تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

نەنسەندە سىناق تەرىقىسىدە چېلىزا ئۆستۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى! «1-ماي»دا ئېغىز تېگەلەيسىز

يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن 

ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە  

 يەرلىك چېلىزىنى يېيەلەيسىز

ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگۇ بازىرى بەنفاڭگۇ كەنتىدىكى چېلىزا ئۆستۈرۈش پارنىكىدىكى دانە-دانە توق پىشقان چېلىزىلار شاخلاردا ئېسىلىپ تۇراتتى. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى گو جۈنگې فوتوسى 

يېقىندا 

مۇخبىر ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگۇ بازىرى بەنفاڭگۇ كەنتىدىكى 

چېلىزا ئۆستۈرۈش پارنىكىغا كىرىپ

ئانچە ئېگىز بولمىغان تۈپ-تۈپ چېلىزا دەرىخىدىكى

قاتمۇقات يېشىللىقلار ئارىسىدا

توق پىشقان مېۋىلەرنىڭ شاخلاردا  ئېسىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى

     ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگوۋ بازىرى بەنفاڭگوۋ كەنتىدىكى چېلىزا ئۆستۈرۈش پارنىكىىدا، كەنت ئاھالىسى چېلىزىنىڭ مېۋە بېرىش ئەھۋالىنى كۆرمەكتە. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى گو جۈنگې فوتوسى 

چېلىزا تېرىقچىلىق ئائىلىسى 

نەنسەن بانى بۆلجۈرگەنلىكىنىڭ مەسئۇلى جاڭ تاۋ مۇنداق دېدى

 بۇ 100 تۈپ چېلىزا دەرىخى بۇلتۇر شەندۇڭدىن كىرگۈزۈلگەن مايسا بولۇپ 

پارنىكتا ئۆستۈرۈلىدىغان بولغاچقا

تېمپېراتۇرا، نەملىك دەرىجىسى قاتارلىقلار مۇۋاپىق كونترول قىلىنىشى كېرەك 

مېۋىسىنىڭ تەمى ناھايىتى ياخشى  

مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىللىق ھوسۇلى 200 كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدىكەن

«1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە پىشىپ بازارغا سېلىنىپ 

شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈزۈشىگە تەمىنلىنىدىكەن 

يەنە بۇلارمۇ بار، يېڭى مېۋىلەر سىزنىڭ تېتىپ بېقىشىڭىزنى كۈتمەكتە 

ئوت يۇرتى كىچىك تاۋۇزى 

پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزىسىدا تېرىلغان 

ئوت يۇرتى كىچىك تاۋۇزىنىڭ

شاپىقى نېپىز ھەم يۇمشاق، ئېتى چۈرۈك ھەم تاتلىق 

ھازىر پىشىپ بولدى 

قوغۇن 

پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىسىدىكى

پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن قوغۇننىڭ 

تاتلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، تەمى ياخشى، ساقلاش، توشۇشقا چىداملىق بولۇپ 

پات ئارىدا بازارغا سېلىنىدۇ 

ياڭجياۋمى

كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسىدا 

پارنىكتىن پايدىلىنىپ ئۆستۈرۈلگەن ياڭجياۋمىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ 

تۇنجى قېتىملىقى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا مېۋە بېرىپ بازارغا سېلىنىدۇ 

ياڭجياۋمى قوغۇنىنىڭ شەكلى قوي مۈڭگۈزىگە ئوخشايدىغانلىقى بىلەن نامى چىققان بولۇپ،

قەنت تەركىبى يۇقىرى، شاپىقى نېپىز، چۈرۈك ھەم يېيىشلىك 

​چارتال 

پوسكام ناھىيەسى ئاقتام يېزىسىدا 

پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن چارتال پات ئارىدا پىشىدۇ  

مېۋىسى تاتلىق، يۇمشاق، شىرنىلىك بولۇپ 

ناھايىتى يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە 

ساغلاملىققىمۇ نۇرغۇن پايدىسى بار

تېزراق شىنجاڭغا كېلىپ قوغۇن-تاۋۇزلىرىنى بىر داملىتىۋېلىڭ

    مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.