تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلەر ئارقىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چوغىنى ئېلىشنى چۈشىنىۋېلىڭ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

4- ئاينىڭ 16- كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چوغى

ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان

گىرېتسىيە پېلوپوننېسوس يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى ئولىمپىيە خارابىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىندى

ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنى ئېلىش بىلىملىرىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلىرىدىن بىرلىكتە چۈشىنىۋالايلى

↓↓↓

مۇقەددەس ئوتنىڭ ئەھمىيىتى

چوغ ئېلىش مۇراسىمى 1- نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن جاي − گىرېتسىيەدىكى قەدىمكى ئولىمپىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، مۇقەددەس ئوت قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى باغلىدى. ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتى قەدىمدىن تارتىپ تىنچلىق ۋە دوستلۇقنىڭ سىمۋولى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئوتنى سىمۋول قىلىپ زىچ ئىتتىپاقلىشىشىدىكى ئاكتىپ قىممەت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

2024- يىلى 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمىدا، ئايال كاھىننىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس چوغ قۇتىسىنى تۇتۇپ تۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جىڭ فوتوسى

چوغ ئېلىش ئورنى

1936- يىلىدىكى بېرلىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم چوغ ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمى ئىزچىل گىرېتسىيەدىكى قەدىمكى ئولىمپىيىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنى يەتكۈزۈش 1952- يىلىدىكى نورۋېگىيە ئوسلو قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن باشلاندى، لېكىن ئۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوغى قەدىمكى ئولىمپىيەدىن ئېلىنمىغان. 1964- يىلى ئىنسبرۇك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ، چوغ ئېلىش مۇراسىمى تۇنجى قېتىم يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن تولۇق تۇتاشتۇرۇلدى.

2008- يىلى 3- ئاينىڭ 24- كۈنى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمى گىرېتسىيەدىكى ئولىمپىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، ئالىي ئايال كاھىننىڭ رولىنى ئالغان مارىيە نافۇپۇردۇ (ئالدى تەرەپ ئوڭدا) چوغ قۇتىسىغا ئوت تۇتاشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چى خېڭ فوتوسى

2021-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمىدا، ئالىي ئايال كاھىننىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس جورجىيۇ چوغ ئالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جېڭ خۇەنسۇڭ فوتوسى

چوغ ئېلىش ئۇسۇلى

سۈنئىي ئۇسۇلدا ئوت يېقىشقا ئوخشىمايدۇ، مۇقەددەس ئوتنىڭ پاكلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، چوغ قۇياش نۇرىدىن ئېلىنىدۇ. ئېلىش جەريانى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، پېتىنقى ئەينەك ئارقىلىق قۇياش نۇرىنى يىغىپ، مەشئەلدىكى پىليونكىغا ئوت تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

2024-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئالىي ئايال كاھىننىڭ رولىنى ئالغان مارى مىنا (ئالدى تەرەپ سولدا) پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمىنىڭ رېپېتىتسىيەسىدە چوغ ئالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ دىڭجې فوتوسى

2024- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى، خىزمەتچى خادىم پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمىنى رېپېتىتسىيە قىلىشتىن بۇرۇن چوغدان ۋە مەشئەلنى تەكشۈرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ دىڭجې فوتوسى

چوغ ئالغاندا ئىشلىتىلىدىغان مەشئەل

 چوغ ئېلىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلىدىغان مەشئەل بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزۈش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان مەشئەل ئوخشىمايدۇ،چوغ ئېلىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلىدىغان مەشئەل ساپ كۈمۈشتىن ياسىلىدۇ، لايىھەلەش ئىلھامى ھېرا ئىبادەتخانىسىدىكى تۈۋرۈكتىن كەلگەن.

2024- يىلى 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمىدا، ئالىي ئايال كاھىننىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس مارى مىنا مەشئەلنى كۆرسەتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جىڭ فوتوسى

يىغىش مۇراسىمىدىكى كۆڭلەك كىيگەن ئايال ئارتىسلار

 ئۇلار ئايال كاھىننىڭ رولىنى ئالىدىغان ئارتىسلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالىي ئايال كاھىننىڭ رولىنى ئالىدىغان ئارتىس چوغنى تۇتاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

2024- يىل 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمىدا، ئايال كاھىننىڭ رولىنى ئالغان بىر ئارتىس قولىدا چوغ قۇتىسىنى تۇتۇپ تۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جىڭ فوتوسى

2024- يىلى 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمىدا، ئالىي ئايال كاھىننىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس مارى مىنا مۇراسىمدا ئىبادەت قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جىڭ فوتوسى

2024- يىلى 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمىدا، ئالىي ئايال كاھىننىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس مارى مىنا مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ دىڭجې فوتوسى

 ئايال كاھىنلار كىيىدىغان كىيىم- كېچەكلەر

 ئۆتكەن بىر نەچچە نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمىدىكى «ئايال كاھىن»نىڭ كىيىمى «Chiton» دەپ ئاتىلىپ، قەدىمكى ئولىمپىيەنىڭ ئەنئەنىۋى نىمچىسىنى ئاساس قىلغان. پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمىدىكى كىيىم- كېچەكلەر ئاق- قارا قوش رەڭدە يېڭىچە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى ئاق ياكى سۇس يېشىل رەڭگە ئوخشىمايدۇ.

