تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىش زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %150 ئاشتى! شىنجاڭدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، شيېچېڭ تورى

«2024-يىللىق <1ـ ماي>لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت يۈزلىنىشىنى كۆزىتىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە

بۇ يىل «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە

شىنجاڭنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل ئۆرلەپ 

شىنجاڭنىڭ ساياھەت زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24 ئاشىدىكەن

شىنجاڭنىڭ ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىش زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %150 ئاشىدىكەن

بۇنىڭ ئىچىدە

ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر

«1-ماي»لىق دەم ئېلىشتا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىش قىزىق نۇقتا مەنزىللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرىدىكەن

    شىنجاڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى لى جېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل <1-ماي>لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدا شۇ جايغا بارغاندىن كېيىن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بويىچە سۈرۈشتۈرۈلگەن زاكاز مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، 160 نەچچە ئەزا ئورۇن ساياھەتچىلەرنى تىزىملاشنى بالدۇرلا باشلىدى، 3-ئايدىن باشلاپ <1-ماي>لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەتچىلەرنى تىزىملاش باشلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوخشاش بولمىغان نىسبەتتە ئاشتى».

ساياھەتچىلەر قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلماقتا.

لى جېڭ فوتوسى

شىنجاڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا ئەھۋالىدىن قارىغاندا

قەشقەر ۋىلايىتىنى بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ئايلانما ساياھەت قىلىش

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە گۈل-چىچەك قوغلىشىپ ساياھەت قىلىش

ئىككى چوڭ قىزىق لىنىيە بولۇپ قالغان

4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

ئالدىنقىسى

قەشقەر شەھىرى، يەكەن ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

مۇساپە قەدىمىي يول، قۇملۇق، ناخشا-ئۇسسۇل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

4-ئاينىڭ 10-كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ مىشا قىزىل گىلاس مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

مەنبە: يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

كېيىنكىسى

غۇلجا شەھىرى، تېكەس ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى

ۋە كۈنەس ناھىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

يايلاقتىكى گۈللەر ئارقىلىق مۇساپە تۇتاشتۇرىدۇ

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ جاۋۇر تېغىدا ھەر خىل كىچىك گۈللەر ئېچىلىپ، يېشىل چىملىقنى زىننەتلەپ، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل تۈسكە كىردى.

مەنبە: كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

ئۇنىڭدىن باشقا

ئۈرۈمچى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلار يىغىلىپ تارقىلىدىغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن

جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىگە تۇتىشىدۇ

شۇنداقلا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ شىنجاڭدىكى تۇنجى بېكىتى ھېسابلىنىدۇ

ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر مەنزىرىسى (ماتېرىيال سۈرەت).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

شيېچېڭ تورىنىڭ ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا

«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە

ئائىلە بويىچە ساياھەتكە چىقىش نىسبىتى %45كە يېتىدىكەن

ئالدىن زاكاز قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپى SUV ۋە سودا ئاپتوموبىلىنى ئاساس قىلغان

ئۆي ئاپتوموبىلى زاكاز قىلىش مىقدارى

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يەتتە ھەسسىگە يېقىن ئاشقان

    شىنجاڭ ساياھەت جەمئىيىتى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋە ئۆي ئاپتوموبىل لاگىرى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى جەي چۇنفېڭ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر، شىنجاڭدىكى ئۆي ئاپتوموبىل كارخانىلىرى شىنجاڭ سىرتىدىكى ئۆي ئاپتوموبىل كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، 1300دىن ئارتۇق ئۆي ئاپتوموبىلىنى شىنجاڭنىڭ ئىجارە بازىرىغا ئېلىپ كىرگەن، بۇ يىل 2000دىن ئارتۇق ئۆي ئاپتوموبىلى <1-ماي> بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ بازىرىغا كىرىدۇ».

ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەر جېمىنەي پورتى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت).

