4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىشچىلار ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ كېمىڭ ئۇنچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
شۇ كۈنى، بۇ شىركەتنىڭ ئۇن-كەسمە چۆپ بىر گەۋدىلەشكەن زاۋۇتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، زاۋۇت ھەر يىلى 62 مىڭ توننا ئۇن، 42 مىڭ توننا كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقىرالايدۇ. كېمىڭ ئۇنچىلىقى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، چەت ئەل بازارلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، چەت ئەللىك ئىستېمالچىلار ياقتۇرىدىغان خاس مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىپ، مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ساتىدۇ.