىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلقى كۈركۈم گۈلى مەدەنىيەت – ساياھەت بايرىمى «ۋۇجياچۈدە كۈركۈم گۈلى تاماشا قىلىش . چىڭگېداغا كېلىش»نى باش تېما قىلغان، پائالىيەت مەزمۇنى ناخشا – ئۇسسۇل، يېمەك – ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، مەھسۇلات كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش قاتارلىق تۆت چوڭ بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 20 نەچچە يۈرۈش چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن، سۇ يۈزىدە ساياھەت كېمىسى، كۆل يۈزىدە كاتېر، دالىدا قونۇش قاتارلىق كەسىپلەر كۆپەيتىلگەن بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش تەسىراتىنى بېيىتىدىكەن.

   ئالدىنقى نۆۋەتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا، پائالىيەت مەزمۇنى، باغچە ئىچىدىكى كەسىپ ھالىتى، ھەمتۈرتكە ئويۇن قاتارلىق ئۈچ جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىلىدىكەن. مەسىلەن، ناخشا ـ ئۇسسۇل، كۆڭۈل ئېچىش، ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا، شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى 100دىن ئارتۇق داڭلىق ئارتىس يىڭگې ئۇسسۇلى، جۇڭخۇا چامباشچىلىق سەييارە كۆرگەزمىسى، پەرىزات ئۇسسۇلى قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشقا تەكلىپ قىلىنغان؛ 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يېمەك ـ ئىچمەك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، 40قا يېقىن يېمەك ـ ئىچمەك كارخانىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن، تۆگە كاۋىپى، تۈمەن كىشىلىك خوگو قاتارلىق ئېسىل تائاملار ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە گۈل سەيلىسى زىياپىتى بېرىدىكەن.

   بۇ يىل مەنزىرە رايونىدىكى كۈركۈم گۈللىرى قىزغۇچ سېرىق، قىزىل، ھال، سېرىق، سۆسۈن قاتارلىق بەش خىل رەڭنى ئاساس قىلىدىكەن، ھەمدە جۇڭگو پوچتىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ كۈركۈم گۈلىدە زاكاز قىلىنغان ئاتكرىتكا ياساش ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش تەسىراتى بېيىتىلىدىكەن. 

ۋۇجياچۈ چىڭگىداخۇ ساياھەت مەنزىرە رايونىدا كۈركۈم گۈلى پورەكلەپ ئېچىلدى. تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن فوتوسى

   ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تەسىراتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ۋۇجياچۈ شەھىرى يول قاتنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ «تېز كىرىپ، تېز چىقىشى»غا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چىراغ نۇرى ئارقىلىق يورۇتۇش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، مەنزىرە رايونى بوشلۇقىنى چىراغ نۇرى بىلەن ئۆزگىچە يورۇتۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، چىراغ نۇرى بىرىكمىسى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرگە ياخشى ساياھەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىدىكەن. 

   ۋۇجياچۈ شەھىرى 2006 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك كۈركۈم گۈلى بايرىمى ئۆتكۈزگەندىن بۇيان، 18 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، چىڭگېداخۇ مەنزىرە رايونىدىكى كۈركۈم گۈللىرى دەسلەپكى 100 مىڭ تۈپتىن بۇ يىلقى 2 مىليون 800 مىڭ تۈپكە كېڭەيتىلدى، 10 خىلدىن 30 نەچچە خىلغا كۆپەيتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.