تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز، بۇرچ تۇيغۇمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتەيلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سىياسىي مەسىلە. شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە رېئال تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز، بۇرچ تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىشىمىز كېرەك.

شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ خىزمىتى يەنە ئۇزاق مەزگىللىككە، مۈشكۈللۈككە، مۇرەككەپلىككە، سەزگۈرلۈككە ئىگە بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئىقتىدار ـ سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم پىرىنسىپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋە ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، يۆنىلىش توغرا بولۇش، نىشان ئېنىق بولۇش، ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بولۇش، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىكى مۇھىم پىرىنسىپنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. شىنجاڭدا ئاساسىي لىنىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز تەرەپ ۋە ساھە يوق. سىياسىي يۆنىلىشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، باشتىن ـ ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە كونكرېت خىزمەت تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. شىنجاڭدا ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئەڭ نېگىزلىكى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا مۇھىمى سىردىشىش بولۇپ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ ئۆز كۆڭلىدەك چۈشىنىش، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىش كېرەك. كىشىلەر قەلبى مۇجەسسەملەنمىسە ھەممە ئىش يوققا چىقىدۇ. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى سىياسىي جەھەتتىن كۆپرەك پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات ـ ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىش، ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. قىيىن مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمەت ۋەزىيىتى يارىتىشتىكى بۆسۈش ئېغىزى. مەسىلە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرگە دادىللىق بىلەن توغرا قاراپ، مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، كونكرېت مەسىلىلەرنى كونكرېت تەھلىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، تارىخىي تەپەككۇر، دىيالېكتىك تەپەككۇر، سىستېما تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئويلىشىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ساھەسىدىكى تۈرلۈك مۇھىم مۇناسىۋەت ۋە سەزگۈر، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش، ھەم كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان خىزمەتلەرنى ئىشلەش، ھەم «ئۈن ـ تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئىشلارنى قىلىش، ھەم ھازىرقى خىزمەتلەرنى، ھەم كەلگۈسىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تۇتۇش، ھەم ئەمەلىي، ھەم ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك.

ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ھەم يول كۆرسىتىپ بەردى، ھەم مېتودولوگىيە ئۆگەتتى، ھەم ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ بەردى، ھەم سىياسەت، تاكتىكا تۈزۈپ بەردى، جەزمەن ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، جانلىق ئىشلىتىپ، «كۈتۈپ تۇرماسلىق» بىلەن «ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق»، «باشقۇرۇش» بىلەن «تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش»، «شىنجاڭنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش» بىلەن «شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش»نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. سالماق ـ پۇختا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، قەدەم رىتىمىنى ئىگىلەپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك؛ ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىقنى قوزغاپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلايدىغان، زىددىيەتنى تۈگىتىشتە قانۇنغا تايىنىدىغان قانۇنچىللىق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ـ ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ ئۇل تېشى. بىز باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.