2024- يىلى 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمىدا، ئايال كاھىننىڭ رولىنى ئالغان ئارتىسلار ماھارەت كۆرسەتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ دىڭجې فوتوسى

2020- يىلى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمىدا، ئايال كاھىنلارنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىسلار ئوت تۇتاشتۇرۇلغان چوغ قۇتىسىنى قوغداپ ماڭماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ئانتونىس نىكولوپلوس فوتوسى)

  چوغ ئېلىش جەريانىدا ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولسا ياكى يامغۇر ياغسا قانداق قىلىش كېرەك؟

چوغ ئېلىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن رېپېتىتسىيە قىلىنىدۇ. رېپېتىتسىيە جەريانىدا ئېلىنغان چوغ ساقلاپ قويۇلۇپ، چوغ ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى ھاۋا شارائىتى ياخشى بولمىغاندا ئىشلىتىلىدۇ. پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چوغىنى ئالغاندا ھاۋا تۇتۇق بولدى.

2024- يىلى 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمىدا، ئالىي ئايال كاھىننىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس مارى مىنا كۆيۈۋاتقان چوغ قۇتىسىدىن مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جىڭ فوتوسى

2024- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئالىي ئايال كاھىننىڭ رولىنى ئالغان مارى مىنا پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوغىنى يىغىش مۇراسىمىنىڭ رېپېتىتسىيەسىدە مۇقەددەس ئوتنى تۇتاشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ دىڭجې فوتوسى

مەشئەل يەتكۈزۈش باشلاندى

قەدىمكى ئولىمپىيە تەنتەربىيە مەيدانىدا، ئالىي ئايال كاھىن چوغنى ۋە تىنچلىققا سىمۋول قىلىنغان زەيتۇن شېخىنى بىرلىكتە تۇنجى مەشئەل يەتكۈزگۈچىگە تاپشۇرۇپ بەردى، بۇ، ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈشنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

2024- يىل 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمىدا، ئالىي ئايال كاھىننىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس مارى مىنا (ئالدى تەرەپ ئوڭدا) تۇنجى مەشئەل يەتكۈزگۈچى گىرېتسىيە تەنھەرىكەتچىسى، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەر مۇسابىقە قېيىقى تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى ستېفانوس ئېنتۇسكوسنىڭ قولىدىكى مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ دىڭجې فوتوسى

2024- يىل 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمىدا، تۇنجى مەشئەلچى − گىرېتسىيە تەنھەرىكەتچىسى، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر مۇسابىقە قېيىقى تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى ستېفانوس ئېنتۇسكوس (ئالدى تەرەپ سولدا) ئالىي ئايال كاھىننىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس مارى مىنانىڭ قولىدىن زەيتۇن شېخىنى ئالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ دىڭجې فوتوسى

ئالدىنقى ئىككى مەشئەل يەتكۈزگۈچى

 ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بىرىنچى مەشئەل يەتكۈزگۈچىلىكنى گىرېتسىيە تەنھەرىكەتچىلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئىككىنچى مەشئەل يەتكۈزگۈچىلىكنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەتنىڭ تەنھەرىكەتچىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىمقى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈشتىكى تۇنجى مەشئەلچى گىرېتسىيە تەنھەرىكەتچىسى، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر يالغۇز كىشىلىك قوش پالاقلىق مۇسابىقە قېيىقى تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى ستېفانوس. ئىككىنچى مەشئەل يەتكۈزگۈچى فىرانسىيە سۇ ئۈزۈش ئولىمپىك چېمپىيونى مانودۇ.

2024- يىل 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنىڭ چوغىنى ئېلىش مۇراسىمىدا، تۇنجى مەشئەلچى − گىرېتسىيە تەنھەرىكەتچىسى، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر مۇسابىقە قېيىقى تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ستېفانوس ئېنتۇسكوس پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى ۋە زەيتۇن شېخىنى كۆتۈرۈپ يەتكۈزمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ دىڭجې فوتوسى

2024- يىل 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، تۇنجى مەشئەل يەتكۈزگۈچى − گىرېتسىيە تەنھەرىكەتچىسى، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەر مۇسابىقى قېيىقى تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى ستېفانوس ئېنتۇسكوس (ئوڭدا) بىلەن ئىككىنچى مەشئەل يەتكۈزگۈچى− فىرانسىيە سۇ ئۈزۈش ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى مانودۇ مۇقەددەس ئوتنى يەتكۈزمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (مارىئوس رولوس فوتوسى)

2024- يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوغى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىندى

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي ئولىمپىيەدىن سېنا دەرياسى بويىغا يەتكۈزۈلىدۇ

بىز بىرلىكتە پارىژنىڭ پۈتۈن دۇنياغا بىر مەيدان تەنتەربىيە كاتتا يىغىلىشى تەقدىم قىلىشىنى كۈتەيلى!

پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.