تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئاممىنى خەۋپ ـ خەتەردىن قۇتقۇزۇش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم»

− 8 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى شى ۋېينەن توغرىسىدا

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

«خەلق ساقچىلىرى ئامما خەتەردە قالغان پەيتتە جەزمەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك، بۇ، مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەت» دېدى 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئەمدىلا 8 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان شى ۋېينەن.

بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن شى ۋېينەن غۇلجا ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى، 2009 ـ يىلى ھەربىي قىسىمدىن چېكىنگەندىن كېيىن گۇڭئەن قوشۇنىغا كىردى. «مېنىڭ مىجەزىم بىرقەدەر كەسكىن، مەن ئۆزۈمنى ساقچى بولۇشقا ماس كېلىمەن، دەپ قارايمەن، ئائىلەمدىكىلەرمۇ مېنى بەك قوللايدۇ.» زىيارەت داۋامىدا، شى ۋېينەننىڭ خۇشخۇي گەپ ـ سۆزلىرىدىن مۇخبىر ئۇنىڭ سۇ ئۈزەلمەيدىغان تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن قىلچە ئويلانمايلا دەرياغا سەكرەپ چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزغانلىقىنى چۈشەندى.

بۇ 2022 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى ئىدى، شى ۋېينەن ئېرى بىلەن توققۇز ئايلىق كىچىك قىزىنى ئېلىپ تۇغقان يوقلاپ بولۇپ ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلىدا قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى، خېجىڭ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى كۈنەس دۆلەت ئورمان باغچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز دەريا بويىدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆرە ـ تۆپە بولۇپ، قۇتقۇزۇڭلار، دەپ ئادەم چاقىرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئېرى دەرھال تورمۇزنى دەسسەپ ئاپتوموبىلنى توختاتتى، شى ۋېينەن گۈرۈچ ئۇنى بۇلمىقى يەۋاتقان قىزىنى قويۇپ، ئېرى بىلەن ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ بۆلۈنۈپ دەريا بويىغا قاراپ يۈگۈردى.

قىرغاققا كېلىپلا، شى ۋېينەن شىددەتلىك ئېقىننىڭ بىرەيلەننى ئېقىتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇ سوغۇققانلىق بىلەن دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا قۇتقۇزۇشقا بولىدىغان تېيىز يەرنىڭ بارلىقىنى كۆزىتىپ، قىلچە ئىككىلەنمەيلا دەرياغا سەكرىدى.

دەريا سۈيى سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق ئىدى، دەريا تېگىدىكى تاشلار تېيىلغاق بولغاچقا، ئەسلا ئۆرە تۇرغىلى بولمايتتى، شى ۋېينەن سۇغا چۈشۈپلا يىقىلىپ چۈشتى، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنى تۇتۇۋالدى، ئۇ بىر قىز بالا بولۇپ، بالىنىڭ بۇرنى قاناپ، كالپۇكى كۆكىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ بىردىنلا جىددىيلىشىپ، دەرھال بالىنى كۆتۈرۈپ قىرغاققا قايتىپ كەلدى، يەنە چاققانلىق بىلەن يۇقىرى ئېقىندىن ئېقىپ كېلىۋاتقان بىر ئايالنى چىڭ تۇتۇۋالدى.

بۇ چاغدا سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنىڭ تۇغقانلىرى ۋە باشقا ساياھەتچىلەرمۇ يېتىپ كەلدى. سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىككىيلەن ئانا ـ بالا بولۇپ، بۇ چاغدا ئۈچ ياشلىق قىزچاقنىڭ نەپىسى توختاپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغانىدى، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسى جىددىي قۇتقۇزۇشنى بىلمەيتتى، شى ۋېينەن ھەربىي قىسىمدا خىزمەت ئۆتىگەندە ئۆگەنگەن يۈرەك ـ ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ قۇتقۇزدى.

تەخمىنەن ئىككى مىنۇتتىن كېيىن، قىزچاق ئاخىر نەپەس ئالدى. شى ۋېينەن قىزچاقنىڭ خەتەردىن قۇتۇلغانلىقىنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بۇ يەردىن جىممىدە كېتىپ قالدى.

2023 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەخسۇس غۇلجا ناھىيەسىگە كېلىپ قۇتقۇزۇۋالغان شەپقەتچىسى شى ۋېينەنگە رەھمەت ئېيتتى. شى ۋېينەن بىلەن ئېرى ئۆيىدە كۆڭۈل قويۇپ بىرنەچچە خىل قورۇما تەييارلاپ، ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. قىزچاقنىڭ ئاپىسىنىڭ ئېيتىشىچە، يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل چۈشىدە قارا بېسىپ كەپتۇ، كىشىنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىدىغان شۇ كۆرۈنۈشنى ئويلىسىلا يەنىلا ئەنسىزلىككە چۆمىدىكەن، شى ۋېينەننىڭ سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئەينى چاغدا تېخى بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن تېخىمۇ ئۆكۈنۈپ ئۆزىنى ئەيىبلەپتۇ.

«ناۋادا سىزگە بىرەر ئىش بولۇپ قالغان بولسا قانداق قىلاتتۇق؟ ئويلىغانسېرى قورقۇنچ باسىدۇ» دېدى قىزچاقنىڭ ئاپىسى.

«بىز ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى پەرەز قىلىپ ئەندىشىدە بولمايلى، ھازىر ھەممىمىز ياخشى تۇرۇۋاتىمىز، سىلەر ئارتۇق ئويلاپ كەتمەڭلار.» شى ۋېينەننىڭ خۇشال كۈلكىسى بۇ ئائىلىدىكىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

ئەمەلىيەتتە، شى ۋېينەننىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقان ۋە دوستلىرىمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئەنسىرەپ، كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ «قارام»لىقىنى ئەيىبلىگەنمۇ بولدى، لېكىن كۆپچىلىكمۇ شى ۋېينەننى چۈشىنەتتى، ئۇلار ئەگەر ئەينى چاغدا دەرياغا سەكرەپ چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزمىغان بولسا بۇ ئۇنىڭ ئىستىلى بولماي قالىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن پەخىرلەندى.

شۇ يىلى، شى ۋېينەننىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئانا ـ بالىنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغانلىق ئىش ئىزلىرى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق 50 نەچچە تاراتقۇدا خەۋەر قىلىندى، كۆرۈش نىسبىتى، كۆرۈلۈش مىقدارى نەچچە يۈز مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. 2023 ـ يىلى، ئۇ «شىنجاڭ بويىچە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىكتىكى ياخشى كىشىلەر، ياخشى ئىشلار» تىزىملىكىگە تاللاندى.

«ئاممىنى خەۋپ ـ خەتەردىن قۇتقۇزۇش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم» دېدى شى ۋېينەن.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شى ۋېينەن ھەر يىلى خالىسانە قان تەقدىم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 20 نەچچە يىل داۋاملاشتۇرغان. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: باشقىلارغا ئازدۇر ـ كۆپتۇر ياردەم قىلالىغىنىم مەيلى ھەربىي بولاي ياكى ساقچى بولاي، ئوخشاشلا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.