تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جەلپكارلىقىنى مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا ئىكەن»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يۈ شى، لى لىن، ما بېي، شېن زۇشياۋ

«شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەللىكىدىن كىشىنىڭ كېتىشكە كۆزى قىيماي قالىدىكەن!» «شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جەلپكارلىقىنى مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا ئىكەن!»... 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، 2024 - يىللىق «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ياش ئوقۇغۇچىلار ئەتىيازلىق لاگېرىنىڭ لاگېر ئەزالىرى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ، بۇ مەكتەپلەرنى توختىماي تەرىپلىدى.

شۇ كۈنى، قۇياش ئىللىق نۇرلىرىنى چاچقانىدى، مەيىن شامال كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا سەككىز دۆلەتتىن كەلگەن 500گە يېقىن ياش ئوقۇغۇچى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە شىنجاڭ ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ قىياپىتىنى قانغۇچە ھېس قىلدى.

شىنجاڭ داشۆ بودا مەكتەپ رايونى كۇتۇپخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 60 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، 1 مىليون 400 مىڭ پارچە كىتاب بار. ئىقتىدارى تولۇق بۇ كۇتۇپخانىدا، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان لاگېر ئەزالىرى كىتابلارنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ، دېكلاماتسىيەخانا ۋە تىۋىشسىز بۆلمىگە كىرىپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى، يەنە «بوۋاڭتەي سۇپىسى»غا چىقىپ بوغدا چوققىسىغا يىراقتىن نەزەر سالدى. «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بايلىقى مول، مۇھىتى ئازادە زامانىۋىلاشقان ئاقىل كۇتۇپخانىغا كىرىشىم، ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم» دېدى قىرغىزىستان بىشكەك يېڭىلىق يارىتىش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ستانىسلاف زالىيا.

مىجەزى ئوچۇق - يورۇق، شوخ مارادبېك ئامانتۇر قىرغىزىستان ئارابايېف دۆلەتلىك داشۆسى كۇڭزى دەرسخانىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. بۇ، 19 ياشلىق مارادبېكنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كېلىپ ساياھەت - ئۆگىنىش، ئېكسكۇرسىيەدە بولۇشى. شىنجاڭ داشۆ بودا مەكتەپ رايونىدىكى «ئۆلكە - مىنىستىرلىق ئورتاق قۇرىدىغان كاربون ئاساسىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقى خىمىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى»دا، بۇ تەجرىبىخانىنىڭ كاربون ئاساسىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشتىكى ئورتاقلىققا ئىگە ئاچقۇچلۇق ئىلمىي مەسىلىلەر ۋە تېخنىكىدىكى بوغما ھالەتنى بۆسۈپ ئۆتۈشنى ئاساسلىق ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، مارادبېك باشمالتىقىنى چىقىرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ھەم كەسىپنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگىلى، ھەم قىزىقىشنى كېڭەيتكىلى بولىدىكەن، بۇ، ئىلىمگە ئىنتىلىش ئېگىزلىكى ئىكەن».

چاي تالقىنى سېلىپ، چاي مەلھىمى تەڭشەپ، چاي قوچۇغۇچ بىلەن چاينى ئارىلاشتۇرۇش... شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ۋېنچۈەن مەكتەپ رايونىدىكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيە - ئەمەلىيەت بازىسى (گۈزەللىك تەربىيەسى سىڭدۈرۈش ئەمەلىيەت بازىسى) چاي سەنئىتى ئۆيىدە، پاكىستان كاراچى داشۆسى جۇڭگو تىل - ئەدەبىيات كەسپىنىڭ 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىسمايىل بىلەن ھەيدەر ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، چاي دەملەش تەرتىپىنى بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن تاماملىدى. «جۇڭگونىڭ چاي مەدەنىيىتى پاكىستاندا ناھايىتى داڭلىق، مېنىڭ چاي سەنئىتىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىشىم، ئۆگىنىشىم، مەن جۇڭگونىڭ چاي مەدەنىيىتىنى ئېلىپ كېتىپ، ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمغا ھەمبەھرىلەيمەن» دېدى ئىسمايىل.

«ئىسمىڭىز نېمە؟ بىز دوست بولساق بولامدۇ؟» شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ۋېنچۈەن مەكتەپ رايونىدىكى مائارىپ تېخنىكا ئىلمى تەجرىبىخانىسىدا، قىرغىزىستان ئوش دۆلەتلىك داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئاقشۇرا كومپيۇتېر ئېكرانى ئالدىدا AI رەقەملىك ئادەم بىلەن توختىماي پاراڭلىشىۋاتاتتى. AI رەقەملىك ئادەم بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا، ئۇ يەنە مەۋھۇم ئاڭلىتىش ئۆيىگە كېلىپ بىر قېتىم خەۋەر دىكتورى بولۇپ باقتى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مەكتەپ قورۇسىدىكى تېرەك، سۆگەتلەر يوپۇرماق چىقارغان، ئوت - چۆپلەر ياشارغانىدى، ئوقۇغۇچىلار زىيارەتكە كەلگەن ئەتىيازلىق لاگېرنىڭ لاگېر ئەزالىرىدىن پات - پات ئەھۋال سورايتتى. مەكتەپنىڭ گۈزەل تەبىئىي مۇھىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تاجىكىستان مېتاللۇرگىيە شۆيۈەنى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئوۋ لىنجۇڭ ئۆزىنى باسالماي سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇردى، «جۇڭگودىكى داشۆلەر ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن، بۇ يەردە داشۆدە ئوقۇش ھەقىقەتەن بەخت ئىكەن».

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات ئەۋرىشكە سارىيى پەن تەتقىقات، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئەۋرىشكە ياساش ۋە ساقلاش ئىقتىدارى توپلاشتۇرۇلۇپ بىر گەۋدە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى ئېكولوگىيەلىك ئەۋرىشكە سارىيى بولۇپ، بېلىقلار، قوش ماكانلىق ھايۋانلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار قاتارلىقلارنىڭ 300 نەچچە خىل ئەۋرىشكىسى بار. چۈشەندۈرگۈچىنىڭ شىنجاڭ پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى، قىزىل تۈلكە، يىلپىز قاتارلىقلار توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان تاشكەنت دۆلەتلىك ئىقتىساد داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سابىنا مۇنداق دېدى: «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاساس، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى بۇ جەھەتتە نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىپتۇ، مەن ئەستايىدىل خاتىرىلىۋېلىپ، دۆلىتىمگە قايتقاندىن كېيىن ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمغا تەشۋىق قىلىمەن، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى».

شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىدە، بىر مەيدان جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش دەرسى ئەتىيازلىق لاگېرنىڭ لاگېر ئەزالىرىنى ناھايىتى قىزىقتۇردى. رۇسىيە موسكۋا دۆلەتلىك تىل داشۆسىدىن كەلگەن كونستانتىن قولىدا موي قەلەمنى تۇتۇپ، «发» ۋە «学» خېتىنىڭ فەنتى خەت نۇسخىسىنى يازدى. «شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مول، رەڭدار مەكتەپ پائالىيەتلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. مەكتىپىمىزدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچى جۇڭگونىڭ تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدۇ، مەنمۇ بۇنىڭغا قاتنىشىپ تىرىشىپ ئۆگىنىمەن».

بىر ياغاچ يەلپۈگۈچنى بوياق لەيلەپ تۇرغان داسقا چۆكۈرۈپ، قولنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ رەڭ بېرىشكە ئەگىشىپ، سۈزۈپ چىققان يەلپۈگۈچ يۈزىدە بىر پارچە جۇڭگوچە رەسىم شەكىللەندى. ھىندىستان يېڭى دېھلى نېھرۇ داشۆسىدىن كەلگەن سۇدى خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇيدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو مەدەنىيىتى مول ۋە رەڭدار، يەنىمۇ چۈشىنىش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ تىل - يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۆزۈم ئۆگەنگەن تىل ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، چۈشىنىش كۆۋرۈكى بولىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.