تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئامبۇلاتورىيە چىقىمىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %85كە تەڭشەلدى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئامبۇلاتورىيەدە ئۆزئارا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش چارىسى» دېيىلىدۇ)ئېلان قىلىندى. «يولغا قويۇش چارىسى» بويىچە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پېنسىيەگە چىققان خادىملار ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىپ دورا سېتىۋالغاندا بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %85كە تەڭشىلىدۇ.

   «يولغا قويۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىملارنىڭ بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەلگە دىياگنوز قويدۇرۇش، داۋالىنىش، دورا سېتىۋېلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق كۆرۈلگەن سىياسەت دائىرىسىدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ بىر قېتىمدا بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى، ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەنىڭ يىللىق چەك سوممىسى ئىچىدە بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن نىسبەت بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ. ھەرقايسى بىر تۇتاش غەملەيدىغان رايونلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت ئۆلچەمنى بېكىتىدۇ. 

   1-، 2-، 3-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %80، %70، %60 بولىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پېنسىيەگە چىققان خادىملارغا داۋاملىق 5 پىرسەنت پوئىنت مايىللاشتۇرۇلىدۇ. دەرىجىسى بېكىتىلمىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى 1-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ. 

   بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئامبۇلاتورىيەدە ئۆزئارا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى [2021] 115- نومۇرلۇق) بويىچە بولغاندا، 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %75، %65، %55 ئىدى، پېنسىيەگە چىققان خادىملارغا مايىللاشتۇرۇش نىسبىتى 5 پىرسەنت پوئىنتتىن يۇقىرى بولمايتتى. دەرىجىسى بېكىتىلمىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى 1-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى بويىچە ئىجرا قىلاتتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.