تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1 ـ پەسىلدە شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.21 ئاشتى

كۆلەم جەھەتتە غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە باش ئورۇندا تۇردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ 1 ـ پەسىلدىكى توك سېتىش مىقدارى 54 مىليارد 386 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.21 ئاشقان، سېتىلغان توك كۆلىمى جەھەتتە غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى ئېلېكتىر تورى بويىچە باش ئورۇندا تۇرۇپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

توك ئىشلىتىش مىقدارى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «بارومېتىر». 1 ـ پەسىلدە شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ساتقان توك مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنىڭ جانلىنىپ، كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ نامايان بولغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

پۈتۈن جەمئىيەتتە سېتىلغان توك مىقدارى سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدا 2 ـ كەسىپ 1 ـ پەسىلدە سېتىلغان توك مىقدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسىي قوشۇن، 2 ـ كەسىپتە سېتىلغان توك مىقدارى 35 مىليارد 40 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئومۇمىي سېتىلغان توك مىقدارىنىڭ %64.43ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.75 ئاشقان. ئوخشاش مەزگىلدە، 1 ـ كەسىپتە سېتىلغان توك مىقدارى 660 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئومۇمىي سېتىلغان توك مىقدارىنىڭ %1.21ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.6 ئاشقان؛ 3 ـ كەسىپتە سېتىلغان توك مىقدارى 11 مىليارد 462 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئومۇمىي سېتىلغان توك مىقدارىنىڭ %21.07ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.93 ئاشقان؛ شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىلغان توك مىقدارى 7 مىليارد 224 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئومۇمىي سېتىلغان توك مىقدارىنىڭ %13.29ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.15 ئاشقان، ھەممىسىدە كۆرۈنەرلىك ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

ساھەلەر بويىچە ئىنچىكە ئايرىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 1 ـ پەسىلدە سېتىلغان توك مىقدارى ئۇچقاندەك ئاشقان ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغان كەسىپلەر ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا سانائەت، قونالغۇ ۋە يېمەك ـ ئىچمەك كەسپى، توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپى بولۇپ، سېتىلغان توك مىقدارى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 35 مىليارد 12 مىليون كىلوۋات سائەت، 691 مىليون كىلوۋات سائەت، 1 مىليارد 689 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.29، %26.86، %22.35 ئاشقان.

ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلغاندا شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، شىنجاڭ شامال، يورۇقلۇق قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە مول توپلاشقان بولۇشتەك بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى باشقا ئېنېرگىيەنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش خىزمىتىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كۆپ خىل پايدىلىق ئامىللار ئارقىلىق سانائەتتە سېتىلغان توك مىقدارىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شىنجاڭدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ مۇشۇ ئاكتىپ ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە ساتقان توك مىقدارى 9 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 مىليارد 847 مىليون كىلوۋات سائەت ئاشقان؛ شىنجاڭدىكى كۆپ تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن توك يەتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، ياسىمىچىلىق كەسپىدە سېتىلغان توك مىقدارى 21 مىليارد 841 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4 مىليارد 53 مىليون كىلوۋات سائەت ئاشقان؛ شىنجاڭ كانچىلىق كەسپىدە سېتىلغان توك مىقدارى 3 مىليارد 613 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 788 مىليون كىلوۋات سائەت ئاشقان.

ئىستىراھەت، دەم ئېلىش بازىرىنىڭ سىجىل جانلانغان ئېھتىياجىنىڭ پايدىسىدا، 1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 40 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن قونالغۇ ۋە يېمەك ـ ئىچمەك كەسپى، توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپى قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىنىڭ سىجىل ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، سېتىلغان توك مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خېرىدارلار سانىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئومۇمىي تىجارەت خېرىدار سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 953 مىڭ 100ى كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %7.98 بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاھالە ۋە سودا ـ سانائەتچىلەر سانىنىڭ ئېشىشى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 866 مىڭ 300ى، 65 مىڭ 200ى كۆپەيگەن، بۇ، شىنجاڭنىڭ تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلانغانلىقىنى ياندىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.