تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش گەۋدىلەندۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىدە، شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يادرولۇق ئامىلى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرمەكتە.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان كارخانىلار قانات يايدۇرۇۋاتقان 422 پەن تەتقىقات تۈرى ئىچىدە، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن تۈر 15، ئاپتونوم رايوندىكى تارماقلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن تۈر 77 ئىكەن.

2023 ـ يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان كارخانىلاردا بىر تۈركۈم پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن بېيجىڭ پەن ـ تېخنىكا داشۆسى بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغان «كۆپ مەنبەلىك مېتاللۇرگىيە قاتتىق تاشلاندۇقلىرىدىن تۆۋەن تەننەرخلىق يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ياساپ تەييارلاش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە ئۇنى قوللىنىش» جۇڭگو رەڭلىك مېتال سانائىتى پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان «ئېلېكتىرولىزلانغان مانگان ئانود لېيى بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش تېخنىكىسى» ساھە بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتتى، «ئېغىر دىئېلېكتىرىك مۇھىتتىن لىتىيلىق پىروكسېن تاللاپ ئايرىش ھۈنەر ـ سەنئىتى»دە مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ «قۇم كۆپ دەريا ئېقىنلىرىدا سۇ ساقلاش، سۇ باشلاش، قىرغاقنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ ئېقىتىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئۇنى قوللىنىش» «غەربىي شىمال ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى رايونى <تەبىئەت − جەمئىيەت − سودا> سۇ ئايلىنىش نەزەرىيەسى ۋە بىخەتەرلىكى بويىچە تەڭشەش ـ تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ھەم ئۇنى قوللىنىش تەتقىقاتى» ئاپتونوم رايوننىڭ پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى بويىچە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئاچقان «مۇرەككەپ شارائىتتىكى توپا قۇرۇلۇشىدا قوللىنىلىدىغان بىرىكمە ماتېرىياللىق پولات چىۋىق قوشۇپ توپا تىندۇرۇش قۇرۇلمىسىنىڭ يۈرۈشلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە ئۇنى قۇرۇلۇشتا قوللىنىش» «يېزا ـ كەنتلەردىكى تۇرالغۇ ئىمارەتلەرنى قۇراشتۇرما ياساش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۇنى كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىش» قاتارلىق نەتىجىلەر ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايوننىڭ پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى دۆلەت كارخانىلىرى رەقەملىك كۆرۈنۈش يېڭىلىق يارىتىش كەسپىي مۇسابىقىسى بويىچە 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات قاتارلىقلارغا ئېرىشتى.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى تىجارىتى(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى مۇتلەق ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش تەييارلىق فوندى تۈزۈمىنى ئورناتتى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىگە ھوقۇق بېرىش ئىسلاھاتى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئالدىن يولغا قويۇپ نۇقتىدا سىناق قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، 2023 ـ يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى چىقىمى 3 مىليارد 15 مىليون يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى 2 مىليارد 75 مىليون يۈەن بولغان، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنىڭ سىجىللىقى %2.53 بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 0.36 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان كارخانىلارنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن 30ى يېڭىدىن كۆپىيىپ، ئومۇمىي سانى 156گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى 16؛ ئۆلكە دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى 124 (ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن تۆتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.