مەنبە: جېمىنەي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

ئىزدەش ۋە ئالدىن زاكاز قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا

شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر مەنبەسى ئىچىدە ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەرلەر

شاڭخەي، بېيجىڭ، خاڭجوۋ، شېنجېن، گۇاڭجوۋ بولغان

شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان

ساياھەت قىزىق نۇقتىلىرىنىڭ رەت تەرتىپى بولسا

بېيجىڭ، شىئەن، چېڭدۇ، لەنجوۋ، شاڭخەي بولغان

چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش، چېگرا ھالقىپ ساياھەت قىلىشمۇ يېڭى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالغان

«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە

شىنجاڭنىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشنى زاكاز قىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %294 ئاشقان

بۇ يىل 230 ئۆي ئاپتوموبىلى

جېمىنەي پورتى، قورغاس پورتى قاتارلىقلاردىن يولغا چىقىپ

چېگرا ھالقىغان ساياھەتنى باشلايدىكەن

ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەر تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە بېرىش يولىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

لى جېڭ فوتوسى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان

ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى ۋە ئېشىش نۇقتىسى

شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەممىدىن خاسلىققا ئىگە

تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور ساياھەت ھالىتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى

شىنجاڭدا مايتاغ-كۇچا تاشيولىغا ئوخشاش پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلۇش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان داڭلىق ماركىلار بولۇپلا قالماي، پەنلۇڭ قەدىمىي يولى، ئىلى-موڭغۇلكۈرە تاشيولى، G219 چېگرا ساياھەت مەنزىرە يولى، S101 لىنىيەسى تىيانشان جۇغراپىيە رەسىم كارىدورى قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق ماركىلارمۇ بارغانسېرى شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدا «تېز بېرىپ، ئالدىرماي ساياھەت قىلىش»تەك قاتناش ئەندىزىسى شەكىللەندى، تاشيول تورىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، جەنۇب-شىمال راۋان بولۇشتەك تېز سۈرئەتلىك يول تورى ئەندىزىسى شىنجاڭنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش تەرەققىياتىنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

S101 لىنىيەسى تىيانشان جۇغراپىيە رەسىم كارىدورى (ماتېرىيال سۈرەت).

مەنبە: قۇتۇبى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

شىنجاڭنىڭ ئىستىراھەت، دەم ئېلىش مەھسۇلاتلىرى ئۈزلۈكسىز موللاشتى

ھەر دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونلىرى

ساياھەت، ئىستىراھەت شەھەرلىرى ۋە كوچا رايونلىرى

ئىستىراھەت، دەم ئېلىش

ساياھەت بازىرىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا

بۇ يىل «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە

شىنجاڭنىڭ ساياھەت دەم ئېلىش مەھسۇلاتلىرىنى زاكاز قىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %78 ئاشتى

مەنبە: بۈگۈر ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

    شيېچېڭ تورى گۇرۇھىنىڭ رايون ھۆكۈمەت ئىشلىرى باش دىرېكتورى سۈن ۋېيلى مۇنداق دېدى: «تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى ئىستىراھەت، دەم ئېلىش ساياھىتى ئۇسۇلى ئارقىلىق شىنجاڭنى ھېس قىلىپ، بۇ يەردە گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارام ئېلىپ، مەدەنىيەتنى چۈشىنىپ، ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنى چوڭقۇر ھېس قىلدى».

    شىنجاڭ ساياھەت كوپىراتىپى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋۇ فېڭ مۇنداق دېدى: «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلى ساياھەتنىڭ ئەنئەنىۋى ھالەتتىكى خېلى ئاۋات مەزگىلى بولۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، باھار سەيلىسى قىلىپ چېچەكتىن ھۇزۇرلىنىش ئاساس قىلىنغان ئەتراپ ساياھىتى بىر قەدەر ئالقىشقا ئېرىشكەن قىزىق مەھسۇلات بولۇپ قالدى.» شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ساياھەت كوپىراتىپلىرىمۇ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سىجىل ئۆرلەۋاتقان ساياھەت قىزغىنلىقى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىپ، ياخشى تەييارلىق قىلماقتا.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى ۋىيشىن، ئۇنىۋېرسال ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى، يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، جېمىنەي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، قۇتۇبى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، بۈگۈر ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.