4-ئاينىڭ 8-كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلبويى بازىرى يېڭىئايماق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئېلىجان راخماننىڭ توشقان كاتىكىدە، قەپەستىكى توشقانلار سېمىز، تېمەن، تۈكلىرى قاردەك ئاپئاق بولۇپ، ئېلىجان راخمان توشقانلىرىغا يەم بېرىۋاتاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىئايماق كەنتى گۆش توشقىنى باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى «ھەميېنى»نى تەدرىجىي تومپايتىپ، «بېيىش يولى»غا پۇختا قەدەم ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر لى شىنيۈ)
ئېلىجان راخمان توشقاننىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
ئېلىجان راخمان ئۆزى باققان توشقاننى كۆرسەتمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى