ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپېڭ
جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى سانالغان كۆك يۆتەل كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، كۆك يۆتەل دېگەن نېمە؟ قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؟ قانداق ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كېرەك؟... 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى شۇفېن بىلەن لىنىيەنى ئۇلاپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلارغا كەسپىي جاۋاب تاپتى.
كۆك يۆتەل دېگەن نېمە؟
كۆك يۆتەل ئادەتتىكى يۆتەل ئەمەس، ئۇ كۆك يۆتەل بائوتېر باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆتكۈر نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، يۇقۇمچانلىقى كۈچلۈك، كېسەللىك جەريانى ئۇزاق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، تىپىك ئاغرىق مىسالىدا يۆتەل ئىككى ئايدىن ئۈچ ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.
قايسى كىشىلەر توپى ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؟
كۆك يۆتەل ئاساسلىقى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، بارلىق ياش باسقۇچىدىكىلەر ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، بوۋاقلار ئەڭ ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. كىلىنىكىلىق كېسەل كۆرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىممۇنىتېت تەرتىپىنى ۋاقتىدا تاماملىمىغان بوۋاقلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىمۇ كېسەللىك كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئادەم بەدىنى تەبىئىي يۇقۇملىنىش ياكى ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق كۆك يۆتەلگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئېرىشەلەيدۇ، لېكىن بۇ ئىككى خىل يول ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىممۇنىتېت كۈچى ئۆمۈرۋايەت داۋاملاشمايدۇ. ياشلار، ئۆسمۈرلەر، چوڭلار ۋاكسىنىسىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، يەنە يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسى تەشكىللەپ تۈزىتىش كىرگۈزگەن «كۆك يۆتەلگە دىياگنوز قويۇش-داۋالاش لايىھەسى (2023-يىل نەشرى)»دە مۇنداق كۆرسىتىلىشىچە، كۆك يۆتەلگە گىرىپتار بولىدىغانلار ياش قۇرامىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بوۋاقلار، بالىلاردىن ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەرگە يۆتكەلگەن.
يۇقۇملانغاندىن كېيىن قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
كۆك يۆتەل ئادەتتە كاتار (شىللىق پەردىلەرنىڭ شەلۋەرەش خاراكتېرلىك ياللۇغى) مەزگىلى، سىپازمىلىق يۆتەل مەزگىلى ۋە ئەسلىگە كېلىش مەزگىلى قاتارلىق ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كاتار مەزگىلىدە كۆپىنچە قىزىش ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ ياكى دەسلەپكى مەزگىللىك ئۆتكۈنچى قىزىش بولىدۇ. كېسەل باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە كېسەللىك ئالامەتلىرى تىپىك بولمايدۇ، پەقەت يېنىك يۆتىلىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ ئادەتتىكى زۇكامغا ئوخشاپ كېتىدۇ، كېسەل بولۇپ ئۈچ، تۆت كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىق باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى تەدرىجىي پەسىيىدۇ، لېكىن يۆتىلىش كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ، ئاساسلىقى كېچىدە كۆپرەك يۆتىلىدۇ.
سىپازمىلىق يۆتىلىش مەزگىلى ئادەتتە ئىككىنچى ھەپتىسىدىن باشلىنىدۇ، تىپىك كېسەللىك ئالامىتى سىپازمىلىق يۆتىلىش، يەنى بىر قاتار قىسقا، قاتتىق يۆتىلىش بولۇپ، يۆتەلگەندىن كېيىن نەپەس ئېلىش چوڭقۇرلىشىپ، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىگەندە توخۇ چىللىغاندەك ئاۋاز چىقىدۇ، مۇشۇنداق تەكرارلىنىدۇ، ھەتتا كۆپ مىقداردا يېپىشقاق بەلغەم چىقىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ياكى كىچىك بوۋاقلارنىڭ يىغا ئاۋازى بىلەن يۆتەل ئاۋازى ئارىلىشىپ كېتىدۇ، بەزىدە بەلغەم تۈكۈرەلمەيدۇ، لېكىن يۆتەلگەندىن كېيىن روشەن ھالدا تامىقىنى چاكىلدىتىپ، بىر نەرسىنى يۇتقاندەك كۆرۈنىدۇ، بۇ يۆتەلدىن چىققان نەرسىلەرنى يۇتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
سىپازمىلىق يۆتەلگەندە، ئاغرىپ قالغان بالىلاردا دائىم يۈزى قىزىرىپ كېتىش، ئاغزى ئېچىپ تىلىنى چىقىرىۋېلىش، يېشى ۋە ماڭقىسى ئېقىش، ئىككى كۆزىنى يۇمىلاق ھالەتتە يوغان ئېچىش، ئالدىغا ئىگىلىپ قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. قاتتىق يۆتىلىش يەنە يۈز ۋە قاپاق ئىششىش، بۇرۇن قاناش، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ئاستى قاناش، قۇسۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۆتەل قوزغالغاندا، ئاغرىپ قالغان بالىلارنىڭ ھەرىكىتى نورمال بولىدۇ، روھىي ھالىتى، ئىشتىھاسى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.
كۆك يۆتەل تەركىبى بار ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆك يۆتەلنىڭ زىيىنى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، يۇقۇملانغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز تۇنجۇقۇپ قېلىش ياكى كۆكىرىش ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىدۇ، تىپىك يۆتىلىش ئىپادىسى بولۇشى ناتايىن، ئاسانلا دىياگنوز قويۇلماي قالىدۇ ياكى خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ.
ئەسلىگە كېلىش مەزگىلى ئادەتتە بىر ھەپتىدىن ئىككى ھەپتىگىچە داۋاملىشىدۇ، يۆتىلىش قېتىم سانى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ.
داۋالاش ۋاقتىدا بولمىسا قانداق بولىدۇ؟
كۆك يۆتەل نەپەس يولىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى، ھەتتا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوۋاقلاردىكى كۆك يۆتەلگە ئاسانلا ئۆپكە ياللۇغى، مېڭە كېسىلى، ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمى يۇقىرى بولۇش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئاغرىپ قالغان بالىنىڭ يېشى قانچە كىچىك بولسا، ئەگەشمە كېسەللىك ۋە كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىش خەۋپى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە ئۆلچەپ تەكشۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۆك يۆتەل ئېغىر بولغانلار ۋە ئۆلگەنلەر ئاساسلىقى كىچىك بوۋاقلاردا كۆرۈلگەن.
ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، كۆك يۆتەلنىڭ ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە، ئەگەر ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلسە ياكى نەپەس يولى باشقا كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار بىلەن يۇقۇملانسا، كېسەللىك ئەھۋالى تەكرارلىنىپ، يەنە تارتىشىپ قېلىش خاراكتېرلىك يۆتەل پەيدا بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ساغلاملىق مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
قانداق ئەھۋالدا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؟
بوۋاقلار ۋە بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۆتىلىش ۋاقتى بىر ھەپتىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرەققىي قىلىپ ئېغىرلىشىدۇ؛ كېچىدە يۆتىلىش ئېغىر بولۇپ، ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ يۆتەلگەندە نەپەس ئالالماسلىق، ئېغىز ئەتراپى كۆكىرىپ كېتىش، ھەتتا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
چوڭلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر نەپەس تېزلىشىش ياكى نەپەس قىيىنلىشىش، يۆتەلگەندە كۆكرەك ئاغرىش ياكى يۈرەك بىئارام بولۇش، بولۇپمۇ يۈرەك-ئۆپكە ئاساسىي كېسىلى بار ياشانغانلارمۇ باشقا كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىشى كېرەك.
قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، يۇقۇش مەنبەسىنى كونترول قىلىش، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش، ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىنى قوغداش كېرەك.
ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا ۋاقتىدا، پۈتۈن مۇساپىدە كۆك يۆتەل تەركىبلىك ۋاكسىنا ئەملىتىش كېرەك.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئامما ياخشى شەخسىي تازىلىق ئادىتىنى ساقلىشى، قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇشى، يۆتەلگەندە ياكى چۈشكۈرگەندە ئېغىز-بۇرنىنى توسۇۋېلىشى؛ ئۆگىنىش، خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىشى، مۇۋاپىق دەم ئېلىشى، مۇۋاپىق چېنىقىپ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
بوۋاقلار، بالىلار، ياشانغانلار، تېنى ئاجىزلار، ھامىلىدار ئاياللار كۆك يۆتەل تارقىلىشچان مەزگىلىدە، ئامال بار ئادەم زىچ توپلاشقان جايلارغا بارماسلىقى، ئاممىۋى سورۇنلاردا ماسكا تاقاشقا دىققەت قىلىشى، يۆتەل بولۇپ قالغانلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. كۆك يۆتەل بىلەن يۇقۇملانغان ئاتا-ئانىلار ياكى باشقا ئائىلە ئەزالىرى ئاساسلىق يۇقۇش مەنبەسى بولۇپ، بالىسى بار ئائىلىلەر مۇداپىئەنى كۈچەيتىشى كېرەك. چوڭلاردا يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا ماسكا تاقاپ، بالىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
قانداق داۋالاش كېرەك؟
ئادەتتە ئالدى بىلەن ماكرولىد تۈرىدىكى دورىلار، مەسىلەن، ئېرىترومىتسىن (红霉素)، ئازىترومىتسىن (阿奇霉素) قاتارلىقلار دورىلارنى تاللاپ ئىچىش كېرەك. بەزى بالىلارغا ماكرولىد تۈرىدىكى دورىلارنىڭ تەسىر قىلىشى ئاستا، بۇنداق ئەھۋالدا سۇلفانىلامىد تۈرىدىكى دورىلار ئارقىلىق داۋالاش قىلىدۇ.
داۋالاش دەۋرى يەككە تەن پەرقى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە داۋالاش دەۋرى ئىككى ھەپتە بولىدۇ، ئەھۋالغا قاراپ دورا يېيىش ۋاقتىنى قىسقارتىشقا بولىدۇ. ئەگەر ئەگەشمە كېسەللىك بولمىسا، دورا ئىشلىتىش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلسە، يەنە ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
«كۆك يۆتەلگە دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاش لايىھەسى (2023-يىل نەشرى)»دە جۇڭيى تېبابىتى بويىچە داۋالاش لايىھەسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كونكرېت رېتسىپلارنى تەڭشەشتە جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرلىرىنىڭ يۈزتۇرا دىياگنوز قويۇشىغا توغرا كېلىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى