تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسىدا ئارىلىق ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، «شىنجاڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسىدىكى ئارىلىق ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارنىڭ بېلەت باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ تەڭشەش ئېلىپ بارغان. 

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسىدا كەركىداننى تاماشا قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى

   يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى ئارىلىق ئاپتوموبىلى ۋە ساياھەت ئاپتوموبىلىنىڭ بېلەت باھاسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»، «تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسى ئارىلىق ئاپتوموبىلىنىڭ بېلەت باھاسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

   بۇنىڭ ئىچىدە بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى ئارىلىق ئاپتوبۇسىنىڭ بېلەت باھاسى بېرىش ـ كېلىش 75 يۈەن ئادەم (قېتىم)دىن يەككە مۇساپە 31 يۈەن ئادەم (قېتىم)گە، بېرىش ـ كېلىش 62 يۈەنگە تەڭشەلدى، ساياھەت ئاپتوموبىلىنىڭ بېلەت باھاسى يەككە مۇساپە 10 يۈەندىن يەككە مۇساپە توققۇز يۈەنگە، بېرىش ـ كېلىش 18 يۈەنگە تەڭشەلدى. تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسى ئايلانما لىنىيە ئارىلىق ئاپتوبۇسىنىڭ بېلەت باھاسى 30 يۈەن ئادەم (قېتىم)دىن 18 يۈەن ئادەم (قېتىم)گە تەڭشەلدى.

   يۇقىرىقى بېلەت باھاسى سىياسىتى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەنزىرە رايونلىرىدىن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قاراتقان ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.