تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى يىللىق ئاتچوت قىلىش چېكى ئۆستۈرۈلدى! 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

   يېقىندا

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىدە

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە

  كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى ئۆزئارا قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى»

  (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش چارىسى» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىنىپ

  ئىشچى - خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەنىڭ

   1 -،2 -، 3 - دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر تۇتاش غەملەنگەن فوندىنىڭ چىقىم نىسبىتىنىڭ بىردەك 5 پىرسەنت پوئېنت ئۆستۈرۈلگەنلىكى

  يىللىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكىنىڭ 3000 يۈەندىن 4000 يۈەنگە تەڭشەلگەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

  «يولغا قويۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىشچى - خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىملارنىڭ بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش، دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە شەكىللەنگەن سىياسەت دائىرىسىدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ بىر قېتىمدا بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەنىڭ يىللىق چەكلىك سوممىسى ئىچىدە بىر تۇتاش غەملەنگەن فوندتىن نىسبەت بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ. ھەر قايسى بىر تۇتاش غەملەنگەن رايونلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت ئۆلچەمنى بېكىتىدۇ.

  ئادەتتىكى كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى بىر تۇتاش غەملەنگەن فوندتىن چىقىم قىلىشتىكى بىر قېتىملىق باشلىنىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە تەڭ دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كېسەلخانىدا يېتىش خىراجىتىنى چىقىم قىلىشتىكى باشلىنىش ئۆلچىمىنىڭ %10ى بويىچە بېكىتىلىدۇ،  ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدە كۆپ قېتىم داۋالانغانلارنىڭ 2 - قېتىمدىن باشلاپ تۇنجى قېتىملىق كېسەلخانىدا يېتىش خىراجىتىنى چىقىم قىلىشتىكى باشلىنىش ئۆلچىمىنىڭ %5ىگە تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ 1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى بىر قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 300 يۈەن، 800 يۈەن، 1300 يۈەن قىلىپ بېكىتىلىدۇ؛ يىللىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى پىرىنسىپ جەھەتتە 4000 يۈەن قىلىپ بېكىتىلىدۇ. كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى ئۆزئارا قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىش كاپالەتلىتىنىڭ  يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، فوندنىڭ يۈرۈشۈشىگە، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ.

  1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى ئادەتتىكى كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى بىر تۇتاش غەملەنگەن فوندتىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %80، %70، %60 بولىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پېنسىيەگە چىققان خادىملارغا داۋاملىق 5 پىرسەنت پوئىنت مايىللاشتۇرۇلىدۇ. دەرىجىسى بېكىتىلمىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىرىنچى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.

  «يولغا قويۇش چارىسى» 2024 - يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

  كۈچكە ئىگە مۇددىتى بەش يىل

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر

  ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى ئۆزئارا قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»

  (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى [2021] 115- نومۇر) شۇنىڭ بىلەن بىللە بىكار قىلىنىدۇ

  بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى ئۆزئارا قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى [2021] 115- نومۇر) بويىچە بولغاندا، بىر قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى سوممىسى پىرىنسىپ جەھەتتە تەڭ دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كېسەلخانىدا يېتىش خىراجىتىنى چىقىم قىلىشتىكى باشلىنىش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلەتتى، يىللىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى سوممىسى پىرىنسىپ جەھەتتە 3000 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەنىدى. 1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى ئادەتتىكى كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى بىر تۇتاش غەملەنگەن فوندتىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %75، %65، %55 ئىدى.

  ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ

  ««شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە

  كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى ئۆز ئارا قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ (تولۇق مەزمۇنى)نى كۆرۈڭ

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئامممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.